ھەپتىلىك خەۋەرلەر (25 – نويابىر – 1 – دېكابىر)

رابىيە قادىر خانىم ياۋروپا پارلامېنتىدا

د ئۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 11 – ئاينىڭ 27 – كۈنى گېرمانىيىدىكى پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان، د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىت ئەپەندىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا شۇ كۈنى كەچ بېلگىيە پايتەختى بريۇسسېلغا بېرىپ، 11 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ۋە 29 – كۈنلىرى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان.

رابىيە قادىر خانىم ئۆتكەن دۈشەنبە كۈن يەنە گېرمانىيە باۋارىيە شتاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە سىياسى پارتىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئالاھىدە ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى. ئۇ، گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ باۋارىيە كومىتېتى مەسۇلى مارگارىتا خانىم بىلەن ئۇچراشقاندا مارگارىتا خىتاينىڭ ميۇنخېندىكى باش كونسۇلىنى "جاسۇسلۇق قىلىش" بىلەن ئەيىپلىدى.

رابىيە خانىمنىڭ ياۋروپا سەپىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

رافتو فوندى جەمىيىتى ئالىم ئابدۇرېھىمغا جازا ھوكۇم قىلىنىشىغا قارىتا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى

نورۋىگىيە رافتو فوندى جەمىيىتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئالىم ئابدۇرېھىمنىڭ 7 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن 28 - نويابىر كۈنى مەخسۇس نارازىلىق ئوچۇق خېتى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ خەت نورۋېگىيىدىكى كىشلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە پارلامېنتىدىكى خىتاي ئىشلىرىغا مەسۇل كومىتېتقا ۋە شەخسلەرگە يوللانغان. رافتو فوندى جەمىيىتىنىڭ باشلىقى ئارنا ئەپەندى رابىيە قادىرنىڭ دۇنيا ئۇيگۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى بولغانلىقىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قىلمىشىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كاتولىك دىنى رەھبىرى تۈركىيەنى زىيارەت قىلدى

ۋاتىكان كاتولىك دۇنياسىنىڭ رەھبىرى، رىم پاپاسى بېنېدىكت 16 تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئاھمەت نەجدەت سەزەرنىڭ رەسمىي تەكلىپىگە بىنائەن ئۆتكەن ھەپتە ئەنقەرە ۋە ئىستامبۇل قاتارلىق جايلاردا بولدى، بىراق ئۇنىڭ بۇ زىيارىتى تۈركلەرنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرىغا دۇچ كەلدى. ۋاتىكان سەپىرى بۇ سەپىرى ئارقىلىق ئىسلام دۇنياسى بىلەن خرىستىيان دۇنياسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

خىتايدا 15 دىنىي جەمىيەت ئەزاسىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى

رىم پاپاسى تۇركىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىكى 'سەنبەنپۇرىن' دېگەن ئائىلىۋى دىنى تەشكىلاتنىڭ مۇرتلىرى سەندۇڭ، جياڭشى، سىچۇئەن قاتارلىق 7 ئۆلكىگە تەرەققى قىلىپ سانى 500 مىڭغا يەتكەندە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى 2004 ‏- يىلى بۇ تەشكىلاتنىڭ 20 نەپەر ئەزاسى ئۈستىدىن ئادەم ئۆلتۈرگەن'، ئالدامچىلىق قىلغان' دېگەن جىنايى نام بىلەن سوتقا شىكايەت سۇنغان ھەمدە 15 ئادەمگە ئۆلۈم ھۆكۈم قىلغان ئىكەن. تەيۋەدە مۇستەقىللىق خاھىشلىرى ئۆرلىمەكتە

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇيىل 11 ‏- ئايدا تەيۋەن سىياسى ئۇنىۋېرسىتېتى، ياپونىيىنىڭ ئوكىناۋا ئۇنىۋەرسىتېتى ۋە خوڭ كوڭ ئۇنىۋەرسىتېتى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان راي سىناشتا 'تەيۋەن مۇستەقىل بولۇشى كېرەك' دەپ قارايدىغان تەيۋەن پۇقرالىرىنىڭ نىسبىتى بۇلتۇرقى 59% تىن 62% كە ئۆرلىگەن. مۇستەقىللىقنى خالىمايدىغانلار بارا-بارا ئازايماقتا. تەيۋەندىكى مۇستەقىللىق خاھىشلىرىنىڭ ئۆسۈشى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇق رەھبەرلىرىنى بىئارام قىلماقتا.

خىتاي ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنى تەستىقلىشى مۇمكىن

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى 2008 - يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتى 1998 - يىلى ئىمزالىغان، لېكىن خەلق قۇرۇلتىيى ھازىرغىچە تەستىقلاشنى كېچىكتۈرۈپ كەلگەن ب د ت " پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇقى خەلقئارا ئەھدىنامىسى" نى تەستىقلىشى مۇمكىن. بەزى كۈزەتكۈچىلەر بۇ ئەھدىنامىنىڭ تەسقىتلاشنىڭ ئۆزى بىر ئىلگىرىلەش، دەپ قارىسا، لېكىن بەزى ئانالىزچىلار بۇ ئەھدىنامە تەستىقلانغان تەقدىردىمۇ، لېكىن خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، خىتاي 2008-يىللىق ئولىمپىك يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشقا ۋەدە بەرگەن ئىكەن.

مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى

سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، مەيدانغا كەلگەن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقى گەرچە 15 يىل ۋاقىتنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، بىراق بۈگۈنكى كۈندە ئۇ پارچىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. رۇسىيە رەھبىرى مەزكۇر تەشكىلاتنى ئىسلاھ قىلىشنى، ئۇنىڭ رولىنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلماقتا. مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقىغا ئەزا بىر قىسىم ئەللەر رەھبەرلىرى بېلورۇسىيىگە جەم بولۇپ، ئۆز كېلەچىكىنى مۇزاكىرە قىلدى. (ئۈمىدۋار)