ھەپتىلىك خەۋەرلەر (24-فېۋرالدىن 2-مارتقىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-03-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

ئۇيغۇر دىيارىدا «ئادەم تۇتۇش ۋەزىپىسى» جىددىي ئورۇنلانماقتا

يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدىكى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ئۈچۈن ئادەم تۇتۇش ھەققىدە ۋەزىپە چۈشۈرۈلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا كۈنەس ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك بىر ياكى بىرنەچچىدىن كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.

بۇ خىلدىكى ئەھۋال رادىيومىز بىلەن مۇشۇ ھەقتە سۆھبەتلەشكەن تۈركىيەدىكى ئەركىننىڭ ئاقسۇدىكى ئائىلىسىدىمۇ يۈز بەرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئائىلىسىدىكى تۆت كىشىگە قاماق جازاسى بېرىلگەن، 13 كىشى «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەن.

پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەم تۇتۇشنى ۋەزىپىگە ئايلاندۇرۇشى رايوندا بۇ خىلدىكى تۇتقۇن ھەرىكىتىنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ،» دېدى.

بىر ئۇيغۇر كادىرنىڭ ئىسمىنى خىتايچىغا ئۆزگەرتىشى غۇلغۇلا قوزغىدى

يېقىندا چەرچەن ناھىيەسىگە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ چۈشكەن بايىنغولىن ئوبلاستلىق سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تۇرسۇن باقىرنىڭ ئاممىۋى يىغىندا قىزىل بايراق ئالدىدا قەسەم بېرىپ، ئىسمىنى خىتايچە «با خوڭۋېي» دەپ ئۆزگەرتكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالدى.

مەلۇم بولۇشىچە، تۇرسۇن باقىر ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىدىن تارتىپلا ئۆزىنىڭ «كومپارتىيەگە سادىقلىقى» سەۋەبلىك «قىزىل پاچاق» دېگەن لەقەمگە ئېرىشكەن ئۇيغۇر كادىر ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز مىللىي كىملىكىدىن تاندۇرۇش ھەمدە ئۆزلىرىنى ‹مەن خىتاي› دەپ جاكارلاشقا مەجبۇرلاش ئۇرۇنۇشىنىڭ بىر ئىپادىسى،» دەپ كۆرسەتتى.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچى نارىمان قۇربانوف ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

ئۆتكەن ھەپتە ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبۇرن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «2018-يىللىق گىمناستىكا دۇنيا لوڭقىسى» مۇسابىقىسىدە قازاقىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچى نارىمان قۇربانوف ئەرلەرنىڭ «ياغاچ ئات» تۈرى بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

مەلۇم بولۇشىچە، نارىمان قۇربانوف بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بىرنەچچە قېتىملىق خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ھەمدە كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەر قىلىنغان ئىكەن.

نارىمان قۇربانوفنىڭ بۇ قېتىمقى دۇنياۋى مۇسابىقىدە ياپونىيە، خىتاي، ئاۋسترالىيە قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن شۇنچە داڭلىق ماھىرلار ئىچىدىن تاللىنىپ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەنلىكىدىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار چەكسىز ئىپتىخارلىق ھېس قىلغانلىقى مەلۇم.

ئىلھام توختى يەنە ئىككى خەلقئارالىق مۇكاپاتنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى

ئاشكارا سورۇنلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى يېقىندا يەنە خەلقئارالىق ئىككى چوڭ مۇكاپاتقا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى.

«ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئىلھام توختى ئامېرىكىدىكى «روبېرت كېننېدى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» ھەمدە «جوسېف ۋە توبىي مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككى مۇكاپات خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق داۋاسى ساھەسىدە مەشھۇر مۇكاپاتلاردىن ھېسابلىنىدىكەن.

ئالاقىدار زاتلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «ئىلھام توختىنىڭ داۋاملىق خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىلىنىشى ۋە قوللاشقا ئېرىشىشىگە يول ئاچىدۇ،» دېدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس يىغىن چاقىرىلدى

26-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە مەدەنىيەت ساھەسى دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەرگە قاراپ چىقىش مەقسىتىدە مەخسۇس يىغىن ئېچىلدى.

يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئالىملار نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىجرا قىلىۋاتقان مىللىي ۋە دىنىي سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھالاكەت گىردابىغا ئىتتىرىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تېگىشلىك تەدبىر ئېلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى دۈشمەن دەپ ھېسابلاۋاتقان ئەھۋالدا بۇنداق بىر يىغىننىڭ ئېچىلىشى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تېخىمۇ ئەتراپلىق بىلىنىشىگە زور ئەھمىيەتكە ئىگە،» دېدى.

خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى دولقۇن ئەيسا ھەققىدىكى تۇتۇش بۇيرۇقىنى بىكار قىلدى

20-فېۋرال كۈنى «ئىنتېرپول»، يەنى خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى 1997-يىلىدىن بۇيان دۇنيا مىقياسىدا كۈچكە ئىگە بولۇۋاتقان دولقۇن ئەيسا ھەققىدىكى قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقىنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقىنى جاكارلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانى «تېررورچى» دەپ داۋا قىلغانلىقتىن خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى دولقۇن ئەيسا ھەققىدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خەلقئارالىق پائالىيەتلىرىگە ئېغىر ئاۋارىچىلىك تۇغۇلغان ئىدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «بۇ، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ خەلقئارادىكى بىر چوڭ غەلىبىسى، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى بىر مەغلۇبىيىتى» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت