ھەپتىلىك خەۋەرلەر (10-يانۋاردىن 16-يانۋارغىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.01.16
erkin-asiya-radiosi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە يەنە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى، رابىيە خانىم مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 12-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە 6 نەپەر ھۇجۇم گۇماندارىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم.

خىتاي ساقچىلىرى شۇ كۈنى يېڭىشەھەر ناھىيە بازىرىدا گۇمانلىق دەپ قارالغان بىر كىشىنى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. ئارقىدىن يەنە باشقا 5 نەپەر ھۇجۇم گۇماندارىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.

خىتاي ئاخباراتى بەرگەن خەۋەردە گۇماندارلارنىڭ قوللىرىدا پارتلاتقۇچ بۇيۇم كۆتۈرۈپ ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ پىكىر بايان قىلدى. ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قارشىلاشقۇچىلارنى تىرىك تۇتۇشنىڭ ئورنىغا نەق مەيداندىلا ئېتىپ ئۆلتۈرۈشنى «دۆلەت تېررورلۇقى»، رايوننىڭ ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن «ئوتنىڭ ئۈستىگە ياغ چاچقانلىق» دەپ ئەيىبلىدى.

خىتاينىڭ شاڭخەي ئايرودرومىدا 10 نەپەر تۈرك بىلەن بىلەن 9 نەپەر ئۇيغۇرنى قولغا ئېلىشى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

14-يانۋار خىتاي تاراتقۇلىرى شاڭخەي ئايرودرومىدا 10 نەپەر تۈركىيە پۇقراسى بىلەن 9 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋەردە 10 نەپەر تۈركنىڭ 9 نەپەر ئۇيغۇرغا ساختا پاسپورت تەمىنلەش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئافغانىستان، پاكىستان ۋە سۈرىيەگە بېرىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرمەكچى بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مەزكۇر خەۋەر خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەر ۋە دۇنياۋى تاراتقۇلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا يۈز بەرگەنلىكى قەيت قىلىنغان بۇ ۋەقەنى خىتاي تەرەپنىڭ ئەمدىلىكتە ئېلان قىلىشى ۋە ئۇنى خەلقئارا تېررورچىلىققا باغلىشى جىددىي گۇمان قوزغىماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇنىڭغا دەرھال رەددىيە بەردى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خەلقئارالىق جىھاد ھەرىكىتىگە باغلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

85 ياشلىق دىنىي ئۆلىما ئابلىمىت قارى ھاجىمنىڭ تۈرمىدە 17 يىللىق جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلىقى مەلۇم

ئىگىلىشىمىزچە، كەلپىن خەلقى ئارىسىدا زور تەسىرگە ئىگە دىنىي ئۆلىما ئابلىمىت قارى ھاجىمنىڭ بۇنىڭدىن 6 يىللار ئىلگىرى «قانۇنسىز بالا ئوقۇتقان» دېگەن جىنايەت بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم.

خىتاي سوتى ئەينى ۋاقىتتا 80 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان ئابلىمىت قارى ھاجىمغا 17 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى، ئۇنىڭ ئوغلى مەمەت قارىمغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەن.

ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل 85 ياشقا كىرگەن ئابلىمىت قارى ھاجىم ھازىر ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم تۈرمىدە جازا مۇددىتى ئۆتىمەكتە ئىكەن. ئېغىر تۈرمە ھاياتى، ناچار شارائىت ۋە كېسەللىك تۈپەيلى ئۇنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىدىن قالغانلىقى ھەمدە روھىي ھالىتىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينى ۋىجدان مەھبۇسى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

15-يانۋار ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا بىر يىل بولدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ۋە بىر قىسىم خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇلار باياناتىدا ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلانىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغان ۋىجدان مەھبۇسى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشكە شۇنداقلا خىتاي پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.

مەلۇمكى، ئىلھام توختى 2014-يىل 15-يانۋار كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە بۇلتۇر 23-سېنتەبىر كۈنى «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

خىتاي ھايانكەشلىرى «ساياھەتچىلىك شىركىتى» نامىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرىنى تالان-تاراج قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىپ ئاتالمىش «ساياھەت شىركىتى» ئاچقان خىتايلارنىڭ يەرلىك دائىرىلەر بىلەن بىرلىشىپ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورۇنلىرىنى پۇل تېپىشنىڭ كوزىرى قىلىۋالغانلىقى مەلۇم.

خوتەن شەھىرىدە «خەلقئارالىق ساياھەت ھەمكارلىق شىركىتى» نامىدا شەخسىي شىركەت ئاچقان خېنەنلىك دېڭ جيەنخۇا ئىسىملىك بىر خىتاي رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتىكى بەزى ئەھۋاللارنى ئاشكارا قىلدى.

ئۇ سۆزىدە خوتەندە ھۆكۈمەت سىياسىتىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ياخشى ئىكەنلىكىنى ۋە پۇل تېپىش يولىنىڭ كۆپلۈكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆز شىركىتىنىڭ خوتەندە پەۋقۇلئاددە ھوقۇققا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەت تەرەپتىن ساياھەت قىلىش چەكلەنگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورۇنلىرىغا ھەرقانداق ساياھەتچىنى ئېلىپ كىرەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرى بۇنى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يەرلىك دائىرىلەرنىڭ يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىشى بىلەن رايوندىكى مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرىنى تالان-تاراج قىلىشىدۇر، دەپ قارىماقتا.

بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەرزدارلار بېيجىڭغا بېرىپ ئەرز قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان يولغا قويغان «قاتتىق زەربە بېرىش» دولقۇنى داۋامىدا ئۇيغۇر ئەرزدارلىرىنىڭ دەۋادىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

ۋەھالەنكى، يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەرزدارلىرىنىڭ يېقىندا بېيجىڭدا پەيدا بولغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

14 يىللىق ئەرز تارىخىدا بەش قېتىم تۇتۇلۇپ، ئىككى قېتىم كېسىلگەن ۋە 4 يىل جازا مۇددىتى ئۆتىگەن خوتەن قاراقاشلىق غوجامەمەت جاپپار دەل شۇلارنىڭ بىرىدۇر.

ئۇ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يېقىندا يەنە بېيجىڭغا كەلگەنلىكىنى، بۇلتۇر جازا مۇددىتىنى تۈگىتىپ تۈرمىدىن چىققىنىدا يۇرتىدا باش تىققۇدەك ئۆي-ماكانىنىڭ قالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.