ھەپتىلىك خەۋەرلەر (8 - ئىيۇلدىن 12 - ئىيۇلغىچە)
2007.07.13
ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى خىتاي - كانادا مۇناسىۋەتلىرىگە تاقالغان مەسىلە بولماقتا
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يۇقىرى سوت مەھكىمىسى 10-ئىيۇل كۈنى كانادا تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك، ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىغا نارازى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە سۇنغان ئەرزىنى كۈچكە ئىگە قىلماي، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتنىڭ ھۆكۈمىنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېتېر ماككېي سەيشەنبە كۈنى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۈسەيىن جېلىلغا بېرىلگەن ئەسلىدىكى مۇددەتسىز تۈرمە جازاسى كۈچكە ئىگە، دەپ ھۆكۈم چىقارغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
پېتىر ماككېي، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ سوتىنىڭ قانۇن تەرتىپلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلمايلا قالماي، ئۇنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنمىغانلىقىنى، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ كانادا دىپلوماتلىرىغا ھۈسەيىن جېلىلنى يوقلاش رۇخسىتى بېرىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، كانادا تەرەپنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنىڭ قەشقەردىكى ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنى يوقلاپ، ئالاقە قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشنى تەكىتلىدى.
كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى تۈپەيلىدىن 1999-يىلى خىتاي بىلەن تۈزگەن كونسۇل ئىشلار كېلىشىمىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرمەكتە. ھۈسەيىن جېلىل، 2006-يىلى، 3-ئايدا تاشكەنتكە بارغاندا قولغا ئېلىنغان ۋە 5- ئايدا ئۆزبېك دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتايغا بېرىۋېتىلگەن ئىدى.
ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ سۈرىتى ھاراق بوتۇلكىلىرىغا چاپلانغان
ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئېلىدە ھەمدە خىتايدا ياسالغان ھاراقلارنىڭ ئەڭ كۆپ ئىستىمالچىلىرىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
ئىسلامىي قائىدە ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرگە خىلاپ ھېسابلىنىدىغان ھاراقكەشلىك ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچەيگەندىن سىرت يەنە "باياۋاندىكى بۇلاق" ماركىلىق ئالاھىدە ياسالغان ھاراقنىڭ بوتۇلكىلىرى ھەم كورۇپكىلىرىغا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەشھۇر مەسچىتلىرىدىن بىرى، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىياغا داڭلىق بولغان قەشقەر ھېيتگاھنىڭ كۆرۈنۈشى چۈشۈرۈلگەن.
بۇ ھاراق ماركىسىنى يولغا قويغان خىتاي تىجارەتچىسى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ، بۇنىڭ نورمال ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقان. ئەمما، قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتنىڭ مۇتىۋەللىسى ھېيتگاھنىڭ سۈرىتىنىڭ ھاراق بوتۇلكىسىغا چاپلانغانلىقىغا نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
قۇش زۇكامى يەر شارى خاراكتېرلىق مەسىلىگە ئايلانماقتا
قۇش زۇكامى يەر شارى خاراكتېرلىق كېسەلگە ئايلانماقتا، بۇ كېسەل مىكروپى تېز سۈرەتتە ياۋرو-ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرگە كېڭەيگەن.
قۇش زۇكامى ۋىرۇسىنىڭ باشقا بىرخىل تىپى بولغان بەلگىلىك ئادەمدىن - ئادەمگە يۇقىدىغان ۋىرۇسى 1997 - يىلى تۇنجى قېتىم خوڭكوڭدا بايقالغاندىن كېيىن، بۇ خىل ۋىرۇس 2003 - يىلىغا كەلگەندە ئەزەربەيجان، كامبودژا، خىتاي، مىسىر، ھىندونېزىيە، ئىراق، لائوس، نىگېرىيە، تايلاند، تۈركىيە، ۋيېتنام قاتارلىق 39 دۆلەتكە تارقالدى. بۇلتۇر يەنە 30 دۆلەتكە كېڭەيگەن ئىكەن.
خىتاينىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ئەلچىسى تۈركىيىدىكى قازاقلارنى زىيارەت قىلغان
7-ئاينىڭ 6-كۈنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈركىيىدىكى تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باش ئەلچىسى لى ۋېييىڭ ئايالى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيىنىڭ نىدە ۋىلايىتى ئالتاي يېزىسىدىكى قازاقلارنى زىيارەت قىلغان.
خىتاي مۇئاۋىن ئەلچىسىنىڭ بۇ زىيارىتى تۈركىيىدىكى قازاق ۋە ئۇيغۇر كۆچمەنلەر ئارىسىدا قاتتىق مۇنازىرە پەيدا قىلدى. لىۋېييىڭ زىيارەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، قازاقلارغا شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭنىڭ زۇلۇم سالغانلىقىنى ئەمما، كومپارتىيىنىڭ قازاقلارغا تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرمەكچى بولغان.
تۈركىيىدىكى بىر قىسىم قازاق زىيالىيلىرى خىتاي مۇئاۋىن ئەلچىسىنىڭ قازاقلارنى زىيارەت قىلىشىنى تەنقىد قىلغان بولسا، بىر قىسىم قازاقلار بۇنىڭ نورمال ئىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىر قىسىم قازاق زىيالىيلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قازاق مەكتەپلىرىنى تاقاپ، خىتاي مەكتەپلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ۋە قازاق تىلىنى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلىتىشتىن قىسقارتىۋاتقانلىقىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.
ئالتاي يېزىسىدىكى بۇ قازاقلار 1949-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن قېچىپ چىققاندىن كېيىن تۈركىيىگە يەرلەشتۈرۈلگەن ئىكەن.
پاكىستاندا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر
8-ئىيۇل كۈنى پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرىدىكى بىر موتسىكلىت كارخانىسىدا ئىشلەيدىغان 3 نەپەر خىتاي تېخنىكا خادىمى، سالاھىيىتى نامەلۇم قوراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. يەنە بىر نەپەر خىتاي تېخنىكا خادىمى ئېغىر يارىلاندى.
پىشاۋۇر شەھىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ساقچى ئەمەلدارى ئابدۇلكەرىم، قوراللىق كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتىنىڭ ۋە خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىشتىكى مەقسىدىنىڭ ھازىرچە مەلۇم ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. بىراق، ئۇ بۇ ئىشنى قەبىلىلەر رايونىدىكى ئىسلامىي گۇرۇپپىلارنىڭ ھۇجۇمى بىلەن باغلاش مۇمكىنلىكىنى چەتكە قاقمىغان.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىسلام ئابادتىكى قىزىل مەسچىتنىڭ تالىپلىرى خىتايلار بەدەن ئۇۋىلاشخانە نامى بىلەن ئېچىپ ، پاھىشىلىك يولغا قويغان بىر ئورۇنغا ھۇجۇم قىلىپ، 6 نەپەر خىتاي ئايالنى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن قىزىل مەسچىت پاكىستان ئارمىيىسى تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنغان.
بىر ھەپتىلىك قارشىلىق كۆرسىتىشتىن كېيىن، پاكىستان ئارمىيىسى مەسچىتنى ھۇجۇم بىلەن ئالغان، ئىككى تەرەپنىڭ 70 ئەتراپىدا ئادەم ئۆلگەن . ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، ھازىر پاكىستاندا رادىكال گۇرۇپپىلار بىلەن پەرۋىز مۇشەررەپ ھۆكۈمىتى ئارىسىدا ئىختىلاپ كۈچىيىشكە باشلىغان.
رۇسىيىنىڭ ك گ ب ئارخىپلىرى داۋاملىق ئاشكارىلانماقتا
رۇسىيە فېدېرال بىخەتەرلىك ئىدارىسى 1920-يىللىرىدىن 1950-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ سوۋېت تېررىتورىيىسىدە ئېلىپ بارغان تازىلاش ھەرىكەتلىرى ھەمدە ۋەتەن ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەخپىي ئارخىپلىرىنى ئاممىغا ئاچقانلىقىنى، خالىغان كىشىنىڭ بۇ ئارخىپلارنى كۆرۈشى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلغان.
ستالىن دەۋرىدىكى ئارخىپلارنىڭ قاتارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە ئائىت نۇرغۇن ئارخىپ ماتېرىياللىرىنىڭ بارلىقى مەلۇم. لېكىن ھازىرغىچە بۇلار تېخى ئېچىلمىغان ياكى مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن يېتەرلىك دەرىجىدە سۈرۈشتۈرۈلمىگەن. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 30 - ئىيۇندىن - 6 - ئىيۇلغىچە )
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (23 - ئىيۇندىن 29 - ئىيۇنغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 9 - ئىيۇندىن 15 - ئىيۇنغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (1 - ئىيۇندىن 8 - ئىيۇنغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 19 - مايدىن 25 - مايغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (14- مايدىن 18 - مايغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (5 - مايدىن 11 - مايغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 30 - ئاپرىلدىن 4 - مايغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (23-ئاپرىلدىن 27-ئاپرىلغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (16 - ئاپرىلدىن 20 - ئاپرىلغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (8-13- ئاپرىل)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (31 – مارت – 6 – ئاپرىل)