ھەپتىلىك خەۋەرلەر (15-يانۋاردىن 21-يانۋارغىچە)

مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.01.21

خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى نارازىلىق نامايىشىغا دۇچ كەلدى

18- يانۋاردىن باشلاپ ۋاشىنگتوندا ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ، 19-يانۋار، پرېزىدېنت ئوباما بىلەن ئاقسارايدا سۆھبەتتە بولدى.

سۆھبەت ئاقساراي سىرتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خۇ جىنتاۋغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان كۈچلۈك نارازىلىق نامايىشىغا دۇچ كەلدى.

19- يانۋار ئاقساراي سىرتىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقا ئۇيغۇر، تىبەت تەشكىلاتلىرى، فالۇنگۇڭچىلار، خىتاي دېموكراتلىرى ۋە تەيۋەنلىكلەر بولۇپ نەچچە يۈزلىگەن نامايىشچى ئىشتىراك قىلدى.

نامايىشچىلار قوللىرىغا شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت بايراقلىرىنى شۇنداقلا خۇ جىنتاۋغا قارشى شوئارلار يېزىلغان تاختىلارنى كۆتۈرۈۋېلىشقان ئىدى.
نامايىشچىلار، "خۇ جىنتاۋ يالغانچى!"، "خۇ جىنتاۋ قاتىل! "، "ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك!"، " تىبەتلەرگە ئەركىنلىك!" دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشتى.

خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى زىيارىتىدە مەجلىس رەھبەرلىرىنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىدى

خۇ جىنتاۋ ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ 3-كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى زىيارەت قىلىپ، جۇمھۇرىيەتچى ھەم دېموكراتچى رەھبەرلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئىدى.

خۇ جىنتاۋ ئاۋام پالاتا رەئىسى جون بوھنئېر بىلەن كېڭەش پالاتاسىنىڭ كۆپ سانلىقلار رەھبىرى خاررىي رېيىد قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇلار خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

ئاۋام پالاتا رەئىسى جون بوھنېر خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، "خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ رەت قىلىنىپ، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈلۈۋاتقانلىقىغا دائىر مەسىلىلەردىكى ئەندىشىمىزنى كۈچلۈك رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويدۇق" دەپ كۆرسەتتى.

18- يانۋار، خاررىي رېيىد خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتى ھەققىدىكى باياناتىدا خىتاي رەھبىرىنى "دىكتاتور" دەپ ئاتىغان ھەم بىر دىكتاتورنىڭ شەرىپىگە بېرىلگەن زىياپەتكە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پاكىستاندا ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچراپ، ئۆيىدىن قاچقان ئۇيغۇر ئايال ئاسىيە كىرىم 18- يانۋار 4 بالىسى بىلەن يۇرتىغا قايتتى

ئاسىيە كىرىم 15 يىلنىڭ ئالدىدا بىر پاكىستانلىققا توي قىلىپ، پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقان. ئۇ، ئۆتكەن يىلنىڭ بېشىدا ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغانلىقتىن ئۆيىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولغان.

ئاسىيە كىرىم ئەسلى ئۇيغۇر رايونىنىڭ كورلا شەھىرىدىن بولۇپ، يۇرتىغا قايتماقچى بولغاندا، پاسپورت ۋە ۋىزا رەسمىيەتلىرى سەۋەبلىك خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىغان ئىدى.

ئاسىيە كىرىم 10 ئايدىن بېرى پاكىستاندىكى "ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى" ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھىمايىسىدە ياشاپ كېلىۋاتقان ئىدى.

2011‏-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە "شەرقىي تۈركىستان قان يىغلايدۇ" ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

يىغىننى تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتى ئىستانبۇل شۆبىسى ئۇيۇشتۇرغان.

يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى تىبەت يۈجەتۈرك، ئۈلكۈ ئۇجاقلىرى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى بولۇپ، 200 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى.

يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرى رەئىسى ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ئوباماغا يازغان خېتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى نۇقتىلىق تەكىتلەندى

خەت 14- يانۋار، فرانك ۋولف، جەيمىس ماكگوۋېرن قاتارلىق 32 نەپەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى تەرىپىدىن پرېزىدېنت باراك ئوباماغا يوللانغان.

خەتتە ئوبامادىن خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى جەريانىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش تەلەپ قىلىنغان.

مەزكۇر خەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، باراك ئوبامادىن خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدىكى پەرزەنتلىرىنى قويۇپ بېرىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش تەلەپ قىلىنغان.

خەتنىڭ ئاخىرىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش تەلەپ قىلىنغان.

ئۇيغۇر ئېلىدە 376 ئادەمگە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار جىنايەت بىلەن جازا بېرىلگەن

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ 2010-يىلىدا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار جىنايەت بىلەن 376 ئادەمگە جازا بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتنى ئۇيغۇر رايونى يۇقىرى سوتنىڭ رەئىسى روزى ئىسمائىل ئاشكارىلىغان.

ئۇ، جازالانغانلار ئىچىدە "4-ئاۋغۇست سەمەن ۋەقەسى"، "12-ئاۋغۇست "ۋە "14‏-ئاۋغۇست" ۋەقەلىرىگە چېتىلغان ئادەملەرنىڭمۇ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

2008- يىلى 4- ئاۋغۇست قەشقەردە ئىككى ئۇيغۇر ياش ئەتىگەنلىك چېنىقىشقا چىققان خىتاي ئەسكەرلىرىگە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، 16 خىتاي ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەن ۋە 17 ئەسكىرىنى يارىدار قىلغان ئىدى.

خەۋەردە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان 376 ئادەمنىڭ مىللەت تەركىبى ۋە يەنە قايسى ۋەقەلەرگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلمىگەن.

د ئۇ ق ۋەكىللىرى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچراشتى

1-ئاينىڭ 17-كۈنى د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىس ئەسقەرجان ۋە باش كاتىپ دولقۇن ئەيسالاردىن تەركىب تاپقان ۋەكىللەر بېرلىندا گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

گېرمانىيە پارلامېنتىدا د ئۇ ق ۋەكىللىرىگە 2 كۈنلۈك زىيارەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ۋەكىللەر 17- يانۋار چۈشتىن بۇرۇن بېرلىندىكى مۇخبىرلارنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇمات بەرگەن. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئايرىم سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان.

ئۇچرىشىش نەتىجىلىك ئاخىرلىشىپ ۋەكىللەر 19- يانۋار ميۇنخېنغا قايتىپ كەلگەن.

گوللاندىيىدىكى مۇساپىرلار ئورنىدا بىر نەپەر ئۇيغۇر بىر خىتاي تەرىپىدىن پىچاقلاندى

17- يانۋار كەچ سائەت 10-11 لەر ئارىسىدا گوللاندىيىدىكى مەلۇم مۇساپىرلار لاگېرىدا تۇرۇۋاتقان ئەكبەرجان ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياشنى ئا بىڭ سىملىك بىر خىتاي ياتاقدىشى پىچاق تىقىپ يارىلاندۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئا بىڭ ئىسىملىك بۇ خىتاي پاناھلىق ئىشلىرى ئىزچىل رەت قىلىنغاندىن كېيىن، قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە ئەكبەرجانغا پىچاق تىقىش ئارقىلىق غەزىپىنى ئىپادىلىمەكچى بولغان.

ھۇجۇمدا ئەكبەرجاننىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتمىگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئەكبەرجاننىڭ ئەھۋالى نورمال ئىكەن.

گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە شەخسلەر بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراپ، مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.