ھەپتىلىك خەۋەرلەر (23-ئاپرىلدىن 27-ئاپرىلغىچە)

خەلقئارا تەشكىلاتلار خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى

4‏- ئاينىڭ 25‏- كۈنى، "خەلقئارا ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتى" ۋە "خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى" بىرلىكتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتى جۈملىدىن ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسايىن ناچارلىشىش ئەھۋالىنى ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتتى.

دوكلاتتا، بېيجىڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنى كىشىلىك ھوقۇقىدىن ۋە ئۆز مىللىي كىملىكىنى قوغداش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلماقتا دەپ، كۆرسىتىلگەن.

40 بەتلىك مەزكۇر دوكلاتتا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش مەسىلىسىدە پەقەت خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بېرىلگەن ھوقۇقلارنىلا ئەمەس، بەلكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى خەلقئارا كېلىشىملەرنىمۇ دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا يەنە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەڭپۇڭسىزلىق جۈملىدىن قوش تىللىق مائارىپ نامى ئاستىدا ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا نىسبەتەن تەھدىد پەيدا قىلىنىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئامېرىكا رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلمەكتە

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېيىمنىڭ 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھوكۇم قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگوندا چىقىدىغان" ۋاشىنگتون پوچتىسى" گېزىتى پەيشەنبە كۈنى باش ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ رابىيە قادىرنىڭ ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

شۇ كۈنى يەنە ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى باش ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ رابىيە قادىرنىڭ ئابلىكىم ئابدۇرېيىم قاتارلىق ئوغۇللىرىنىڭ تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرگە ئەندىشە بىلەن دىققەت قىلىۋاتقانلىق مەيدانىنى بىلدۈرگەن.

شىۋىتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 2006 - يىللىق ئىنسان ھوقۇقى دوكلاتى ئېلان قىلدى

يېقىندا شىۋىتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 2006-يىللىق دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە 41 بەت ئاجرىتىلغان.

دوكلاتتا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ كۈنسايىن ناچارلىشىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ناچار كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىمۇ ئەتراپلىق بايان قىلىنغان.

ئادىل ھوشۇر ئۇيغۇر دارۋازلىقىنى دۇنياغا تونۇتماقتا

" پەلەك شاھى" دەپ نام ئالغان ئادىل ھوشۇر يەنە دۇنياۋى رېكورتلارنى يارىتىشقا تەييارلانماقتا، نۆۋەتتە، ئۇ " قۇشتىن باشقا نەرسە ساق - سالامەت ئۆتەلمەيدىغان سىلسىيە ئارىلى" دېگەن نامى بار، ماھارەت كۆرسىتىشتە قىيىنلىق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولغان، ھەتتا دۇنيا جېنىس رېكورتىنى بۇزغان ماھىرلار تەرىپىدىن ئۆتۈش رەت قىلىنغان، ئىتالىيىنىڭ مېسسىنا شەھىرىدىكى سىلسىيە ئارىلىدىن ئۆتۈشكە تەييارلىق كۆرمەكتە.

ئادىل ھوشۇرنىڭ سىلسىيە ئارىلىغا تارتىلىدىغان پولات ئارقاندىن مېڭىپ ئۆتۈشىنىڭ خەلقئارادا زور داغدۇغا پەيدا قىلىپ، ئادىل ئەپەندىگە تېخىمۇ زور شۆھرەت ئېلىپ كېلىشى پەرەز قىلىنماقتا. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئۇ يېقىندا كورىيىدە ماھارەت كۆرسىتىدۇ.

ئۇيغۇرلار بىڭتۇئەن تۈرمىسىگە سولانغان

"شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات مەركىزى" نىڭ 25 ‏- ئاپرىل بەرگەن سۈرەتلىك خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، يەرلىكتىن قولغا ئېلىنغان نامايىشىچىلارنىڭ بىڭتۇئەن تۈرمىلىرىگە قامالغانلىقى مەلۇم.

شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بۇ خەۋىرى "ئىلى گېزىتى" نىڭ خەۋىرىدىن نەقىل ئېلىنغان بولۇپ، بۇ خەۋەردە 3- ئاينىڭ 27 ‏- كۈنى بىڭتۇئەنىنىڭ ئىلىدا تۇرۇشلۇق 4- دىۋىزىيىسى سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىلىرىنىڭ، "قورغاس بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش تۈرمىسى" گە كېلىپ مەزكۇر تۈرمىگە سولانغان تۇرغان ئىسىملىك بىر مەھبۇسقا قانۇن تەربىيىسى ئېلىپ بارغانلىقى ئېيتىلغان.

شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1997-يىلىدىكى "5 - فېۋرال" كۈنىدىكى غۇلجا نامايىشىنى باستۇرۇشقا بىڭتۇئەنمۇ قاتناشقان بولۇپ، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىر قىسىمى بىڭتۇئەن تۈرمىسىگە تاشلانغان ئىكەن.

خىتاي، ئافرىقىدا مەبلەغ سېلىشنىڭ ئالدىنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى ئېفىئوپىيىگە جايلاشقان بىر خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى نېفىتلىككە قىلىنغان يەرلىك قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ ھۇجۇملىرىدا 9 نەپەر خىتاي پۇقراسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 74 ئادەم ئۆلگەن ئىدى.

بۇ خىتاي پۇقرالىرى ئافرىقىدا دۇچ كەلگەن ئەڭ قاتتىق قارشىلىقلاردىن بىرى بولۇپ، پەيشەنبە كۈنى خىتاي تەرەپ بۇ ھۇجۇمنىڭ خىتاينىڭ ئافرىقىغا مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكىلىقلار خىتايدا قولغا ئېلىندى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 4 ‏- ئاينىڭ 25 ‏- كۈنى بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا خرىستىيان ئىبادەتخانا يېتەكچىلىرى گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسۇ شەھىرىنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا، 24-ئاپرىل كۈنى 30 دەك خرىستىيان مۇرىتى ئۇلارنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت رۇخسەت قىلغان خرىستىيان ئىبادەتخانىسىغا توپلانغان.

خىتاي ساقچىلىرى تۆت نەپەر ئامېرىكىلىق خرىستىيان ئىبادەتخانا يېتەكچىسىنى ۋە يەرلىك خرىستىيان مۇرتلىرىدىن 8 كىشىنى 'بىدئەت' دېگەن جىنايى نام بىلەن قولغا ئېلىپ سولاپ قويغان.

رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى يەنە 4 ‏- ئاينىڭ 25 ‏- كۈنى، جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىقىدىغان تىبەت تەرەپتىكى يول ئېغىزىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن تۆت نەپەر ئامېرىكىلىقنى قولغا ئالغان. بۇلارنىڭ ئۈچ نەپىرى خەلقئارا تىبەت ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئىكەن. بۇ ۋەقە مەتبۇئاتلاردا "جۇمۇلاڭما ۋەقەسى" دەپ ئاتالدى.

رۇسىيە سابىق پرېزىدېنتى بورىس يېلتسىن ۋاپات بولدى

رۇسىيىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى بورىس يېلتسىن 23- ئاپرىل كۈنى موسكۋادا 76 يېشىدا ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئۆلۈمى رۇسىيە ۋە خەلقئارا مىقيادا رۇسىيىنىڭ دېموكراتىك تەرەققىيات جەريانىغا يەنە بىر قېتىم نەزەر سېلىش شۇنىڭدەك بۇ مەسىلىدە مۇنازىرە قىلىش دولقۇنى قوزغىدى.

بورىس يېلتسىننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان، رۇسىيىگە دېموكراتىك ئەركىنلىك ئېلىپ كەلگەن شەخس ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلمەكتە. چارشەنبە كۈنى موسكۋادا داغدۇغىلىق ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرىدىن، چوڭ بۇش، بىل كلىنتون، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى مىخائىل گورباچېف شۇنىڭدەك رۇسىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلغان. (ئۈمىدۋار)