رابىيە قادىر كانادانى زىيارەت قىلدى
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم كانادا سەپىرىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى مونترېئالدىكى زىيارىتىنى چارشەنبە كۈنى تاماملىغاندىن كېيىن، پەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتونغا قايتتى.
رابىيە قادىرنىڭ بىر ھەپتىلىك كانادا زىيارىتى ناھايىتى مول مەزمۇنلۇق ۋە نەتىجىلىك بولغان. ئۇ كانادا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپات بېرىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن سىرت يەنە كانادا پارلامېنتى ، ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. ئەڭ مۇھىمى ئۇ كانادا باش مىنىستىرى ستېپان ھارپەرنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن.
ئامېرىكا دىنىي ئىشلار كومىتېتى رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 13- دىكابىر كۈنى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۈچ ئوغلىنى تۇتۇش ۋە سوتلاش جەريانىدا ئۇلارغا قارىتا تەن جازاسى شۇنىڭدەك قورقۇتۇش ۋە تەھدىت قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلانغانلىقى توغرىسىدا چىققان خەۋەرلەردىن قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچى
كانادادا چىقىدىغان "تورونتو ستار" گېزىتىنىڭ جۈمە كۈنىدىكى سانىدا نىچولاس كەئۇڭ نىڭ ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ كەچۈرمىشلىرى، سىياسى ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان "ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچى" سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىغا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى كانادادا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى" ناملىق قوشۇمچە ماۋزۇمۇ قويۇلغان. بۇ گېزىتكە يەنە رابىيە خانىمنىڭ بىر پارچە رەسىمىمۇ بېرىلگەن.
دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش
10-دەكابىر دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا، كانادا، شىۋىتسىيە، نورۋىگىيە، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردىكى دېموكراتىك ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى جۈملىدىن ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا كەڭ كۆلەمدە نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزدى. كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدىكى نامايىشقا رابىيە قادىر خانىممۇ قاتنىشىپ، سۆز قىلدى. گۇەنتانومودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى سوتقا ئەرز سۇندى
گۇەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى سەبىن ۋەلىت ئۆتكەن ھەپتە، ھېلىمۇ گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ نامىدىن ئامېرىكا سوتىغا ئەرز سۇندى. سەبىن ۋەلىت ئۆزىنىڭ سوتقا سۇنغان ئەرزىدە گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ئويۇنلارنىڭ قۇربانى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سەبىن ۋەلىتنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، ئىلگىرى بەش نەپەر تۇتقۇن ئالبانىيىگە ماڭدۇرىۋېتىلگەن بولۇپ، ئامېرىكىدىكى ئاتاقلىق ئادۋوكاتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان مەزكۇر ئەرباب پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرى بىلەن قالغان 17 نەپەر ئۇيغۇرنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا.
سەبىن ۋەلىت گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان باشقا 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ باشقا بىر دۆلەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغانلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى دۈشمەن جەڭچىسى، دەپ جاكارلىغانلىقى دەپ كۆرسەتكەن.
ئامېرىكا-خىتاي سودا ئىستراتېگىيىلىك سۆھبىتى ئېلىپ بېرىلدى
خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا تۇنجى قېتىملىق ئىستراتېگىيىلىك سۆزلىشىش 14 - دىكابىر كۈنى بېيجىڭدىكى بۈيۈك خەلق سارىيىدا باشلاندى. بۇ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك شەكىل. بۇ سۆھبەتكە ئامېرىكىنىڭ مالىيە مىنىستىرى خېنرى پاۋلسون ئەپەندى قاتناشقان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرگە ئائىت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. بىراق، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا يەنىلا ئىختىلاپلار مەۋجۇت ئىكەن.
ئامېرىكا پرىزىدېنتى جورج بۇش ئىراق مەسىلىسى ھەققىدە يېڭى ئىستراتېگىيە بېكىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا پرىزىدېنتى جورج بۇش، چارشەنبە كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خادىملىرى ۋە ئالى دەرىجىلىك ھەربىي خادىملار بىلەن ئىراق مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، مۇخبىرلارغا، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە بىر مۇددەت ئەستايىدىل ئويلىنىپ، ئاندىن مەزكۇر مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇش ئىراق مەسىلىسىگە ئائىت يېڭى ئىستراتېگىيىلىك پىلان تۇزگەن بولۇپ، ئۇ مەزكۇر پىلاننى 2007-يىلى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. نوۋەتتە، ئامېرىكا سىياسەت قاتلىمىدا ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش بىلەن ئەسكەر سانىنى كۆپەيتىش مەسىلىسى ھەققىدە مۇنازىرىلەر داۋاملاشماقتا.
12-دېكابىر ھەرىكىتىنىڭ 21 يىللىقى خاتىرىلەندى
بۇ يىل 1 2 – ئاينىڭ 12 - كۈنى 1985 - يىلى ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشىغا 21 يىل توشتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن د ئۇ ق نىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ كۈننى خاتىرىلىدى. د ئۇ ق نىڭ باش شىتابىدا بىر قىسىم پائالىيەتچىلەر بىر يەرگە يىغىلىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بايرىمى شەكلىدە خاتىرىلىنىۋاتقان بۇ كۈننى كۈتۈۋالدى.
بۇنىڭدىن 21 يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى خەلق مەيدانىغا توپلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە ئاتوم سىنىقىنى توختىتىش، كۆچمەن يۆتكەشنى توختىتىش، مىللىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئوز ئىچىگە ئالغان تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن. بۇنىڭدىن ئىلھام ئالغان بېيجىڭ، نەنجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ نارازىلىق نامايىشلىرى ئېلىپ بارغان.
ھەج قىلىش ئۈچۈن پاكىستانغا چىققان ھەج كاندىداتلىرى ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارغا دۇچ كەلمەكتە
نۆۋەتتە 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر پاكىستاندا سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ ھەج قىلىش ئۈچۈن ۋىزا ساقلاۋاتقان بولۇپ، پاكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئابدۇقېيۇم ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى. (ئۈمىدۋار)