ھەپتىلىك خەۋەرلەر (20-يانۋاردىن 26-يانۋارغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-01-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

ئابدۇراخمان ھەسەننىڭ شىكايىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇمنى ئاڭلاتتى

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تىجارەتچى ئابدۇراخمان ھەسەننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە «ئانامنى ۋە ئايالىمنى بۇنچە قىينىغۇچە ئېتىۋېتىڭلار! ئوقنىڭ پۇلىنى مەن بېرەي،» دەپ قىلغان چاقىرىقى ھەر ساھە كىشىلىرى ئارىسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىدى.

ئابدۇراخمان ھەسەن بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، ئوتتۇز يىل ئوقۇتقۇچى بولغان ئانىسى ۋە ئايالىنىڭ ئۆمرىدە ھېچقانداق سىياسىي مەسىلىگە چېتىلىپ باقمىغان ئىنسانلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى شۇنىڭدەك نۆۋەتتە ھەرقانداق ئۇيغۇرنىڭ مۇشۇ يوسۇندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە دۈشمەن ھېسابلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «بۇ ھال ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئەڭ جانلىق مىساللارنىڭ بىرى،» دېيىشمەكتە.

ئۆمۈربەگ ئېلى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى تەسۋىرلەپ بەردى

ھازىرغا قەدەر «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەھۋاللار ئانچە كۆپ مەلۇم بولماي كەلگەن ئىدى. يېقىندا بۇ جايدا بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتنى ئۆتكۈزگەن مەھبۇسلاردىن ئۆمۈربەگ ئېلى ئۆزىنىڭ كۆرگەنلىرىدىن تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئۆمۈربەگ ئېلى ئەسلى پىچانلىق بولۇپ، تېررورلۇق گۇمانى بىلەن بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت قارامايدىكى «تەربىيەلەش مەركىزى» دە تۇرغان. بۇ جەرياندا چەتئەل پۇقراسى تۇرۇپمۇ سانسىز سوراقلارنى ۋە قاباھەتلىك كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن.

پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «چەتئەل پۇقرالىرىنىڭ بۇ دەرىجىدە بوزەك قىلىنىۋاتقان يەردە، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن ئەمەس،» دېدى.

«ھالال» بەلگىلىرىنىڭ چەكلىنىشى ناھىيەلەرگىچە كېڭەيمەكتە

ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ئەسەبىيلىك» كە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ ئىزچىل ھۇجۇم ئوبيېكتى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. يېقىندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېمەكلىكلەردىكى «ھالال» بەلگىلىرىنى مەنئى قىلىش ئۇقتۇرۇشىنىڭ ھەرقايسى ناھىيەلەردە جىددىي ئومۇملىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

مورى ناھىيەلىك مىللەتلەر ۋە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ مەسئۇل كادىرلىرىدىن بىرى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، بۇ ئۇقتۇرۇشلارنىڭ مەقسىتى ھالال چۈشەنچىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، دېدى.

ئۇيغۇر دىنىي ئۆلىمالىرى ۋە پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە ئۆزلىرىگە ئاسسىمىلياتسىيە قىلماقچى، دېدى.

«تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ داۋاملىق كېڭەيتىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سىياسىي-قانۇنغا مەسئۇل مۇئاۋىن سېكرېتارى جۇ خەيلۇننىڭ نۆۋەتتىكى «يېپىق تەربىيەلەش» ھەرىكىتىنى خۇددى «ياۋا ئۆت-چۆپلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن زىرائەتلەرگە دورا چاچقانغا ئوخشاش بىر ئىش» دېگەنلىكى دىققەت قوزغىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا نۆۋەتتە مۇقىملىقتىن ۋايىم يەۋاتقان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «سىياسىي تەربىيەلەش» نى 100 پىرسەنت ئومۇملاشتۇرۇشنى پىلان قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ھەرقايسى جايلاردىكى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە سولانغان كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن بۇ ئورۇنلار يېتىشمەي قالغان.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ ئەھۋالنى ئەيىبلەپ، «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى يوقىتىشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى،» دېدى.

چاغان مەزگىلىدە مال يۆتكەشنى توختىتىش ئۇقتۇرۇشى دىققەت قوزغىدى

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا شۇنچە كۆپ ساقچى ۋە ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرغىنىغا قارىماي، ئۇيغۇر دىيارىدا بىر قىسىم «مۇقىملىق تەدبىرلىرى» قوللىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.

يېقىندا ھەرقايسى جايلاردىكى مال يۆتكەش پونكىتلىرىغا خىتاينىڭ چاغان بايرىمى مەزگىلىدە مال قوبۇل قىلىش ۋە توشۇشنى توختىتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغان.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «بۇ خىلدىكى تەدبىرلەر گەرچە ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتايلارنىڭ تىجارەت ئىشلىرىغا دەخلى قىلسىمۇ ئەمما ئۇلار خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بۇ ئىشلارغا سۈكۈت قىلماقتا،» دېدى.

«بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» چاقىرىقى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئۇيۇشتۇرماقتا

ئۇيغۇر دىيارىدا ھەممىلا جايغا يامراۋاتقان سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تۈرلۈك شەكىللەردە ئۆز قارشىلىقىنى ئىپادىلىمەكتە.

يېقىندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» توپىنى قۇرغان ھەمدە 15-مارت كۈنى ب د ت ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەت بىنالىرى ئالدىدا ئاياللار نامايىشى تەشكىللەشكە چاقىرىق قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۈرلۈك زۇلۇم ۋە باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىك ۋە ھەمدەرتلىك تۇيغۇسىغا تۈرتكە بولماقتا شۇنداقلا ئۇلارنى تۈرلۈك شەكىللەردە قارشىلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇرلىماقتا ئىكەن.

تولۇق بەت