ھەپتىلىك خەۋەرلەر (3-مارتتىن 9-مارتقىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-03-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

«يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە سەۋەب بولماقتا

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە يىغىۋېلىنغان كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەرلەر بولغاچقا جىسمانىي ئەمگەككە زور دەرىجىدە تايىنىدىغان دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك ھادىسىسى كېلىپ چىققان.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە يىغىۋېلىنغان كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن قارانچۇقسىز قالغان بىر قىسىم نارەسىدىلەر ۋە ياشىنىپ قالغان كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان كېلىشمەسلىكلەرگە ئۇچرىماقتا ئىكەن.

يېقىندا گۇما ناھىيەسىدىكى ئەخمەت ئابلىزنىڭ ئائىلىسىدىن ئۈچ كىشىنىڭ «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ سەككىز ياشلىق قىزى ئەسماغا قايناقسۇ تۆكۈلۈپ كېتىپ، بەدىنىنىڭ كۆپ قىسمى كۆيۈپ كەتكەنلىكى، يوپۇرغىدا 80 ياشلىق بىر بوۋاينىڭ تام بېسىۋېلىپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئاشكارا بولدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى يىغىشقا ئۇرۇنماقتا

يېقىندا خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلاش خىزمىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نىشان قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستىخبارات خادىملىرى بىۋاسىتە تېلېفون بېرىش، ئۈندىداردا ئۇچۇر يوللاش قاتارلىق ئۇسۇللاردا فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى يىغىشقا ئۇرۇنغان.

خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، فىرانسىيە قانۇن ئورگانلىرى بۇ ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، بۇ خىل تەھدىتلەرگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن مەخسۇس سۆھبەتلەشكەن. فىرانسىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ بۇ ئىشقا جىددىي قارىماقتا ئىكەن.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇنى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىشنى ئاخىرقى مەقسەت قىلغان،» دەپ كۆرسەتتى.

پاكىستانلىقلارغا ياتلىق بولغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى غۇلغۇلا قوزغىدى

ئۆتكەن ھەپتە پاكىستاننىڭ گىلگىت ۋە بالتىستان رايونىدىكى پاكىستانلىقلارغا ياتلىق بولغان 50 نەچچە ئۇيغۇر ئايالنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتقۇن قىلغانلىقى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە غۇلغۇلا قوزغىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى بارغانسېرى مۇھىم ئامىل بولۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن، «مۇقىمسىزلىق» قا ۋە خىتايغا قارشى كەيپىياتقا سەۋەب بولغۇچى ھەرقانداق ئامىل بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىلماقتا ئىكەن.

گەرچە گىلگىت-بالتىستان پارلامېنتى پاكىستان ھۆكۈمىتىگە تەكلىپ سۇنۇپ، «خىتايدىن بۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشنى تەلەپ قىلىش» ئۈمىدىدە بولۇۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىن ئۈمىد يوق دېيەرلىك ئىكەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى يېڭى نەتىجىلەرنى قازانماقتا

«8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» دا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردە بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قازىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ مۇدىرى زۇلپىيە خانىم شۇ جايدا ئۆتكۈزۈلگەن «نەتىجە قازانغان ئاياللار يىغىلىشى» نىڭ بۇ يىللىق ئالاھىدە مېھمانلىرىنىڭ بىرى بولغان.

كانادادىكى سېرك ماھىرلىرىدىن ئايگۈل مەمەت تورونتو شەھىرىدە 200 نەپەر ئۆسمۈر گىمناستىكا ماھىرىنى تەربىيەلەۋاتقان بولۇپ، شۇلار ئارىسىدىكى توققۇز ياشلىق سۈمەييە ئابدۇۋەلى يېقىندا بىرنەچچە خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن.

لوندوندا «ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» قۇرۇلدى

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەت بارغانسېرى ئېغىرلاۋاتقان بىر ئەھۋالدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن دەۋاسىدا يېڭى يۈكسىلىشلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا. يېقىندا لوندون شەھىرىدە «ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ قۇرۇلۇشى بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر.

2-مارتتىكى ھەيئەتلەر يىغىنىدا «ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ نىزامنامىسى بېكىتىلگەن ھەمدە باشقۇرۇش ھەيئىتى سايلاپ چىقىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ جەمئىيەتنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ قۇرۇپ چىقىش قارار قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، لوندوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرىكى پائالىيەتلىرى كۆپرەك ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ساھەسى بىلەنلا چەكلىنىپ كەلگەن بولۇپ، بۇندىن كېيىن ئەنگلىيەنى ئۇيغۇر سىياسىي داۋاسىدىكى بىر مۇھىم مەركەزگە ئايلاندۇرۇش نىشان قىلىنماقتا ئىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت كۈنسېرى ئېغىرلاپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى» بىرلىكتە 5-مارت كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كېچىلىكى ئۆتكۈزدى.

«شەرقىي تۈركىستان مارشى» بىلەن باشلانغان پائالىيەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۆرنەكلىرى ھەمدە ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى ئاڭلىتىلدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدا مىللىي كىملىك چۈشەنچىسىنى ئۇرغۇتۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

تولۇق بەت