ھەپتىلىك خەۋەرلەر (25-يانۋاردىن 31-يانۋارغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.01.31
hepte-tor-maqale.jpg ھەپتىلىك خەۋەرلەر (25-يانۋاردىن 31-يانۋارغىچە)
Photo: RFA

ئۇيغۇرلار ميۇنخېندا ۋەتەن قۇربانلىرىنى خاتىرىلىدى

گېرمانىيە ۋە ياۋروپانىڭ باشقا جايلىرىدىن كەلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى 25-يانۋار كۈنى ميۇنخېن شەھىرىگە جەم بولۇپ، د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ دادىسى ئەيسا مەمەت ھەمدە ئامېرىكادىكى جامائەت ئەربابى ئەدھەمجان زاكىر قاتارلىق مەرھۇملارنى خاتىرىلىدى.

يىغىلىشتا جامائەت مەرھۇملارنىڭ ھايات-پائالىيىتى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى ھەمدە ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمە-قۇرئان تىلاۋەت قىلدى.

يىغىلىشتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلىرى بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە مەلۇم شەخسلەرگىلا ئەمەس، بەلكى «شەرقىي تۈركىستاندا ھاياتىدىن ئايرىلغان شېھىتلار ئۈچۈنمۇ بىر قېتىملىق خاتىرىلەش بولىدىغانلىقى» نى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

«ھەج قوللانمىسى» نى ساقلىغان كىشى تۆت يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان

يېقىندا خوتەننىڭ لوپ ناھىيە سامپۇل يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق دېھقان توختى روزىنىڭ ئۆيىدە «ھەج قىلىش قوللانمىسى» نى ساقلىغانلىقى سەۋەبلىك بۇنىڭدىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرى ئوغلى بىلەن بىرلىكتە تۆت يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىنىي ئېتىقاد بىلەن باغلىنىشلىق بولغان بارلىق ھادىسىلەر نۆۋەتتە «ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق» نىڭ ئىپادىلىرى قاتارىدا قاتتىق بىر ياقلىق قىلىنىۋاتقان بولۇپ، دۇنيانىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، توختى روزى لوپ ناھىيەسىدە شەخسىي كىتابخانا ئاچقان بولۇپ، بۇ دۇكاندا دىنىي كىتابلار ۋە ھەج سەپىرىگە ئالاقىدار بۇيۇملار سېتىلىۋاتقان ئىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى مۇھاكىمە قىلىندى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى قارمىقىدىكى تاشقى ئىشلار كومىتېتى 28-يانۋار كۈنى مەخسۇس گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىپ، دۇنيا مىقياسىدىكى دىنىي ئېتىقاد زىيانكەشلىكىنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئەھۋالىغا قاراپ چىقتى.

گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەڭ چوڭ دىنىي ئېتىقاد زىيانكەشلىكى قاتارىدا ئالاھىدە مۇزاكىرە قىلدى.

يىغىن ئىشتىراكچىلىرى بۇ مەسىلە ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش بىلەن بىرگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بۇ ھەقتە تېخىمۇ كونكرېت بولغان ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە يەنە بىر قېتىم دەۋەت قىلدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۈشكۈلاتى ھەر ساھەنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىماقتا

تۈركىيەدىكى «ھىرا» مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ۋەخپى نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئائىلە جۇدالىقى، ئىشسىزلىق ۋە ئىقتىسادىي ياردەمسىز قېلىشتەك بىر قاتار مۈشكۈلاتلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ھۆججەتلەشتۈرۈپ چىقتى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى قوللىرىدىكى خىتاي پاسپورتىنى يېڭىلاشقا ئىلاجسىز قېلىۋاتقانلىقتىن ئۇلار كىملىك، خىزمەت ۋە ساياھەت مەسىلىلىرىدە ئېغىر دىشۋارچىلىققا گىرىپتار بولماقتا ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتى ئاللىقاچان ئۇيغۇر دىيارىدىن ھالقىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈش شارائىتىدىن مەھرۇم قىلماقتا ئىكەن. بىر قىسىم ئانالىزچىلار بۇنى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى بىر تۈرى،» دەپ كۆرسەتتى.

«يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقى» خاتىرىسىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى قايتا ئەسلەندى

دۇنيا خەلقى 75 يىلدىن بۇيان 27-يانۋاردىكى «يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقى» خاتىرىسىدە يەھۇدىيلارنىڭ مىليونلاپ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىدەك ئاچچىق پاجىئەنى ئەسلەپ كەلمەكتە.

2020-يىلى 27-يانۋار كۈنى پۈتۈن دۇنيا يەنە بىر قېتىم «يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقى» نى ئەسلەۋاتقاندا ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر زور پاجىئەگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىلدى.

د ئۇ ق بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ «ھەرگىز قايتىلانمايدۇ» دېگەن تارىخىي ۋەدىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى لازىملىقىنى كۆرسەتتى. د ئۇ ق نىڭ مەسئۇللىرى ئەنگلىيەدىكى يەھۇدىيلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنى ھازىر خۇددى مۇشۇنداق تەقدىرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەھۋالى ئەندىشە قوزغىماقتا

ئۆتكەن ھەپتىدە ئۇيغۇر ئېلىدە 12 كىشى ۋۇخەندىن تارقىلىۋاتقان تاجسىمان ۋىرۇس ھەققىدە «ئۆسەك سۆز تارقىتىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ ساقچىلارنىڭ بىر ياقلىق قىلىشىغا تاپشۇرۇلغان ئىدى. نۆۋەتتە بۇ ۋىرۇسنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ خەۋپلىك مەسىلىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى»، يەنى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ناچار تۇرمۇش شارائىتى ھەمدە جىسمانىي ۋە روھىي قىيناقلاردىن ئاللىقاچان ھالىدىن كەتكەن مىليونلىغان لاگېر تۇتقۇنلىرىغا تارقىلىپ كەتسە، بۇنىڭ قانداق زور ئاپەتكە ئاپىرىدىغانلىقى ھەر ساھە كىشىلىرىنى زور ئەندىشىگە سالماقتا ئىكەن.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي دائىرىلىرى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ھازىر 1-دەرىجىلىك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىشنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، مۇقىملىق ۋە يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئەڭ چوڭ سۆز تېمىسى بولماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.