ھەپتىلىك خەۋەرلەر (9-فېۋرالدىن 15-فېۋرالغىچە)
2013.02.15
رابىيە ئانا «بىر مىليارد ئايال» ئىچىدە
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋىرجىنىيە شتاتى پايتەختى رىچموندا 14-فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن «ئورنىدىن دەس تۇرغان بىر مىليارد ئايال» ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارالىق يىغىلىشىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بەردى.
«ئورنىدىن دەس تۇرغان بىر مىليارد ئايال» ھەرىكىتى دۇنيا مىقياسىدا ھەر تۈرلۈك زوراۋانلىقلارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقان ئاياللارنىڭ ئاۋازى بولۇش ئۈچۈن 1998-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى نيۇ-يوركتا باشلانغان. ھازىر بۇ ھەرىكەتكە ئاۋاز قوشقان تەشكىلاتلار 5 مىڭغا، ھەرىكەت ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەتلەر 190 غا يەتتى.
مۇخبىرىمىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، كىشىلىك ھوقۇق، مەدەنىي ۋە دىنىي ۋەزىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشىنى تەخىرسىزلىك بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتاي ساقچىلىرى ئۇيغۇر ئۆيلىرىگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئارام بەرمىگەن
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي چەكلىمە سىياسىتىنى ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىنى تۇيۇقسىز تەكشۈرۈشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان. ھەتتا بەزىلەرنىڭ ئۆيى 100 قېتىملاپ ئاختۇرۇلغان. بۇ خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.
كۇچا ناھىيىسىدىكى بىر دېھقاننىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ خىل تەكشۈرۈش ۋە «قۇرئانى كەرىم» قاتارلىق دىنىي كىتابلارنى مۇسادىرە قىلىش ھەرىكىتى 2012-يىلى ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: بەزىلەرنىڭ ئۆيى يۈز قېتىمدىن ئارتۇق ئاختۇرۇلدى. شەخسەن مېنىڭ ئۆيۈم بىر يىل ئىچىدە 15 قېتىم ئاختۇرۇلدى.
خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى مۇنداق دېدى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا تېررورلۇق ھەرىكىتى يۈرگۈزگەنلىكى ۋە دۇنيا ئەللىرىنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.
خوڭكوڭ مۇخبىرىغا تەرجىمانلىق قىلغان ئۇيغۇر ياش قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان
خوڭكوڭ «سۇمۇرغ» تېلېۋىزىيىسىنىڭ خىتايدا پروگرامما تارقىتىشقا يول قويۇلغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر تېلېۋىزىيىگە تەرجىمانلىق قىلغان بىر ئۇيغۇر ياشنى قاماققا ھۆكۈم قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان بۇ ئۇيغۇر ياشنىڭ ئىسمى مىرھامىتجان مۇزەپپەر بولۇپ، ئۇ، 2009 -يىلى 4-ئايدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە پروگرامما ئىشلەش ئۈچۈن قەشقەرگە كەلگەن خوڭكوڭ «سۇمۇرغ» تېلېۋىزىيىسىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك مۇخبىرى جاۋ يۈگە تەرجىمانلىق قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر ئوتتۇرا سوت مىرھامىتجان مۇزەپپەرنى 2009-يىلى «5 -ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن سوتلاپ، «بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتى بىلەن 11 يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇغان.
تەرجىماننىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىپ، بۇ ئۇچۇرلارنى توردا ئېلان قىلغان مۇخبىر جاۋ يۈينىڭ ھېچقانداق جاۋابكارلىققا تارتىلماسلىقى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دەرھال تەنقىدىگە ئۇچرىدى.
خەتەر ئاستىدىكى مۇتەخەسسىسلەر تورى ئىلھام توختى ھەققىدە خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋغا خەت يازدى
12-فېۋرال ئامېرىكىدىكى ئاممىۋى تەشكىلات-«خەتەر ئاستىدىكى مۇتەخەسسىسلەر تورى» خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋغا قارىتا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكا سەپىرىدىن توسۇپ قېلىنىشىغا چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
دائىرىلەر 2-فېۋرال ئامېرىكىغا يولغا چىقىش ئالدىدىكى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى ئىلھام توختىنى بېيجىڭ ئايرودرومىدا توسۇۋالغان ۋە 10 سائەتتىن ئارتۇق سوراق قىلغاندىن كېيىن، بېيجىڭدىكى ئۆيىدە نەزەر بەند ئاستىغا ئالغان ئىدى.
«خەتەر ئاستىدىكى مۇتەخەسسىسلەر تورى» ئوچۇق خەتتە مۇنداق دېگەن: تەشكىلاتىمىز خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇنى تەكشۈرۈشنى ۋە ئىلھام توختىنىڭ چېگرادىن چىقىشىنى چەكلەشتىكى سەۋەبلەرنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئىلھام توختى ئامېرىكا سەپىرىدىن توسۇپ قېلىنغاندىن كېيىن، بۇ خەۋەر خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ئىدى.
پالاۋغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى يوقاپ كەتكەن
گۋەنتانامودىن قويۇپ بېرىلىپ، تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلىتى پالاۋغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئادىل نۇرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى مەلۇم.
پالاۋ پرېزىدېنت ئىشخانىسىنىڭ 12-فېۋرال بىلدۈرۈشىچە، ئادىل نۇرى ئۆتكەن يىلى 12-ئايدىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق پالاۋ ھۆكۈمىتى بۇ ئىشتىن تېخى يېقىندا خەۋەر تاپقان ۋە تەكشۈرۈشكە باشلىغان.
پالاۋدىكى باشقا ئۇيغۇرلارمۇ بۇ يىل 42 ياشلار چامىسىدىكى ئادىل نۇرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى ۋە قەيەرگە كەتكەنلىكىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2009-يىلى ئەدھەم مەمەت ۋە ئادىل نۇرى قاتارلىق 6 ئۇيغۇرنى گۋەنتانامودىن قويۇپ بېرىپ، پالاۋغا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.
توكيودا 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات بېرىلدى
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 16 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 2-ئاينىڭ 9-كۈنى توكيودا دوكلات بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
پائالىيەتكە ياپونىيىلىك ژۇرنالىست ئارىموتو كائورى خانىم ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدە توپلىغان ماتېرىياللىرى ئاساسىدا تەييارلىغان دوكلاتىنى ئوقۇدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت پائالىيەتنىڭ يىغىلىش شەكلىدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، پائالىيەتكە 90 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.