ھەپتىلىك خەۋەرلەر (31 – مارت – 6 – ئاپرىل)


2007.04.06

نورۋىگىيە باش مىنىستىرى رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

نورۋىگىيە گېزىتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا زىيارەتتە بولغان نورۋىگىيە باش مىنىستىرى جېنس ستولتېنبېرگ خىتاي باش مىنىستىرى قاتارلىقلار بىلەن ئۇچراشقاندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئالىم ئابدۇرېھىم قاتارلىق ئوغۇللىرىنى تېزرەك قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە توختالغان.

بۇ نورۋىگىيە تەرەپنىڭ رەسمىي رەۋىشتە تەلەپ قىلىشى بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى نورۋىگىيىگە جايلاشقان، 2004-يىلى رابىيە قادىرنى مۇكاپاتلىغان رافتو فوندى جەمىيىتىمۇ خىتاي ھۆكۈمىگە بۇ تەلەپنى قويغان ئىدى.

بارىن ئىنقىلابىنىڭ 17 يىللىقى خاتىرىلەندى

بۇنىڭدىن 17 يىل ئىلگىرى يەنى 1990‏- يىلى 4‏-ئاينىڭ 5‏- كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارىن يېزىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى بارىن قوزغىلىڭى پارتلىغان بولۇپ، بۇ 60-- يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسىنىڭ قەشقەر رايونىدا ئېلىپ بارغان قوراللىق ئىنقىلابىدىن كېيىنكى كۆلىمى ۋە تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولغان قوراللىق ھەرىكەت ئىدى.

بارىن ۋەقەسى ئەينى ۋاقىتتا خەلقئارا جەمىيەتتە زىل-زىلە پەيدا قىلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي داۋالىرىنىڭ تېخى تۈگىمەنلىكى خەلقئارا جەمىيەتكە ئاشكارىلاندى.

سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارا جەمىيەتكە تېخىمۇ بىلىنىشكە باشلىغان بولۇپ، ئۇيغۇر سىياسەتشۇناسلىرى بارىن ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەكتە.

بارىن ۋەقەسى يۈز بەرگەن 5-ئاپرىل كۈنى ھەر يىلى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن تۈرلۈك شەكىلدە ئىزچىل تۈردە خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە. بۇنداق پائالىيەتلەر ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، تۈركىيە، گېرمانىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىمۇ ئېلىپ بېرىلدى.

خىتاي دىپلوماتىنىڭ ئايالى سىياسى پاناھلىق تىلىدى

كانادا تۇرۇشلۇق خىتاي باش ئەلچىخانىسىدىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي دىپلوماتىنىڭ ئايالى جاڭ جىيەن كانادا ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن. كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پەتەر ماككاي كۆچمەنلەر سوتىنىڭ بۇ تەلەپ ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئامما ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە ھازىرغىچە ئاخىرقى قارارنى بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن نارازى بولغان بولۇپ، بۇنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئەمەسلىكىنى، پەقەت ئىقتىسادىي سەۋەبتىن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، كانادادىن جاڭ جىيەننىڭ سىياسى پاناھلىق تەلىپىنى رەت قىلىشنى، ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە زىيان يېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بىراق، كانادا ھۆكۈمىتى خىتاي، ئۇيغۇر ۋە تىبەت سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ سىياسىي پاناھلىقىنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ "ئىز" رومانى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىندى

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاتاقلىق نامايەندىلىرى ئەدەبىياتشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ تەتقىقات تېمىلىرىدىن ئورۇن ئېلىپ، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان دېسسىرتاتسىيە پلانلىرىغا ئايلانماقتا. سابىق سوۋەت ئىتتىپاقىدا ئاتاقلىق يازغۇچى زىيا سەمەدى، خىزمەت ئابدۇل قاتارلىقلارنىڭ ئىجادىيىتى ئەڭ دەسلەپتە دوكتورلۇق تەمىسى بولغان بولسا، مانا ئەمدى تۈركىيىدە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئىجادىيىتى دوكتۇرلۇق دېسسىرتاتسىيە تەمىسى بولدى. يېقىندا تۈركىيە ئېگېي ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى ئوقۇتقۇچىسى گۈرەر گۈلسېۋىن ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكىدە دوكتور ئوقۇغۇچىسى ئۆزگۈر ئاي داڭلىق يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ "ئىز" رومانى ھەققىدە دوكتور ئىلمى ماقالىسىنى يازدى ۋە " ئىز" رومانىنى تۈركچىگىمۇ تەرجىمە قىلدى.

ب د ت كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ 4 ‏- ئاينىڭ 3 ‏- كۈنىدىكى يېپىق يىغىندا، كوسوۋانىڭ پەۋقۇلاددە ۋەكىلى ئاختىسارى ئوتتۇرىغا قويغان كوسوۋا مۇستەقىللىقى ھەققىدىكى پىلان مۇزاكىرە قىلىنىشقا باشلىغان.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇزاكىرىسىدە رۇسىيە بىلەن سېربىيىنىڭ بۇنىڭغا قارشى چىقىدىغانلىقى ئاشكارىلانماقتا، كوسوۋا ئۇرۇشىدىن كېيىن، كوسوۋا ب د ت نىڭ باشقۇرۇشىدا سەككىز يىل تۇردى. مانا ئەمدى بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش نۆۋىتى كەلدى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى خانىم سۈرىيىنى زىيارەت قىلدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى خانىم 4 ‏- ئاينىڭ 4 ‏- كۈنى سۈرىيىنى زىيارەت قىلدى. ئۇ، سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشىر ئەل ئەسەدنىڭ دەمەشقتىكى مەشھۇر ئەسارە ئەتىقە ئورنىدا كۈتۈۋېلىشىغا ئەرىشتى.

كۆزەتكۈچىلەر پەلتوسىنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا تاشلانغان مۇھىم قەدەم ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرمەكتە. بىراق، پرېزىدېنت بۇش پەلوسى خانىمنىڭ زىيارىتىدىن ئانچە خۇش بولمىغان ئىكەن.

ئەخمەدى نىجات ئەنگىلىيىنىڭ 15 ئەسكىرىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى

ئىران ھۆكۈمىتى 4 ‏- ئاينىڭ 4 ‏- كۈنى مەخسۇس مۇراسىم ئېچىپ. ئۆتكەن ئايدا تۇتۇۋېلىنغان ئەنگىلىيىنىڭ 15 نەپەر دېڭىز ئارمىيە ئەسكىرىنى قويۇپ بەردى. ماخمەد ئەخمەدى نىجاتنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئەنگىلىيە تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى شۇنىڭدەك مەزكۇر ئەسكەرلەر ساق-سالامەت ئۆيىگە قايتىپ، ئائىلىسى بىلەن جەم بولدى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرى بۇ ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىشنى قاتتىق تەلەپ قىلغان ئىدى. ئىران يادرو پىلانى مۇرەككەپلەشكەن ۋەزىيەتتە بېسىلغان بۇ قەدەم خەلق ئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

تۇۋا جۇمھۇرىيىتى قەدىمكى ئۇيغۇر شەھىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى

رۇسىيىنىڭ جەنۇبىي سىبىرىيە رايونىدىكى تۇۋا جۇمھۇرىيىتى مەبلەغ ئاجرىتىپ قەدىمكى ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ قاغانى مويۇنچۇر تەرىپىدىن سالدۇرۇلغان " پور-ئاجىن "قەلەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى. "تۇۋا ئونلىنە" ئىنتېرنېت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۇۋا جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى تۇۋانىڭ تېرە-خول كۆلىگە جايلاشقان مەزكۇر قەدىمكى ئۇيغۇر "پور-باجىن" قەلە سىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلغان، بۇنىڭ ئۈچۈن موسكۋادا بىر كومىتېت ۋە فوند تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشقا رۇسىيە ئالاھىدە ۋەزىيەتنى بىر تەرەپ قىلىش مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى سەرگېي شويگۇ مەسۇل بولغان. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.