ھەپتىلىك خەۋەرلەر (1 - ئىيۇندىن 8 - ئىيۇنغىچە)
2007.06.08
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش رابىيە خانىم بىلەن كۆرۈشتى
ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ زور بىر ۋەقە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى پراگادا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى قوبۇل قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
5- ئىيۇن كۈنى گېرمانىيىدە ئېچىلىدىغان سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن، چېخنى زىيارەت قىلغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش، پراگادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا دېموكراتىيە ۋە بىخەتەرلىك يىغىندا نۇتۇق سۆزلەپ، دۇنيا يۈزىدىكى دېموكراتىيە مەسىلىلىرى جۈملىدىن مۇستەبىت تۈزۈملەر ئاستىدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەخلى-تەرۈزگە ئۇچراش مەسىلىلىرى ھەققىدە توختىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا رابىيە قادىرنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ، ئۇنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىگە يۇقىرى باھا بەردى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلىنىشىنى ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتى ئۈچۈن ئۆچ ئېلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
" رابىيە قادىر بۇ يەردە مەن كۆرۈشىدىغان يەنە بىر ئۆكتىچى زاتتۇر. بىز ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ تۈرمىگە سولانغانلىقىنى ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى پائالىيىتىدىن ئۆچ ئېلىش قىلمىشى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز، رابىيە قادىرغا ئوخشاش ئەر- ئاياللارنىڭ تالانتى ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ زور بايلىقى بولۇپ، بۇ ، ئۇلارنىڭ ئارمىيىسىنىڭ قورال-ياراقلىرى ۋە ياكى يەر ئاستىدىكى نېفىتلىرىدىنمۇ قىممەتلىكتۇر " دېدى پرېزىدېنت جورج بۇش .
يىغىندا نۇتۇق سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، جورج بۇش ۋە ئۇنىڭ خانىمى لورا بۇش رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىدى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنى مەدھىيىلىدى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ بۇ قېتىم پراگادا پرېزىدېنت بۇش بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇق يولىدىكى كۈرەشلىرى تارىخىدا مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە بۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۈرەشلىرى ئۈچۈن ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى شەرھلىدى.
بۇ خەۋەر ئۇيغۇرلارنى خۇشال، بېيجىڭنى خاپا قىلدى
رابىيە قادىرنىڭ پرېزىدېنت بۇش بىلەن كۆرۈشۈشى جۈملىدىن پرېزىدېنت بۇشنىڭ رابىيە قادىر ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭقۇر ھاياجانلىق ، خۇشاللىق ھەم ئۈمىدۋارلىققا تولغان ئىنكاسلىرىنى قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئۇيغۇر سىياسىيونلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۇچرىشىش ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالاشقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ، تارىخىي ئەھمىيەتلىك زور ۋەقە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
لېكىن، ئۇيغۇرلارنى شادلىققا چۆمدۈرگەن بۇ خەۋەر بېيجىڭنى خاپا قىلغان بولۇپ، 7-ئىيۇن كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاڭ چىيۆ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكىنى ئەيىبلەپ، "بۇ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىق " دەپ كۆرسەتتى شۇنىڭدەك جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇنىڭغا قەتئىي نارازىلىق ۋە قارشىلىقىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بۇنىڭغا قارىتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت " كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق بىر ھەرىكەت قانداقتۇر بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشى بولماستىن بەلكى خەلقئارا دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى" دەپ كۆرسەتتى.
سەككىز سانائەتلەشكەن دۆلەت يىغىنى ئېچىلدى
6- 8-ئىيۇن كۈنلىرى گېرمانىيىدە سەككىز سانائەتلەشكەن دۆلەت ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. بۇ يىغىندا كۆپلىگەن مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىن جەريانىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان ھەمدە بۇش پۇتىننى بۇ سىستېمىدىن قورقماسلىققا دەۋەت قىلىپ ، بۇنىڭ ھەرگىز رۇسىيىگە تەھدىت سېلىشنى مەقسەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پۇتىن بۇشقا ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر مۇداپىئە سىستېمىسىنى ئەزەربەيجانغا ئورۇنلاشتۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن.
بۇش بولسا، ئۇلار ئارىسىدىكى بەزى مەسىلىلەرنىڭ بۇ يىل 7-ئايدا پۇتىن ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندا يەنە مۇزاكىرە قىلىنىشىنى ئەسكەرتكەن. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋمۇ بۇ يىغىننىڭ تەركىبى قىسىمى بولغان سەككىز سانائەتلەشكەن دۆلەت بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان.
ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي رۇسىيىنىڭ ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسىغا قارشى چىقىشىنى قوللىغان ئىكەن. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 19 - مايدىن 25 - مايغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (14- مايدىن 18 - مايغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (5 - مايدىن 11 - مايغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 30 - ئاپرىلدىن 4 - مايغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (23-ئاپرىلدىن 27-ئاپرىلغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (16 - ئاپرىلدىن 20 - ئاپرىلغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (8-13- ئاپرىل)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (31 – مارت – 6 – ئاپرىل)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (24 – 30 – مارت)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (17-23-مارت)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (10-16-مارت)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (3 – 9 – مارت)