ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 30 - ئىيۇندىن - 6 - ئىيۇلغىچە )


2007.07.06

رابىيە قادىر خانىم ئاق سارايدا زىيارەتتە بولدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 3-ئىيۇل كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئاق سارايدا پرېزىدېنت بۇشنىڭ رەپىقىسى لورا بۇش خانىمنىڭ ئىشخانا مۇدىرى ئانىتا مېكبرايت بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. سۆھبەت جەريانىدا لورا بۇش خانىم ئىشخانىغا كىرىپ، رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئالاھىدە كۆرۈشتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەسئۇللىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رابىيە قادىر خانىم ئاق سارايدىكى سۆھبەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش سىياسىتى رامكىسى ئىچىدە، ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئېلىپ بېرىش سىياسىتى، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلار مەسىلىسى ھەم ئۇلارنىڭ جىسمانىي زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋالى، بولۇپمۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىۋېلىشى قاتارلىق ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ رابىيە قادىر خانىمنىڭ 6-ئىيۇن كۈنى چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى پراگادا پرېزىدېنت بۇش ۋە لورا بۇش خانىم بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئىككىنچى قېتىم لورا بۇش خانىمنى كۆرۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار سەيلە پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

4-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق بايرىمى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى ئىشتاتلىرىدىن ۋە كانادا قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار، پايتەخت ۋاشىنگتون يېنىدىكى ۋىرجىنىيە ئىشتاتىدىكى لېيىك ئاكۇتنىك سەيلىگاھىغا يىغىلىپ، ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق بايرىمىنى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى قۇتلۇقلىدى.

سەيلە پائالىيىتىدە د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمىيىتىنىڭ ئەزالىرىدىن تۇردى غوجا قاتارلىقلار نۇتۇق سۆزلەپ، بايرامنى تەبرىكلىدى ھەمدە ئۇيغۇرلارنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، دەۋا پائالىيەتلىرىنى قوللاشقا شۇنىڭدەك ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاشقا چاقىردى.

خىتاي پىچاندا خام نېفىت ئامبىرى ياسىماقچى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پىچان ناھىيىسىدە خىتاي بويىچە ئەڭ چوڭ نېفىت ساقلاش ئامبىرى ياسىماقچى، مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر نېفىت زاپىسىنى ساقلايدىغان ئامبار ئۈچۈن 6 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 2600 مو ئىكەن.

بۇ ئامبار قۇرۇلۇشى بۇ يىل 6 ‏- ئايدا رەسمىي ئىش باشلاپ كېلەر يىلى، يىل ئاخىرغىچە پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن.

خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىغا ئاۋسترالىيىمۇ دىققەت قىلماقتا

خىتاي ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ سۈرىتى خىتاينىڭ خوشىنىلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپلا قالماي، يەنە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ياپونىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىمۇ جىددىيلەشتۈرۈپ قويماقتا. ئاخىرقى كۈنلەردە خىتاي ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ سۈرئىتىدىن بىئارام بولۇۋاتقان دۆلەتلەرگە قاتارىغا ئاۋسترالىيە قوشۇلدى.

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى جون خوۋارد ۋە ئاۋسترالىيىنى زىيارەت قىلغان ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر گېنېرالى، خىتاينىڭ ھەربىي كېڭەيمىچىلىكىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە بۇنى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە پايدىسىز ، مۇقىمسىز ئامىللار، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ " بۈركۈت باچكىسى" بەلگىلىك ئاۋىئاماتكا پىلوتى بۇ قېتىم ئاۋسترالىيىگە كېلىپ، ئامېرىكا - ئاۋسترالىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرغا قاتناشقان. ئۇلارنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى چارشەنبە كۈنى ئاخىرلاشقان بولۇپ، ئىككى ھەپتىلىك مانېۋىرغا ئامېرىكا 20 مىڭ كىشىلىك قوشۇن، ئاۋسترالىيە 7500 كىشىلىك قوشۇن قاتناشتۇرغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى قىرغىزىستاندىكى جاسۇسلۇق ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقىنى ئىنكار قىلدى

يېقىندا، قىرغىزىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرى زھىپارقۇل ئارىقوۋا ئىسىملىك قىرغىزىستان دۆلەت مەجلىسىدە ئىشلەيدىغان بىر نەپەر قىرغىزىستان پۇقراسىنى خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئالغاندىن كېيىن، قىرغىزىستان جامائەتچىلىكىدە زور غۇل-غۇلا قوزغىلىپ كەتكەن.

ئاخىرى بىر قانچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن خىتاي دىپلوماتىيە دائىرىلىرى بۇنى ئىنكار قىلغان. خىتاينىڭ قىرغىزىستاندىكى باش ئەلچىسى بۇنداق جاسۇسلۇق قىلمىشىنى ئىنكار قىلغان بولۇپ، ئارقىدىن قىرغىزىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرىمۇ خىتاينىڭ مۇنداق جاسۇسلۇق قىلمىشىغا قاتناشمىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

پۇتىن بىلەن بۇش ئۇچراشتى

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن 1-ئىيۇلدىن 2-ئىيۇلغىچە ئۆزىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قاراتقان غەيرى رەسمى زىيارىتىنى ئېلىپ باردى. پۇتىن يەكشەنبە كۈنى كەچتە مەيىن ئىشتاتىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان قىرغىقىغا جايلاشقان كېننېبۇنكپورت دەپ ئاتالغان جايىدىكى پرېزىدېنت جورج بۇشنىڭ خۇسۇسىي تۇرالغۇ جايىغا يېتىپ كېلىپ، پرېزىدېنت بۇش ۋە ئۇنىڭ دادىسى چوڭ بۇش ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ يېزىشىچە، ۋلادىمىر پۇتىن تۇنجى قېتىم جورج بۇشنىڭ كېننېبۇنكپورتتىكى ئۆيىدە مېھمان بولغان چەت ئەل پرېزىدېنتى بولۇش بىلەن بىرگە بۇش ئائىلىسىنىڭ ئۇنىڭغا بۇنداق ئىللىق ۋە يېقىنچىلىق كۆرسىتىشى ھەممىلا پرېزىدېنتلارغا نېسىپ بولمايدىغان ئىش ئىكەن. بۇ، كرېمىل-ئاق ساراي مۇناسىۋەتلىرىدە، ئىككى تەرەپ مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن چۈشەنچىلەرنىڭ شەكىللىنىشىدە ئەھمىيەتلىك رول ئوينىشى مۇمكىن.

ئاق ساراي باياناتچىسى توني سنوۋ ئىككى رەھبەرنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشى ھەققىدە توختىلىپ،" بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىدۇ شۇنىڭدەك بۇنداق كەڭكۇشادە سورۇندا ئىككى تەرەپنىڭ كەڭكۇشادە ۋە سەمىمىيلىك بىلەن زور مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ" دەپ تەكىتلىگەن.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، پۇتىن بىلەن بۇش باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى، كوسوۋا مەسىلىسى، ئىران يادرو پىلانى مەسىلىلىرى بويىچە ئاشكارا سۆھبەت بايان قىلغان بولۇپ، پۇتىن راكېتا سىستېمىسى مەسىلىسىدە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىمۇ قاتناشتۇرۇشتەك يېڭى تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويغان. ئىران مەسىلىسىدە بولسا ئورتاقلىق ھاسىل قىلغان.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.