ھەپتىلىك خەۋەرلەر (10-فېۋرالدىن 16-فېۋرالغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-02-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

مالايشىيادا تۇتۇلغان 11 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

تايلاند تۈرمىسىدىن قېچىپ مالايشىياغا يېتىپ بارغان ئۇيغۇرلاردىن 11 كىشى تۇتۇلۇپ قالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلار بۇنىڭغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، مالايشىيا ھۆكۈمىتىنى بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىردى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى براد ئادامس بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، مالايشىيا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ يالغان سۆزلىرىگە ئالدىنىپ قالماسلىقى لازىم، دېدى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ ئوچۇق خەت ۋە بايانات ئېلان قىلىش ئارقىلىق، مالايشىيا ھۆكۈمىتىنى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇسىغا بىنائەن ئىش كۆرۈشكە دەۋەت قىلدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ چاغان ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىنىشى تەنقىدكە ئۇچرىدى

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ بۇ يىلقى چاغان بايرىمى ھارپىسىدا ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرى خىتايچە چاغانلىق مەسنەۋىلىرىنى ئىشىك باشلىرىغا چاپلاش ھەمدە خىتايچە پانۇسلارنى ئېسىشقا بۇيرۇلغان.

بۇ ھەقتىكى ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خىتاي ئاھالىلىرى ھازىر بۇ ئىشلارنىڭ تېزدىن ئومۇملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ۋە خىتاي زىيالىيلىرى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈش مەنئى قىلىنىۋاتقان بىر ئەھۋالدا ئۇيغۇرلارنى خىتايلارنىڭ مىللىي بايرىمىنى تەبرىكلەشكە مەجبۇرلاش سېپى ئۆزىدىن مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى، دېدى.

يەكەندىكى «ئېلىشقۇ ۋەقەسى» نىڭ بەزى تەپسىلاتلىرى ئاشكارا بولدى

2014-يىلى يەكەننىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىدىكى قىرغىنچىلىق ۋەقەسىدىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ تەپسىلاتىغا دائىر كۆپ ئىشلار نامەلۇم ھالەتتە تۇرۇپ كەلگەن ئىدى. يېقىندا بىر قىسىم شاھىتلارنىڭ بايانلىرى بۇ ھەقتىكى بەزى تۈگۈنلەرنى ئاشكارىلىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا قەشقەردىكى چوڭ سودىگەرلەرنىڭ شۇ ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئېلىشقۇدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانلىرىغا ئىقتىسادىي ياردەملەردە بولغانلىقى، بۇ كىشىلەرنىڭ بولسا 2017-يىلى مۇشۇ سەۋەبتىن قولغا ئېلىنغانلىقى ئايدىڭلاشتى.

مەلۇم بولۇشىچە، «ئېلىشقۇ ۋەقەسى» يۈز بەرگەندە ئېلىشقۇدىكى ئاھالىلەر 15 كۈنگىچە ئۆيلىرىدىن تالاغا چىقالمىغان. كېيىنچە خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى ھۆكۈمەت كادىرلىرى ئۆيمۇ-ئۆي زىيارەت قىلىپ، كىشىلەرنى خاتىرجەم بولۇپ سىرتقا چىقىشقا رىغبەتلەندۈرگەن.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاتتىق سىياسەتلەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئويغاتماقتا

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاتتىق كونتروللۇق ۋە باستۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىشى بىلەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلاردا ئۇيغۇر جەمئىيىتى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىققا بولغان تونۇش يەنىمۇ ئۆسمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدىكى 5000 كىشىلىك نامايىش» چاقىرىقى ھەمدە «بىر قەدەم، بىر ئاۋاز» نامايىشى ھەققىدىكى پائالىيەتلەرگە بارغانسېرى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋاز قوشۇشى بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسەتتى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان غەزەپ-نەپرىتى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇيۇشتۇرغان سىياسىي پائالىيەتلەرگە ھەمدە نامايىشلارغا ئاكتىپلىق بىلەن ئاۋاز قوشۇشى بىر يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلمەكتە،» دېدى.

ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى سەنئەت ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرماقتا

يېقىندا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە تېگىشلىك شەرەپ قازىنىپ، سەنئەت ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇشقا بەلگىلىك ھەسسە قوشۇۋاتقانلىقى كۆپلىگەن كىشىلەرنى سۆيۈندۈردى.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر قىزى ئاسىيا قاراقاش ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە سەنئىتىگە دائىر كۆپلىگەن مەزمۇنلارنى فوتو ئاپپارات كۆزنىكى ئارقىلىق تۈرك دۇنياسىغا تونۇشتۇرۇپ كەلگەن. ئۇ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى ئۈچۈن تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولغان «ئۈلكۈ ئوچاقلىرى» نىڭ 2017-يىللىق «تۆھپىكارلار مېدالى» غا ئېرىشكەن.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىزنىڭ ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىغا دائىر بىر پارچە ئەسىرى «ميۇنخېن زامانداش رەسساملار جەمئىيىتى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 150 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ماي بوياق رەسىملەر كۆرگەزمىسىگە تاللانغان.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەت ئامېرىكىدا زور دىققەت قوزغىدى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىجرا قىلىۋاتقان تۈرلۈك باستۇرۇش سىياسەتلىرى ئامېرىكىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى.

يېقىندا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبىيو ئۇيغۇرلارنىڭ گېن ئەۋرىشكىسىنى توپلاشقا كېرەكلىك ئەسۋابلارنى خىتايغا سېتىپ بەرگەن ئامېرىكا شىركىتىگە مەخسۇس مەكتۇپ يوللاپ بۇ ئىشنى سۈرۈشتە قىلغان.

ئامېرىكىدىكى «يەرلىك مىللەتلەر تەتقىقات مەركىزى» ئېلان قىلغان مەخسۇس دوكلاتتىمۇ ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇشلارنىڭ ئەمەلىيەتتە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكى ئالغا سۈرۈلدى شۇنداقلا دۇنيانىڭ بۇنىڭغا سەل قارىماسلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

تولۇق بەت