ھەپتىلىك خەۋەرلەر (30 – دېكابىر – 5 – يانۋار)


2007.01.05

رابىيە قادىر خانىم يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكەن يىل ۋە يېڭى بىر يىل ھەققىدە توختالدى

مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس قۇربان ھېيتىنى ۋە يېڭى يىلنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارمۇ خۇشال-خۇراملىق بىلەن كۈتۈۋالدى. 31- دېكابىر كۈنى پايتەخت ۋاشىنگتوننىڭ يېنىدىكى ۋىرگىنىيا شىتاتىنىڭ فائىرفاكىس شەھىرىدە ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن قۇربان ھېيت ھەم يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر مۇراسىمغا 200 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم مۇراسىمدا نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ ئۆتكەن بىر يىل ۋە يېڭى يىل ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن يىلىنىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقىنى، بۇ يېڭى يىلنىڭ تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئىسمائىل تىلىۋالدى يېڭى يىل نۇتقىدا ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سالدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن يېڭى يىل نۇتقى سۆزلەپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاتالمىش "مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ" بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتىگە قاتتىق زەربە بېرىش ۋە قەتئىي مۇداپىئە كۆرۈشتە "ئىككىلى قول قاتتىق بولۇش" پرىنسىپىدا تۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلىرىغا تايىنىشنى تەكىتلىدى.

رابىيە قادىر خانىم بۇنى تەنقىد قىلىپ، ئىسمائىل تىلىۋالدى دەۋاتقان مىللىي ئىتتىپاقلىق دېگەننىڭ يالغان نەرسە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

قازاقىستانلىق مەدەنىيەت ئەربابى خەلقئارا تىنچلىق ئوردىنىغا ئېرىشتى

يېڭى يىل ھارپىسىدا قازاقىستاندىكى تونۇلغان جەمىيەت ئەربابى، ئازات ھېكىمبەگ، ئىتالىيىدە ياۋروپا ئاقسۆڭەكلەر كېڭىشى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان تىنچلىق ئالىي ئوردىنىغا ئېرىشتى. بۇ خوش خەۋەر قازاقىستاندۇكى ئۇيغۇرلارنىڭ بايرىمىغا ناھايىتى ھاياجانلىق بىر سوغا بولدى.

ئازات ھېكىمبەگنىڭ بوۋىسى ھېكىمبەگ غوجا 1944-يىلىدىن 1946-يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، كېيىن ئىلى ۋالىسى بولغان ئىدى.

ئالمۇتىدا ياشايدىغان ئازات ھېكىمبەگ ئەپەندى ئۇزۇن يىللار مۇزېيشۇناسلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرغان.

دانىيەدىمۇ ئۇيغۇرلار ياشايدۇ

ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپاغا كېلىپ ماكانلىشىشى تارىخىغا ئانچە ئۇزۇن بولمىدى. ئۇيغۇرلار بىراز كۆپ دۆلەتلەر گېرمانىيە، شىۋىتسىيە ۋە نورۋىگىيە قاتارلىقلاردۇر. ئەمما يېقىندىن بۇيان دانىيىگىمۇ بىر قىسىم ئۇيغۇرلار كېلىپ ئولتۇراقلاشتى. دانىيە شىمالىي ياۋروپا ئەللىرى ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئەڭ ئاز ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ كېيىن كەلگەن كۆچمەنلەر دېيىش مۇمكىن. بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلار باشقا ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا دانىيىنىڭ ئىجتىمائىي - ئىقتىسادى ھاياتىغا ماسلىشىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە. نۆۋەتتە دانىيىدە چوڭ - كىچىك بولۇپ 30 غا يېقىن ئۇيغۇر مۇھاجىرى ياشايدۇ. بۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ب د ت تەرىپىدىن پاناھلىق بېرىلگەن سىياسى مۇساپىرلار.

خىتايدا خرىستىيان ۋە كاتولىك مۇرىتلىرى 20 مىليونغا يەتتى

تولۇق بولمىغان ستاتىستىكىلىق مەلۇماتتىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتايدا نۆۋەتتە خرىستىئان بىلەن كاتولىك مۇرىتلىرىنىڭ سانى 20 مىليونغا يەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى خرىستىئان دىنىنى چەكلەشكە تىرىشسىمۇ، لېكىن بەرىبىر بۇ دىننىڭ كېڭىيىشى تېز بولماقتا ئىكەن.

شېنجىننىڭ فۇتيەن شازۇي كەنتىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئىككى نەپەر ئۆسمۈر قازا قىلدى

شېنجىن شەھىرىنىڭ فۇتيەن شازۇي كەنتىدە چارشەنبە كۈنى پارتلاش يۈز بېرىپ، ئىككى نەپەر ئوغۇل ھاياتىدىن ئايرىلغان. ساقچىلار بۇ رايوننى قورشاۋغا ئېلىپ، تەكشۈرمەكتە ئىكەن، لېكىن كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىن پىلان بويىچە بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشسىمۇ، ئەمما بۇ پارتلاشنىڭ ھازىرغىچە سەۋەبى تېخى ئېنىقلانمىغان.

سادام ھۈسەيىن ئۆلتۈرۈلدى

سابىق ئىراق پرېزىدېنتى سادام ھۈسەيىن 30 –دېكابىر يەنى شەنبە كۈنى باغدادتا گرېنىۋىچ ۋاقتى سائەت ئۈچتە دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، 31-دېكابىر كۈنى ئۆز يۇرتى تىكرىككە ئېلىپ كېلىنىپ، دەپنە قىلىندى.

ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سادام ھۈسەيىننىڭ جەسىتى بىر دانە ئامېرىكا تىك ئۇچۇر ئايروپىلانى بىلەن 31-دەكبابىر كۈنى تىكرىككە ئېلىپ كېلىنىپ، يەرلىك ئەمەلدارلار ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇغ تۇغقانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن شۇ كۈنى تىكرىك يېنىدىكى سادامنىڭ ئانا يۇرتى ئائۇجا يېزىسىغا دەپنە قىلىنغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، سادام ھۈسەيىن ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىككى ئوغلى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئانىسى ۋە نەۋرىسى دەپنە قىلىنغان قەبرىستانلىققا قويۇلغان.

سابىق ئىراق پرېزىدېنتىنىڭ دارغا ئېسىلىشىغا نىسبەتەن ئىراقتا ۋە بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە تۈرلۈك ئىنكاسلار پەيدا بولغان. ئىراق ھۆكۈمەت باش مىنىستىرى مالىكى سادامنىڭ جىنايەتلىرىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە "سادامنىڭ ئۆلۈشى ئىراق تارىخىدىكى بىر قاراڭغۇ-زۇلمەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدۇر" دېگەن. ئەمما، سادامنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە ئائىت مەخپىي تارتىۋېلىنغان سىن ئالغۇ لېنتىسى تارقىلىپ، كەتكەندىن كېيىن سۈننىيلەرنىڭ غەزىپى قوزغىلىپ،ئۇلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرى كېلىپ چىققان، بۇ ۋەقەنىڭ سۈننىيلەر بىلەن شىئەلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتنى ئۇلغايتىۋېتىشى پەرەز قىلىنماقتا. ئىراق ھۆكۈمىتى مەخپىي سۈرەتكە ئالغانلارنى قولغا ئالغان. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.