ھەپتىلىك خەۋەرلەر (10-16-فېبرال)

خىتايچە ئوقۇتىدىغان تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى كۆپەيتىلمەكچى

ئۇيغۇر ئېلى ئاخبارات تورلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم ھۆكۈمىتى خىتاي ئۆلكىلىرىدە تەسىس قىلغان شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانىنى بۇ يىلدىن باشلاپ 5000 مىڭغا يەتكۈزىدىكەن.

ئىچكىرىدىكى بۇ خىل تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلار تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، سىنىپلار ئۈزلۈكسىز تۈردە كۆپەيتىلگەندىن تاشقىرى ئوقۇغۇچىلار سانىمۇ يىلدىن –يىلغا ئاشۇرۇلماقتا. خىتاي دائىرىلىرى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىغا خىتاي تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى تەسىس قىلىش، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەپ بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ دەپ تەشۋىق قىلماقتا، لېكىن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەدەنىيەت جەھەتتىن ئاسسىلىماتسىيە قىلىش ئۇسۇلىنىڭ بىر تۈرى دەپ قارايدىكەن.

پىچان ناھىيىسىدىن يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر قىزلىرى ئىچكىرىگە ئېلىپ كېتىلدى

يېقىندا تۇرپان ۋىلايىتى پىچان ناھىيىسىدىن 246 نەپەر ئۇيغۇر قىزىنىڭ خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خەييەن ناھىيىسىدىكى بىر زاۋۇتقا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئېلان قىلىندى. ئۆتكەن شەنبە كۈنى خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى پىچاندىن ئىككىنچى تۈركۈمدىكى 167 نەپەر ياشنىڭ جىئېجاڭدا ئىشلەش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ پەيزىۋات قاتارلىق ناھىيىلەردىن بىر قىسىم ئۇيغۇر قىزلىرى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ئىشلەش نامى بىلەن ئېلىپ كېتىلگەن، نۆۋەتتە، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي شەھەرلىرىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىلىشى مەسىلىسى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغىغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىغا مەسۇل خادىمى، دوكتور قاھار بارات ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرىنى ئېكىسپلاتاتسىيە قىلىشنىڭ بىر ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

مۇرات ناسىروپنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئالمۇتىدا ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلىدۇ

ئىگىلىشىمىزچە، 3-ئاينىڭ 15-كۈنى قازاقىستاننىڭ كونا پايتەختى ئالمۇتا شەھىرىدە ئاتاقلىق ئۇيغۇر كومپوزىتورى ۋە ناخشىچىسى مۇرات ناسىروپقا بېغىشلانغان ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

مۇرات ناسىروپنىڭ قازاقىستاندىكى يېقىنلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ناخشا كېچىلىكىنى ئەسلىدە مۇرات ناسىروپ ھايات ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان بولۇپ، لېكىن ئۇ تۇيۇقسىز ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بۇنى قانداق قىلىش مەسىلىسى تۇغۇلغان، نەتىجىدە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى بىر يەرگە باش قوشۇپ، ئىقتىساد ئاجرىتىش ئارقىلىق بۇ كونسېرتنى مۇراتنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان.

رۇسىيە ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالمۇتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خاتىرىلەش كونسېرتىنىڭ كۆلىمى زور بولۇپ، بۇنىڭغا موسكۋادا ياشايدىغان ئاتاقلىق ناخشا چولپانلىرىدىن ئالىيونا ئاپىنا، مارىنا خلېبنىكوۋا قاتارلىق 50 مەشھۇر سەنئەتكار قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇلار مەخسۇس تۈردە مۇراتنىڭ ناخشىلىرىنى ئېيتىش ھەم ئۇنىڭغا بېغىشلاپ ناخشا ئورۇنلاشنى قارار قىلغان. بۇ پائالىيەتكە 80-90 مىڭ دوللار خىراجەت قىلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

قىرغىزىستان يەنە بىر ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى قولغا ئالدى

ئامېرىكا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەيشەنبە كۈنى قىرغىزىستان ساقچى دائىرىلىرى، شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى دەپ ئاتالغان تەشكىلاتنىڭ بىر نەپەر ئەزاسى مۇھەممەت ئەلى تۇرسۇن تالىپنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، مۇھەممەد ئەلى تۇرسۇن تالىپ بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى قىرغىزىستان ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈرمىگە سولانغان. كېيىن تۈرمىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، بۇ قېتىم قايتىدىن قولغا چۈشكەن. نۆۋەتتە، قىرغىزىستان ساقچى دائىرىلىرى مەزكۇر دېلونى تەكشۈرمەكتە ئىكەن.

خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمىيىتى خۇ جىنتاۋغا خەت يازدى

خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمىيىتى يېقىندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بەزى خىتاي يازغۇچىلارنىڭ مەزكۇر جەمىيەتنىڭ خوڭكوڭدا چاقىرىلغان يىغىنىغا قاتنىشىشىنى چەكلىگەنلىكى مۇناسىۋىتى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا خەت يېزىپ، پۇقرالارنىڭ سۆز ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭ كوڭدا ئېچىلىدىغان دۇنيا قەلەمكەشلەر جەمىيىتىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان خىتايلىق 20 نەچچە نەپەر يازغۇچىنىڭ يولىنى توسۇپ قويغان بولۇپ، بۇ قەلەمكەشلەر جەمىيىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

خىتاي ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردە "شىنجاڭلىق دوستلار جەمئىيىتى" قۇرغان

خىتاي غەرب دۆلەتلىرىدە تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرماقتا. "شىنجاڭ خەۋەر تورى" نىڭ12-فېۋرال كۈنىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە ، بۇلتۇر 7 ‏- ئايدا قۇرۇلغان "شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار دوستلۇق جەمئىيىتى" يېرىم يىل ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى "شىنجاڭلىق دوستلۇق جەمئىيەت" لىرى بۇ جەمئىيەتنىڭ پائالىيىتى نەتىجىسىدە ئۆزىنى "شىنجاڭلىق " دەپ ئاتىغان مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئېلىغا قايتىپ كەتكەن ئىكەن.

2004-يىلى، ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيا قاتارلىق جايلىرىدا مۇشۇنداق خىلدىكى جەمىيەت قۇرۇش پىلانى بىر خىتاي تەرىپىدىن مەيدانغا چىقىرىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭغا بىر قىسىم ئۇيغۇرلار زىيالىيلىرى قارشى چىققان.

تۈركمەنىستاندا يېڭى پرېزىدېنت قەسەم بەردى

يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمى نەتىجىسىدە قۇرباڭۈل بەردىمۇھەممەدوپ 89% ئاۋاز بىلەن تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى بولۇپ سايلاندى. شۇنىڭ بىلەن سابىق مەرھۇم پرېزىدېنت سەپەر مۇرات نىيازوپ تەرىپىدىن 21 يىل باشقۇرۇلۇپ، شەخسكە سېغىنىش بىلەن تەنقىدلەنگەن تۈركمەنىستاننىڭ تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئېچىلدى.

14-فەۋرال كۈنى قۇرباڭۈل بەردى مۇھەممەدوپ قەسەم بېرىپ، رەسمىي ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى ھەمدە مەرھۇم پرېزىدېنت سەپەر مۇرات نىيازوپنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. قەسەم بېرىش مۇراسىمغا ئەتراپىدىكى ئىران، قازاقىستان، تاجىكىستان، رۇسىيە ، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پرېزىدېنتلىرى ۋە باش مىنىستىرلىرى قاتناشقان. خىتاي تەرەپ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىسمائىل ئەمەتنى ئەۋەتكەن. (ئۈمىدۋار)