ھەپتىلىك خەۋەرلەر (23 – 29 – دېكابىر)

مۇسۇلمانلار ھەج پائالىيىتىنى باشلىدى

ئىسلام دىنىنىڭ 5 پەرىزىنىڭ بىرى بولغان ھەج پائالىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىگە يىغىلغان 3 مىليونغا يېقىن مۇسۇلمان ھەج قىلىش پائالىيىتىنى باشلىۋەتتى. بۇ قېتىمقى ھەج پائالىيىتىگە خېلى كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان بولۇپ، بىراق 200 دىن ئارتۇق ئادەم ھەج پائالىيىتى باشلىنىتىشتىن ئىلگىرى خىتاي بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن يۇرتىغا قايتىشقا مەجبۇر بولغان. سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى تۈركىستان رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى سىراجىدىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن ۋە ئۆزى كەلگەن ئۇيغۇر ھاجىلار تەخمىنەن توققۇز مىڭ ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

د ئۇ ق ياۋروپا پارلامېنتى ۋە گېرمانىيە پارلامېنتىغا رەھمىتىنى بىلدۈردى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم گېرمانىيە سەپىرى جەريانىدا 11 – ئاينىڭ 20 – كۈنىدىن 30 – كۈنىگىچە، باۋارىيە پارلامېنتى، گېرمانىيە پارلامېنتى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدا زىيارەتلەر ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرىغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تونۇشتۇرغان ئىدى. 12 – ئاينىڭ 6 – كۈنىدىن 9 – كۈنىگىچە، د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ۋە سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىلەر تەكلىپكە بىنائەن يەنە بىر قېتىم ياۋروپا پارلامېنتىغا بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش ئەھۋاللىرى ھەققىدە مەلۇماتلار بەردى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، د ئۇ ق ياۋروپا پارلامېنتى، باۋارىيە پارلامېنتى ۋە گېرمانىيە پارلامېنتىغا خەت يېزىپ، مۇناسىۋەتلىك پارلامېنت خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەخمەت ئېيتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدە كۆك تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى

25 ‏- دېكابىر كۈنى، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى " 2007 ‏- يىللىق خىتاي جەمىيىتىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى تەھلىل ۋە پەرەز" دېگەن تېمىدا كۆك تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى. مەزكۇر كۆك تاشلىق كىتابتا ھازىر خىتايدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئەڭ ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىلەر دوختۇرغا كۆرۈنۈش مەسىلىسى، ئىشسىزلىق مەسىلىسى ۋە شۇنداقلا باي ۋە كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق مەسىلىسى قاتارلىق 3 چوڭ ئىجتىمائىي مەسىلە ئىكەنلىكى تۇنجى قېتىم رەسمىي رەۋىشتە ئېتىراپ قىلىنغان.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى ئېلان قىلدى

جۈمە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى 2006-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە خام چوتىنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىدىن توۋەن ئىكەنلىكى ۋە ئەسكەر سانىنىڭ ئىككى مىليون 300 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. بۇ 1998-يىلىدىن بۇيانقى بەشىنچى قېتىملىق ئاق تاشلىق كىتابى ئىكەن.

نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلار مەرھۇم بۇرھان زۇنۇننىڭ قەبرىسىنى يوقلىدى

ئۆتكەن يىلى دانىيىدىكى ساقچىخانىدا قازا قىلغان مەرھۇم بۇرھان زۇنۇن ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە ۋاكالىتەن مەرھۇمنىڭ يېقىن ئۆتكەن دوستلىرى ۋە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەھپەرلىرىدىن بولۇپ تۆت كىشى 24-، 25 –دېكابىر كۈنلىرى دانىيەگە بېرىپ، مەرھۇمنىڭ قەبرىسىنى يوقلىدى ۋە مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا تىلاۋەت قىلدى. بۇرھان زۇنۇننىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق قايغۇغا سالغان ئىدى.

خىتاي ماللىرىغا يېڭى چەكلىمىلەر قويۇلدى

خىتاي - تۈركىيە سودا مۇناسىۋىتىدە تۈركىيىنىڭ سودىدىكى قىزىل رەقىمى تۈركىيىنى خىتاي ماللىرىغا قارىتا چەكلىمە قويۇشقا مەجبۇرلىماقتا. تۈركىيە تاشقى سودا ئىدارىسىدىكى دائىرىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تۈركىيە 2007 يىلدىن باشلاپ خىتاينىڭ بىر قىسىم توقۇلما بۇيۇملىرى ۋە تەييار كىيىملىرىگە ئىمپورت چەكلىمىسى قويۇشنى قارار قىلغان. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى خىتاي ساقتا ماللىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى ۋە ئۇلارنىڭ بازارنى ئىگىلىۋېلىشى ئىكەن.

ئامېرىكا: خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي ئەركىنلىككە داۋاملىق خىلاپلىق قىلماقتا

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، بۇ يىلقى دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى "ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان دۆلەتلەر" تىزىملىكىدىكى خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە خىلاپلىق قىلىش ھەرىكىتى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلماقتا، دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى يىلدا بىر قېتىم يېڭىلايدىغان تىزىملىكتە خىتاي، ئۆزبېكىستان، سۇدان ۋە شىمالىي كورىيە قاتارلىق سەككىز دۆلەت دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى پەۋقۇلاددە ئەندىشە قوزغاۋاتقان دۆلەتلەر دەپ ئېلان قىلىندى.

ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ئاۋام پالاتا ئەزاسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن كېلىپ چىققان كرىستوفىر سىمىس، خىتاينىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۈز قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا جازا قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى.

سادام ھۈسەيىن ئۈستىدىن چىقىرىلغان ئۆلۈم جازاسى كۈچكە ئىگە قىلىندى

سابىق ئىراق پرېزىدېنتى سادام ھۈسەيىن ئالدىنقى ئايدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا 150 كە يېقىن شىئە مۇسۇلمانلىرىنى ئۆلتۈرگەنلىك جىنايىتى ئارتىلغان ئىدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، ئىراق سوتى ئۈچ ھەپتىلىك مۇزاكىرىدىن كېيىن سادام ھۈسەيىن ئۈستىدىن چىقىرىلغان ئۆلۈم جازاسىنى ساقلاپ قېلىشنى قارار قىلدى. ئىراق قانۇنىغا ئاساسەن سادام ھۈسەيىنگە چىقىرىلغان ئۆلۈم جازاسى 30 كۈن ئىچىدە ئىجرا قىلىنىشى لازىم ئىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۆلۈم جازاسىنىڭ ۋاقتى ھەم ئورنى ئاشكارە ئېلان قىلىنمايدىكەن.

ئىران پرېزىدېنتى ب د ت نىڭ قارارىنى ئەيىبلىدى

23-دەكابىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشى ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا نىسبەتەن جازالاش قارار لايىھىسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئىران پرېزىدېنتى مەخمۇد ئەخمەدى نىجات يەكشەنبە كۈنى نارازىلىق بىلدۈرۈپ، يادرو پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تېزلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ جازاسى ئىراننىڭ ئۇران تاۋلىشىنى توختىتىش، يادرو تېخنىكىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان سەزگۈر ماتېرىياللار ۋە تەخنىكا ئۈسكۈنىلىرى سودىسىنى قامال قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. قاراردىن كېيىن ئىران تەرەپ يادرو پىلانىنىڭ پەقەت تىنچلىق ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ھەمدە بۇ قارارنىڭ ئىرانغا نىسبەتەن ھېچ قانداق ئۈنۈم قازىنالمايدىغانلىقىنى، ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تۈركمەنىستاندا سايلام بولىدۇ

26-دەكابىر كۈنى تۈركمەنىستان پارلامېنتى جىددىي يىغىن چاقىرىپ، 21-دەكابىر كۈنى ۋاپات بولغان تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى سەپەر مۇرات نىيازوپنىڭ ئىزىنى باسىدىغان يېڭى پرېزىدېنتنى سايلاپ چىقىشنى مۇزاكىرە قىلدى ھەمدە پرېزىدېنت نامزاتلىرىنى بېكىتىپ، 11-فېۋرال كۈنى سايلام قىلىشنى قارار قىلدى. (ئۈمىدۋار)