ھەپتىلىك خەۋەرلەر (27-يانۋاردىن 2-فېۋرالغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-02-02
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ ئۆلۈمى زور غۇلغۇلا قوزغىدى

يېقىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۆتىۋەر دىنىي ئالىملىرىدىن مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ بىرىدە 82 يېشىدا جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقالدى.

ئۇنىڭ قاچان ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە ئېنىق دەلىللەر بولمىسىمۇ، ئەمما تۈرلۈك ئۇچۇر مەنبەلىرى بۇنىڭ تەخمىنەن بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى يۈز بەرگەن ۋەقە ئىكەنلىكىنى ئىشارە قىلىدۇ.

ئۆمرىنى دىنىي خىزمەتكە بېغىشلىغان مۇھەممەد سالىھ ھاجىم 1980-يىللىرى «قۇرئان كەرىم»، «ھەدىس» ۋە باشقا دىنىي ئەسەرلەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئىشلەشتە زور تۆھپىلەرنى ياراتقان. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «مەرھۇمنىڭ ئۆلۈمى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قايسى دەرىجىدە غالجىرلاشقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى،» دېدى.

دۆلەت شېئىرى سەۋەبىدىن ئۆلۈۋالغان تۇرسۇن ئابلەتكە ئائىت تەپسىلاتلار ئاشكارىلاندى

ئۇيغۇر دىيارىدا مەجبۇرىي ئومۇملاشتۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايچە ئۆگىنىش پائالىيىتى جەريانىدا ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايچە دۆلەت شېئىرىنى يادلاشقا زورلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئىگىلىنىشىچە، يەكەندىكى دېھقان تۇرسۇن ئابلەت خىتايچە دۆلەت شېئىرىنى يادلىيالمىغانلىقى ئۈچۈن ئاممىۋى يىغىندا ھاقارەتلەنگەن شۇنىڭدەك بۇ قىلمىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالتە ئايدىن بەش يىلغىچە قاماققا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. خورلۇق ۋە تەھدىت سەۋەبىدىن تۇرسۇن ئابلەت ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان.

كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «تۇرسۇن ئابلەتتەك ساۋاتسىز بىر دېھقاننىڭ بۇنچە ئېغىر قىسمەتكە دۇچ كېلىشى باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ قايسىي ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان جانلىق مىسال،» دېدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار زۇلۇمغا قارشىلىق كۆرسىتىش يولىنى تاللىماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ مىقياستا ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇش تەدبىرلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا بەلگىلىك ئويغىنىش ۋە قارشىلىق روھىنى يېتىلدۈرىۋاتقانلىقى مەلۇم.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا تەشكىللىنىۋاتقان ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ب د ت بىناسى ئالدىدا زور كۆلەملىك نامايىش قىلىش چاقىرىقلىرىغا ھەرقايسىي جايلاردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئاكتىپ ئاۋاز قوشماقتىكەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي زۇلۇمىغا بولغان قارشىلىقى يەنە مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي پۇقرالىقىدىن ۋازكېچىش ھەققىدىكى ئاشكارا چاقرىقىلىرىدىمۇ ئەكس ئەتمەكتە.

«يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» خەلقئارانىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى

ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ كۆپلەپ ئېچىلىشى ھەمدە بۇنىڭغا يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ سولانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدا 30-يانۋار كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت يىغىنىدىمۇ ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىم بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتلار بەردى.

ھەرقايسى جايلاردىكى پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، بۇ «مەركەز» لەرنى ناتسىستلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئوخشاتتى شۇنداقلا بۇ مەركەزلەرنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇشنى باش نىشان قىلغانلىقىنى تەكتىلدى.

قاتتىق قوللۇق سىياسەتلەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتايلارنىمۇ قاچۇرماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاتتىق قوللۇق سىياسەتلىرى پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ۋەھىمىگە سېلىش بىلەن بىرگە يەنە بۇ جايدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىمۇ بىزار قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى ئىقتىسادشۇناس تاڭ لىجيۇنىڭ ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي نوپۇسى 11 پىرسەنت ئازايغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدا رايون مىقياسىدىكى توقۇنۇش ۋە زورلۇق ھەرىكەتلىرى شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسان تاقەت قىلىپ بولالمايدىغان تۈرلۈك قاتتىق كونتروللۇق تەدبىرلىرى مۇھىم سەۋەب بولغان.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا «ئانا تىل» قىزغىنلىقى باش كۆتۈرمەكتە

ئوقۇش يېشىدىكى ئۇيغۇرلار ئانا تىلدىن مەھرۇم قېلىۋاتقان بىر ئەھۋالدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئانا تىلنى قوغداش ھەرىكىتى قايتا جانلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.

يېقىندا قۇرۇلغان نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى شۇ جايدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشتا ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقان ئورۇنلارنىڭ بىرى.

«ئانا تىل قىزغىنلىقى» قىرغىزىستاننىڭ جالالئاباد ۋىلايىتىدە ياشىغۇچى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ باش كۆتۈرمەكتە. تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ جايلاردىكى ئۆزبېكلىشىپ كەتكەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىندا ئۆزلۈكىدىن «ئۇيغۇر تىلى كۇرسلىرى» غا قاتنىشىۋاتقانلىقى شۇ جايدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

تولۇق بەت