ھەپتىلىك خەۋەرلەر (13-يانۋاردىن 19-يانۋارغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-01-19
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

قاراقاشتىكى ئوت ئاپىتىگە بەزى سىرلارنىڭ يوشۇرۇنغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا

15-يانۋار كەچتە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيىسىدىكى «تەربىيىلەش مەركىزى» گە ئۆزگەرتىلگەن بىر مەسچىتكە ئوت كەتكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالغان ئىدى.

مۇخبىرلىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا قاراقاش ناھىيىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار ئىككى ئورۇنغا ئوت كەتكەنلىكىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، بۇ ئورۇنلارنىڭ «تەربىيىلەش مەركىزى» ئىكەنلىكى شۇنىڭدەك ئوت ئاپىتىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى ئەپقاچتى. 

ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا، قاراقاش ناھىيىسىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى نۆۋەتتە قاراقاش ناھىيىسىدە كۆپلىگەن «تەربىيىلەش مەركىزى» تەسىس قىلىنغانلىقى، بۇ جايلاردا ئون مىڭلارچە كىشىنىڭ «ۋەتەنپەرۋەرلىك» تەربىيىسى ۋە «خىتاي تىلى ئۆگىنىش» بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىرمۇ خىتاي كۇرسانتنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى. 

«تەربىيىلەش مەركەزلىرى» ۋە تۈرمىلەردە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ جان ئۈزگەنلىكى مەلۇم بولدى

ئۇيغۇر دىيارىدىكى «تەربىيىلەش مەركىزى» ۋە تۈرمىلەردە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار كۆپلەپ مەلۇم بولماقتا.

يېقىندا غۇلجىدىكى «مېلودىيە» چايخانىسىنىڭ خوجايىنى ياسىنجان مويدىننى ئۆتكەن يىلى يازدا ساقچىلارنىڭ ئېلىپ كەتكەنلىكى، ئۇنىڭ ئالتە ئايدىن كېيىن تۈرمىدىن ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغانلىقى ھەمدە ئۇزۇن ئۆتمەي دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە گەپ سۆزلەر تارقالغان ئىدى. 

ئۆتكەن ھەپتە قەشقەردىكى بىر «تەربىيىلەش مەركىزى» دە ئۈچ كىشىنىڭ جان ئۈزگەنلىكى ئىنكاس قىلىنغان ئىدى. ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا قەشقەر شەھىرىدە 30 مىڭ كىشىنىڭ، قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە 120مىڭچە كىشىنىڭ «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دە ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىغا «خىتاي كىملىكى» چۈشەنچىسى تەشۋىق قىلىنماقتا

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام ئېتىقادى ئىزچىل رايون مىقياسىدىكى سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ بىر مۇھىم نىشانى بولۇپ كەلمەكتە. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئېتىقادقا ھۇجۇم قىلىش بىلەن بىرگە، دىنىي زاتلارغا خىتاي مىللىي كىملىكىنى سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياش ۋە ئوتتۇرا ياش بولۇپ 70 نەپەر ئۇيغۇر دىنىي زاتنى بېيجىڭدىكى «مەركىزىي سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتى» غا يىغقانلىقى، بۇ جايدا ئۇلارغا تۆت ئاي ئاتالمىش «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» تەربىيىسى بەرگەنلىكى مەلۇم بولدى. 

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرى بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن ئىزچىل ئۆزلىرىگە سادىق ‹ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار› نى يېتىشتۈرمەكتە،» دېدى. 

خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى دۆلەت تېررورىزىمىنى ئەيىبلىدى

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىشى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدىن كەڭ يەر ئالغاندىن كېيىن، ھەرقايسى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بۇ ئەھۋالنى «دۆلەت تېررورىزىمىنىڭ يېڭىۋاشتىن يامرىشى،» دەپ ئەيىبلىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شەرقىي ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى روزان رايىف بۇ ھەقتە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا ساقچى دۆلىتى بەرپا قىلىشنىڭ مۇقىملىق ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئامېرىكىدىكى «ئەركىنلىك سارىيى» مۇشۇ ھەپتە ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتتىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ نۆۋەتتە بەكمۇ ئېغىر بىر ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىندى. 

2018-يىلى «ئەتەبەتۇل ھەقايىق يىلى» دەپ ئېلان قىلىندى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ پەن-مەدەنىيەت ۋە مائارىپ كومىتېتى تۈركىيە مىللىي كومىسسىيونى 12-يانۋار كۈنى مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، 2018-يىلىنى «ئەتەبەتۇل ھەقايىق يىلى» دەپ ئېلان قىلدى. 

مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر شەھىرىدە ياشىغان ئەدىب ئەخمەد بىن يۈكنەكى 12-ئەسىرنىڭ ئاخىرى يېزىپ چىققان «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» ناملىق ئەسەر يۈكسەك بەدىئىي سەۋىيىدىكى دىداكتىك داستاندۇر شۇنىڭدەك قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى شاھانە ئەسەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر بۇ ئەھۋالنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە بۇ ھەقتە كۆپلەپ پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئىلھام توختىنى 2018-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات كۆرسىتىش خىزمىتى باشلاندى

مەلۇم بولۇشىچە، چەتئەللەردىكى بىر قىسىم تەشكىلاتلار مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان زىيالىي ئىلھام توختىنى 2018-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىش خىزمىتىنى باشلىۋەتكەن.

گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، ھازىر ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ مەقسەتتە ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنى باشلىغانلىقىنى، بۇنىڭغا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فابيو كاستالدو قاتارلىق بىر تۈركۈم سىياسىيونلارنىڭ ئىمزا قويغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. 

نۆۋەتتە مەزكۇر ئىمزا توپلاش پائالىيىتىگە ئامېرىكا، ياۋروپادىكى باشقا سىياسىي ئەربابلار شۇنىڭدەك خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى خىتاي دېموكراتلىرىمۇ بەس-بەستە ئىمزا قويۇۋاتقان بولۇپ، كىشىلەر بىردەك دۇنيانىڭ ئىلھام توختىنى ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تولۇق بەت