ھەپتىلىك خەۋەرلەر (4-مارتتىن 10-مارتقىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.03.10
erkin-asiya-radiosi-yengi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

گۇما ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم سەۋەبلىك بىر مەھەللە كىشىلىرى 3 كۈن سولاپ قويۇلغان

رادىيومىزنىڭ گۇمىدىن ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا، پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بەرگەن كۈنى ھۇجۇمچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، قولۇم-قوشنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مەھەللە كىشىلىرىنىڭ 3 كۈنگىچە سولاپ قويۇلغانلىقى مەلۇم بولدى.

ئىگىلىنىشىچە، كەنت ۋە ساقچىخانىغا سولاپ قويۇلغانلار ئارىسىدا ئايال ۋە بالىلارمۇ بار ئىكەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى زەربە بېرىش» ھەرىكىتىدە خەلقئارا قانۇندا چەكلەنگەن كوللېكتىپ جازالاش تەدبىرىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خوتەن ۋىلايەتلىك دائىرىلەر يۇقىرى سوممىلىق «يەمچۈك» تاشلاپ، خەلقنى «چېقىم» غا رىغبەتلەندۈرگەن

ئىگىلىنىشىچە، گۇمىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇمدىن كېيىن، خوتەن ۋىلايەتلىك دائىرىلەر ئاممىنى «تېررورلۇققا دائىر يىپ ئۇچى» بىلەن تەمىنلەشكە سەپەرۋەر قىلىش ئۇقتۇرۇشى چىقارغان. ئارقىدىنلا كېرىيە، چىرا، لوپ قاتارلىق ناھىيەلەرمۇ ئۇقتۇرۇشى چىقىرىپ، ئەھۋال مەلۇم قىلغۇچىلارغا مىڭ سومدىن 500 مىڭ سومغىچە مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا خوتەندىكى بىر قىسىم ساقچىخانىلار بۇ ئەھۋالنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى ۋە بىر قىسىم ئاھالىلەردىن «چېقىم» تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ رايوندىكى چېكىدىن ئاشقان «مۇقىملىق» سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى.

رابىيە قادىر خانىم «8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىغا سالام يوللىدى

بۇ يىللىق «8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» دۇنيادىكى كۆپلىگەن ئەل ۋە رايونلاردا داغدۇغىلىق خاتىرىلەندى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزدا نۇتۇق ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

رابىيە خانىم ئۇيغۇر قىز، ئاياللىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەشلەردە ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىز، ئاياللارنى قەدىرلەش ۋەتەن ۋە مىللەتنى سۆيۈشنىڭ جۈملىسىدىندۇر» دېدى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقىرى بېسىملىق ئامانلىق تەدبىرلىرى ئۇيغۇر يەككە ئىگىلىكىگە قاتتىق تەسىر قىلغان

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ساياھەت نۇقتىلىرىغا زور مەبلەغ سېلىپ، خىتاي ساياھەتچىلىرىنى جەلپ قىلىشقا كۆپ كۈچ چىقارغان ئىدى.

ھالبۇكى، ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن، بولۇپمۇ بۇ يىل 14‏-فېۋرالدىكى گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمىدىن كېيىن ئېلىنغان قاتتىق ئامانلىق تەدبىرلىرى يەرلىك ئۇيغۇر يەككە ئىگىلىكىگە قاتتىق تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم بىر شەھەردە دوپپا دۇكىنى ئاچىدىغان بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى يېقىندىن بۇيان سودىسىنىڭ قاتتىق ئاقسىغانلىقىدىن شىكايەت قىلدى.

دۇكاندارلار ئۈمىدىنى يازلىق ساياھەت پەسلىگە باغلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئانالىزچىلار ۋەزىيەت مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ قىيىنلىشىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

پاسپورتى تارتىۋېلىنغان رابىيخان مۇسا ئانا ھۆكۈمەت بېكىتىپ قويغان «خىتاي تۇغقىنى» ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى

پاسپورتى تارتىۋېلىنغان 83 ياشلىق رابىيخان مۇسا ئانىنىڭ ئۆز ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش يولىدا «ئېغىزى» ئارقىلىق ئېلىپ بارغان قەيسەرانە كۈرىشى رادىيومىز ئارقىلىق دۇنياغا ئاڭلىتىلغان ئىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بورتالا شەھەرلىك دائىرىلەر چېن چۈەنگونىڭ ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» سىياسىتىگە ئاۋاز قوشۇپ، رابىيخان ئانىغا خۇڭ چىجاڭ ئىسىملىك بىر خىتاي ئايال ساقچىنى تۇغقانلاشتۇرۇپ قويغان.

رابىيخان ئانا «كەلمە دېسىمۇ كۈندە كېلىۋالىدىغان» بۇ «يۈزى قېلىن تۇغقىنى» ئۈستىدىن رادىيومىزغا شىكايەت قىلدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر رېستورانلىرى ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىنى تونۇتماقتا

ئامېرىكىغا كۆچۈپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرلار ئاچقان رېستورانلار ئامېرىكا يېمەك- ئىچمەك ساھەسىدە كۆزگە چېلىقىشقا باشلىماقتا.

پايتەخت ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئېچىلغان «ئاماننىساخان»، «دولان» ۋە «كروران» قاتارلىق ئۇيغۇر رېستورانلىرى بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ مەززىلىك تائاملىرى بىلەن ئامېرىكا خەلقىنى جەلپ قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» قاتارلىق داڭلىق گېزىتلەردە تونۇشتۇرۇلماقتا.

جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس، ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىپ كېلىشى ئۇيغۇرلارنى تاشقى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشتىكى مۇھىم بىر سەھنە بولۇپ قالىدۇ، دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.