ھەپتىلىك خەۋەرلەر (3-فېۋرالدىن 9-فېۋرالغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-02-09
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنى چوڭقۇر ياد ئەتتى

دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ 83 يېشىدا ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر «تەربىيەلەش مەركىزى» دە جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار چوڭقۇر قايغۇ ئىچىدە بۇ زاتنى ياد ئەتتى.

ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە شۇنىڭدەك تۈركىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر جامائىتى مەرھۇم ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت ئۆتكۈزدى. تۈركىيەدە مەرھۇمنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى.

ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى بۇ ھەقتە توختىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئالىمنى ئۆلتۈرەلىسىمۇ، ئىلىمنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ،» دېدى.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى «سىياسىي» تەكشۈرۈشكە ئېلىپ كېتىلگەن

ئۇيغۇر دىيارىدا تەبىئىي پەن ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىملارنىڭ بىرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مەكتەپ مۇدىرى تاشپولات تېيىپنىڭ ئۆتكەن يىلى ئاپرېلدا «تەكشۈرۈش» كە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى دەلىللەندى.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، تاشپولات تېيىپقا ھازىرچە بىرەر «جىنايەت» بېكىتىلمىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ تېخىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇپ «تەكشۈرۈلۈش» باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشپولات تېيىپتەك بىر سادىق كادىرنى «تەكشۈرۈش» كە ئېلىپ كېتىشى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە ھېچكىمنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ، دېدى.

خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىگە تارتىش ئويۇنى قىيىنلاشماقتا

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە قاتارلىق جايلاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا «يۇمشاق» قولىنى سوزۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولۇشقا باشلىدى.

خىتاينىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرى يېقىندىن بۇيان ھەر خىل ناملاردا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، شۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تەكلىپ قىلغان. ئەمما نۆۋەتتە خىتاي ئەلچىخانىلىرى ياكى كونسۇلخانىلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئۆتكەن مەزگىللەردىكىدىن زور دەرىجىدە ئازايغان.

ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر قىسىم كىشىلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، بۈگۈنكىدەك بىر ۋەزىيەتتە ئەركىن دۇنيادىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كونسۇلخانىلىرى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، دېدى.

مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى ئۇيغۇرلارنىڭ توي ئادەتلىرىگە قەدەر تېڭىلماقتا

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى توي ئادەتلىرىنى خىتايچىلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. خىتاي تاراتقۇلىرى بۇ ھادىسىنى «ئۇيغۇرلاردىكى زامانىۋىلىشىشنىڭ بىر ئىپادىسى» دەپ تەشۋىق قىلماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تويىغا خىتايچە «قوش خۇشاللىق» خەتلىرىنى كېسىپ چاپلاش، توي قىلغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا خىتايلارنىڭ «چوڭلارغا ھاراق سۇنۇش» ئادىتى بويىچە مۇئامىلە قىلىش، تويغا ئىمام ئەمەس، بەلكى خىتاي سېكرېتارنىڭ باش بولۇشى قاتارلىق ئەھۋاللار خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا تەشۋىق قىلىنغان.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا جىددىي ئىجرا قىلىۋاتقان مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسىنىڭ بىر قىسمى،» دېدى.

ئۇيغۇر دىيارىدا دىننى ئىنكار قىلىش ۋە دىنغا زەربە بېرىش ئاشكارا تەشۋىق قىلىنماقتا

يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدا «دىننى قەتئىي رەت قىلىش ۋە دىنغا قەتئىي ئىشەنمەسلىك» تەشۋىقاتىنىڭ ئومۇملىشىۋاتقانلىقى ئاشكارا بولدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تەشۋىقات نۆۋەتتىكى «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» شامىلىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى بولماقتىكەن.

مارالبېشى ناھىيەسىدىكى ساقچىخانىلار بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھازىر مۇشۇ خىلدىكى تەشۋىقاتقا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

نۆۋەتتە پۈتكۈل خىتاي تەۋەسىدە قانات يايغان «مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش» نامىدىكى ئاممىۋى ھەرىكەت ئۇيغۇر دىيارىدا «دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ھالدا داۋام قىلماقتا. ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئالاقىدار ھۆكۈمەت خادىملىرى بۇ ھەرىكەتنىڭ «ئەسەبىي دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش» نى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خاتىرىلىدى

ئۆتكەن يىللاردىكىگە ئوخشاش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ يىلمۇ «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 21 يىللىق خاتىرىسىنى خىتايغا قارشى داغدۇغىلىق نامايىشلار ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن كۈتۈۋالدى.

ئامېرىكا، گېرمانىيە، تۈركىيە، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر جامائىتى شۇ جايلاردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىغا توپلىنىپ خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى. نامايىشچىلارنىڭ جاراڭلىق شوئارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىرىدىكى ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى نامايان قىلدى.

قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر جامائەتلىرى بولسا تۈرلۈك خاتىرىلەش يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈپ، «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى ياد ئەتتى.

تولۇق بەت