رابىيە قادىرنىڭ تەرجىمھالى نەشرىدىن چىقىدۇ
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ نامىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە كەڭ تونۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ تەرجىمھالىغا بولغان قىزىقىشلارمۇ ئاشماقتا.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەرجىمىھالى پات ئارىدا گېرمانىيىدە نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەم مەزكۇر ئەسەر ئۈچۈن قەلەم تەۋرىتىۋاتقان مەشھۇر يازغۇچى ئالېكساندىرىئا خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. ئالېكساندرىئا خانىم رابىيە خانىم ھەققىدىكى مەزكۇر كىتابقا "بىر ئايالنىڭ ئەجدىھا بىلەن ئېلىشىشى" دەپ نام قويغان بولۇپ، كىتاب ئالدى بىلەن نېمىس تىلىدا، ئارقىدىن ئىنگلىز قاتارلىق غەرب تىللىرىدا نەشىر قىلىنىدىكەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتىنى قۇتۇلدۇرۇش پائالىيىتى باشلىدى
11-ئاينىڭ 29 – كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى نورۋىگىيە شۆبىسى ئۆزلىرىنىڭ تور بەتىدە ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، ئاتاقلىق كىشلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدە يېتىۋاتقان بالىلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ھەققىدە ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى باشلىدى.
ھازىر يەنە نورۋېگىيىدە 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قارشى بايقۇت ئېلان قىلىش ھەققىدىمۇ مۇنازىرە كېتىۋاتقان بولۇپ، بۇ مەسىلىنى رابىيە قادىر نورۋېگىيىدە زىيارەتتە بولغاندا ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. نورۋېگىيە مەتبۇئاتلىرىدا ماقالىلار ئېلان قىلىنىپ، نورۋىگىيە تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتناشماسلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
قەشقەردە پاسپورت يىغىۋېلىندى
قەشقەردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى يېقىندا، قەشقەر شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئۆيلىرىگە بىرمۇ - بىر كىرىپ، كىشىلەرنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشىگە قارىماي، ئۇلارنىڭ پاسپورتلىرىنى مەجبۇرىي ھالدا يىغىۋالغان.
ئۈرۈمچىدە 10 نەچچە نەپەر ئۇيغۇر ياش سوتلاندى ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى يېقىندا، ئۇزۇندىن بېرى تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان ئۆمەر روزى، سەمەت ئابابەكرى قاتارلىق 10 نەچچە ياشنى "قارا جەمئىيەت تەشكىللىگەن" دەپ جىنايەت تۇرغۇزۇپ سوتلىغان. بۇلار ئىچىدە ئۆمەر روزى گۈلساي مەھەللىسىدە يەر سېتىۋېلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىن ئادەملەرنى كۆچۈرۈپ چىقىپ ماكانلاشتۇرغان. لېكىن بۇ مەھەللە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن ئىكەن.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، يەنە يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى يەنە "ئاڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش ھەرىكىتى" نى قوزغاپ، ئۇيغۇرلار ئىچىدە كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە ئوقۇتقۇچىلاردىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى يۈسۈپجان ياسىن ۋە ئەركىن رەھمىتۇللانى جازالىغان.
كانادادا خىتاينى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش مەسىلىسى بويىچە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى
كانادا تۇرۇشلۇق ئىختىيارى مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇننىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، كانادا ئاسىيا تىنچ - ئوكيان تەتقىقات ئورنى يىغىن چاقىرىپ، كانادا بىلەن ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ سودا - ئىقتىسادى مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى. بولۇپمۇ يىغىندا خىتاي - كانادا مۇناسىۋىتى ۋە خىتاينى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى. يىغىندا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈدىغان دېموكراتىك زاتلار، خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
. قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈر چامباشچى ئابدۇللا تاران
قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر ئۆسمۈر چامباشچى ئابدۇللا تاران، بۇ دۆلەتتىكى ياش نادىر ئۇيغۇر تەنتەربىيىچىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىدە چامباشچىلىق تۈرى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلاردا ھازىرغا قەدەر بەش قېتىم ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن.
ئابدۇللا تاران، تۇنجى قېتىم 2003 - يىلى چامباشچىلىق مۇسابىقىسىدا بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.
قىرغىزىستاندا 50 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدۇ. ئۇيغۇرلار ئاز بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپلىگەن مەشھۇر يازغۇچىلار، ئالىملار، تەنھەرىكەتچىلەر يېتىشىپ چىققان. ئاكادېمىك ئەزىز نارىنبايېف، ئابدۇللا تاران ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
قازاقىستاندا غايىپ بولغان ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ ئىز دېرىكى ھازىرغا قەدەر ئېلىنمىدى
قازاقىستاننىڭ ئالما-ئاتا شەھىرىدە 23- ئۆكتەبىردىن بېرى ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇر مۇساپىرى ئەركىن يارمەمەت سابىرنىڭ ئىز دېرىكى ھازىرغا قەدەر ئېلىنمىدى. مۇساپىرلار كومىسارىياتىنىڭ قازاقىستان ئالما-ئاتا شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىدىكى خادىملار، ئەركىن يارمەمەت سابىر ئىسىملىك ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىك ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ قازاقىستان ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ بەرگەن. قازاقىستان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىگە زەربە بېرىشتە خىتاي بىلەن قويۇق ھەمكارلاشماقتا (ئۈمىدۋار) .