ھەپتىلىك خەۋەرلەر (17-فېۋرالدىن 23-فېۋرالغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-02-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

ئۇيغۇرلارنىڭ بىھۇدە تۇتقۇن قىلىنىشى داۋاملىق كېڭەيمەكتە

يېقىندا كورلا شەھىرىگە قاراشلىق قارا يۇلغۇن يېزىسىدىن مېيىت يۇيغۇچى 20 ئايالنىڭ «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئاشكارا بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە نۆۋەتتە مېيىت يۇيغۇچى كىشىلەر نۇقتىلىق نازارەت ئوبېكتى بولماقتا ئىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار دىيارىدا كىملىكىگە «چېكىت» ئۇرۇلغان كىشىلەر بىلەن ھەرقانداق شەكىلدىكى ئالاقىدە، جۈملىدىن تېلېفون ئالاقىسىدە بولغان كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى كۆپلەپ مەلۇم بولماقتا.

د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۇيغۇرلاردىكى ھەرقانداق مەنىۋى بايلىقنىڭ نۆۋەتتە خەتەرلىك، دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

تۇرمۇش ئادەتلىرى «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» دىكى ئۇيغۇرلارنى جازالاش ۋاسىتىسى بولماقتا

يېقىندا ھەرقايسى جايلاردىكى «سىياسىي ئۆگىنىش مەركەزلىرى» گە سولانغان ئۇيغۇر ئەرلەرنىڭ ئۆلۈۋېلىشى ياكى ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ ساقال ئالغۇچ بېرىلمىگەنلىكى، بۇنىڭ بىلەن «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دە مىڭلىغان «ئۇزۇن ساقاللىق» كىشىلەر توپىنىڭ پەيدا بولغانلىقى مەلۇم بولدى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەرقايسى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دىكى ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ھاجەتكە بېرىشتىن چەكلەش ئارقىلىق جازالاۋاتقانلىقى، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىدى.

سابىق ساقچىلار بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ بۇ خىلدىكى قەبىھ قىيناش ئۇسۇللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تۈرمىلەردە ۋە يىغىۋېلىش ئورۇنلىرىدا كەڭ ئومۇملاشقانلىقىنى تەكىتلىدى.

قازاقىستاندا خىتايغا بولغان سەلبىي قاراش كۈچەيمەكتە

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قازاقلارنىڭمۇ نۆۋەتتىكى باستۇرۇشنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىشى سەۋەبلىك قازاقىستاندا خىتايغا بولغان سەلبىي قاراش بارغانسېرى ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى.

يېقىندا قازاقىستاندا بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەر كۆپىيىپ، خىتاينىڭ «يۇمشاق كۈچ» شەكلىدە ئۆزىنىڭ يېقىملىق ئوبرازىنى تىكلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، قازاق ياشلىرىنى خىتايدا ھەقسىز ئوقۇتۇش ئارقىلىق قازاقلار ئارىسىدا خىتايپەرەس كىشىلەرنى كۆپەيتىش ئۇرۇنۇشىنىڭ قازاقىستاننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بەكمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى «مېڭە يۇيۇش» قىلمىشىدىن ھوشيار بولۇش لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

«مەن شەرقىي تۈركىستانلىق» دېگەن ئوقۇغۇچىلارغا خىتاي ئوقۇغۇچىلار تەھدىت سالغان

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى كۈچەيگەنسېرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلاردا مىللىي ھېسسىياتنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىرىنىڭمۇ بارغانسېرى ئۇزۇراۋاتقانلىقى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

يېقىندا ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانىلاردا ئۆزلىرىنى «مەن شەرقىي تۈركىستانلىق» دەپ تونۇشتۇرۇشى بىلەن شۇ سىنىپتىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇلارغا تەھدىت سالغانلىقى مەلۇم بولدى. ئەمما بۇ تەھدىتلەر شۇ ھامان بۇ خىتايلارنىڭ ئەدىپىنى يېيىشىگە سەۋەب بولغان.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «چەتئەللەردىكى دېموكراتىيە مۇھىتىدا ياشاپمۇ يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەبىتلىك قىممەت قارىشىنى ئاقلاش ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك ۋە مۇتتەھەملىك» دېدى.

«دۇنيا ئانا تىل كۈنى» دە ئۇيغۇر تىلى چۇقانلىرى ياڭرىدى

21-فېۋرالدىكى «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر ساھە كىشىلىرى ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەجبۇرىي يوسۇندا يوقىتىلىش خىرىسلىرىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتتى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئانا تىلنى قوغداش ۋە ئۇنى ساقلاپ قېلىشتا زور مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش لازىملىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بۇ بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى يەنە ئوخشاش بولمىغان پائالىيەتلەر ئارقىلىق «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرىلىدى.

د ئۇ ق نىڭ رەھبەرلىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تونۇشتۇردى

يېقىندا د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە تۈركىيەنىڭ باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا تەپسىلىي چۈشەنچە بەرگەن.

د ئۇ ق نىڭ رەھبەرلىرى يەنە 20-فېۋرال كۈنى جەنۋە شەھىرىدە چاقىرىلغان «10-نۆۋەتلىك ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە خەلقئارالىق يىغىنى» دا ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك زۇلۇملار ھەققىدە يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا دوكلات بەرگەن.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە شۇ ئارقىلىق تاشقى دۇنيانىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

تولۇق بەت