خىتاي "قوش تىللىق مائارىپ" قا 200 مىليون يۈئەن مەبلەغ سېلىنىدۇ
خىتاينىڭ ئىككى يىغىنى جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن بىر قىسىم ۋەكىللەر قوش تىللىق مائارىپنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان. شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 15 - مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت يەنە 13 مىڭ 500 نەپەر "قوش تىللىق ئوقۇتقۇچى" نى تەربىيىلەشكە 200 نەچچە مىليون يۈئەن ئاجراتقان. بۇنىڭ ئىچىدىكى 150 مىليوننى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىۋاستە ئاجراتقان بولۇپ، باشقا 60 مىليون يۈئەننى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاجراتقان. يېقىندا ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەردە قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش مەركىزى قۇرۇلۇپ ئىش باشلىغان بولۇپ، تەربىيىلىنىدىغانلارنىڭ ياش ئۆلچىمى 35 ياشتىن تۆۋەن بولۇش بەلگىلەنگەن. ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قارىشىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوش تىللىق مائارىپى ئەمەلىيەتتە خىتاي تىللىق مائارىپىدىن ئىبارەت.
ئىككى يىغىن جەريانىدا ھاشار باشلانغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا ئىككى يىغىن ئېچىۋاتقان مەزگىلدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر قاتارلىق بىر قىسىم جايلىرىدا ھەقسىز ئەمگەككە سېلىش يەنە باشلانغان بولۇپ، ئىنكاسلارغا قارىغاندا، قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ يۈز مىڭدىن ئارتۇق دېھقاننى ياقا ئېرىقنىڭ سايلىرىدا مەجبۇرىي ھاشارغا سالغانلىقى مەلۇم. 29 يېزىدىن يىغىلغان ئۇيغۇر دېھقاننىڭ ھۆكۈمەتنىڭ پىستە بادام بازىسىدا جاپالىق شارائىتتا داق يەردە يېتىپ قوپۇپ، ئېغىر ئەمگەك قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە دېھقانلار ئۆزلىرى ئىنكاس قىلدى.
پىستە بادام ئۆستۈرۈش بازىسى قۇرۇش كەلگۈسىدىكى يۇقىرى ئىقتىسادىي قىممەتنى نەزەرگە ئېلىپ باشلاپ ئىش بولۇپ، بىكارغا ئىشلىگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرى كەلگۈسىدە بۇنىڭدىن مەنپەئەت ئالالامدۇ؟ پايدا كىمگە مەنسۇپ؟
شۋېتسىيىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى
خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغدىغۇچى ئىنسانپەرۋەر تەشكىلاتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان 4-دۇنيا تەشكىلاتى شۋېتسىيىدە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. بۇ تەشكىلات شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ يېقىندىن ماسلىشىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ ئۆتكەن يىلى قەشقەر، يېڭىسار، يەركەنت، قاغىلىق قاتارلىق جايلىرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەمدە تەكشۈرۈش نەتىجىسى بويىچە ستوكھولمدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىي جەھەتتە ئېغىر بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ ھەقتە شۋېتسىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇن ئۇچۇر بەردى.
ئامېرىكىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر تارىخى كىتابى
13- مارت كۈنى ۋاشىنگتوندىكى ۋودروۋ ۋىلسون ئالىملار مەركىزىدە جورجى توۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جامېس مىللىۋارد ئەپەندى ئۆزىنىڭ "ياۋرو - ئاسىيا ئۆتكىلى - شىنجاڭنىڭ تارىخى" دەپ ئاتالغان يېڭى كىتابىنىڭ مەزمۇنلىرىنى تونۇشتۇردى. بۇ ئىلمىي دوكلات يىغىنىغا 50 يېقىن مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر قاتناشتى. ئاپتورنىڭ بۇ كىتابى غەرب دۇنياسىدا تۇنجى قېتىم مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمىي تارىخىنى تونۇشتۇرىدىغان ئەسەر بولۇپ، 440 بەتلىك بۇ ئەسەردە ئاساسلىقى 19 - ۋە 20 - ئەسىر تارىخى سىستېمىلىق ۋە تەپسىلى يورىتىلىدۇ. ئامېرىكا ئالىملىرى بۇ كىتابنىڭ ئامېرىكىلىقلار جۈملىدىن غەربلىكلەر ئۈچۈن مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.
ئالمۇتىدا مۇرات ناسىروپنى خاتىرىلەش سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلگەن
15-مارت كۈنى قازاقىستاننىڭ كونا پايتەختى ئالمۇتا شەھىرىدىكى جۇمھۇرىيەت سارىيىدا ئاتاقلىق ناخشىچى مۇرات ناسىروپنى خاتىرىلەش سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا رۇسىيە، قازاقىستاننىڭ ئاتاقلىق چولپانلىرى ئىشتىراك قىلغان. مەزكۇر كەچىلىكتە مۇراتقا بېغىشلاپ ناخشىلار ئورۇنلانغان، ئۇنىڭ ئىجادىي ھاياتى ئەسلەپ ئۆتۈلگەن.
مەشھۇر ئۇيغۇر ناخشا چولپىنى مۇرات ناسىروپ 19-يانۋار كۈنى موسكۋا سىرلىق تۈردە ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، 37 ياشتا ئىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تىبەت ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
تىبەت ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتنىڭ ھازىرغىچە نەتىجە چىقمىغانلىقى، بېيجىڭنىڭ ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن دالاي لامانىڭ تىبەتكە قايتىشىنى ئارقىغا تارتىشى تىبەت پائالىيەتچىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. 3-ئاينىڭ 13- كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى تام لانتوسنىڭ ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، تىبەتنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىيسى دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتنىڭ ھازغىرغىچە قانداق نەتىجىلەر ئېلىپ كەلگەنلىكى ۋە تىبەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ بىر قاتار پائالىيەتلىرى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تۈركىيە شۆبىسىنىڭ مۇساپىرلار ئىشخانىسى ئۆزلىرىدىن پاناھلىق تىلەپ تۈركىيىدە نەتىجە كۈتۈۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن يىغىن چاقىردى. بۇ يىغىنغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تۈركىيە شۆبىسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى مەسۇلى سېدا ئالپ خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى تۈركىيىدە نەتىجە كۈتۈپ تۇرىۋاتقان 350 ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 3 – ئاينىڭ 10 – كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە تىبەتنى ھىمايە قىلىش تەشكىلاتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن تىبەتلىكلەر، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەت دەۋاسىنىڭ ھىمايىچىلىرىدىن تەركىپ تاپقان يۈزلىگەن كىشى كەڭ – كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ باردى. بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مەقسىتى تىبەت ئىنقىلابىنىڭ 48 يىللىقىنى خاتىرىلەشتىن ئىبارەت. بۇنداق خىلدىكى نامايىش كانادانىڭ ۋانكوۋەر شەھرىدىمۇ يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭغا شۇ جايدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلغان.
توققۇز دۆلەت ئەرەب دېڭىزىدا ھەربىي مەشق ئۆتكۈزدى
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتىدە ئامېرىكا، فرانسىيە، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر ئەرەب دېڭىزىدا دېڭىز تېررورچىلىقىغا قارشى بىر ھەپتىلىك ھەربىي مەشق ئۆتكۈزگەن. بۇنىڭغا تۈركىيە قوشۇن ئەۋەتىپ قاتناشتۇرغان بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىران، ئاۋسترالىيە قاتارلىق 18 دۆلەت كۆزەتكۈچى ئەۋەتىپ، مانېۋىرنى كۆزەتكەن. مانىۋېر جەريانىدا ئاساسلىقى دېڭىز قىسىملىرى ۋە ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئاساسلىق نىشان تېررورچىلارنىڭ كېمىلىرىگە قانداق زەربە بېرىش ۋە باشقىلاردىن ئىبارەت ئىكەن.
ئاۋسترالىيە-ياپونىيە بىخەتەرلىك كېلىشىمى تۈزدى
خىتاينىڭ ھەربىي خومچوتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى، ھەربىي ھازىرلىقلارنى كۈچەيتىش ئاسىيا- تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىنى بىئارام قىلماقتا ھەم ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا نىسبەتەن تەدبىر ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.13 - مارت كۈنى توكيودا "ياپونىيە-ئاۋسترالىيە بىخەتەرلىك كېلىشىمى" ئىمزالاندى. بۇ ياپونىيىنىڭ ئامېرىكىدىن باشقا يەنە بىر دۆلەت بىلەن تۈزگەن بىخەتەرلىك كېلىشىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ياپونىيە بىلەن ئاۋسترالىيىنىڭ مەزكۇر بىخەتەرلىك كېلىشىمىغا خىتاي جىددىي مۇئامىلە قىلماقتا. (ئۈمىدۋار)