ھەپتىلىك خەۋەرلەر (9مارتتىن 15-مارتقىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.03.15
hepte20190315.jpg گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس، دوكتور ئادريان زېنز ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە لاگېرلار ھەققىدە دوكلات بەرمەكتە.
REUTERS

«سەمەن ساياھەت گۇرۇھى» نىڭ دىرېكتورى تۇتقۇن قىلىنغان

يېقىندا قەشقەردىكى داڭلىق ئۇيغۇر بايلىرىدىن «سەمەن ساياھەت گۇرۇھى» نىڭ دىرېكتورى، «سەمەن مېھمانخانىسى» نىڭ خوجايىنى ئىبراھىم مۇسانىڭ ئايالى ۋە ئوغلى بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارا بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىبراھىم مۇسا قەشقەردىكى ئەڭ دەسلەپ ئىگىلىك تىكلىگەن ئۇيغۇر بايلىرىدىن بولۇپ، ئاساسەن ئۆي-مۈلۈك تىجارىتى، مېھمانخانا ۋە ساياھەت ئىشلىرى ئارقىلىق بېيىغان ئىكەن. 2005-يىلى بولسا «مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى» بولۇپ باھالانغان ئىكەن.

قەشقەردىكى ئۇيغۇر بايلىرى 2017-يىلىدىن باشلاپ زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ شىركەتلىرىنىڭ بەزىلىرى خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن. يەنە بەزىلىرى بولسا شۇ شىركەتتىكى خىتاي خىزمەتچىلەرگە ئوڭچە قالغان.

لاگېرغا قامالغانلارنىڭ ئاز دېگەندىمۇ بىر يېرىم مىليون ئىكەنلىكى ئالغا سۈرۈلمەكتە

يېقىندا ئىزچىل لاگېرلار مەسىلىسى بويىچە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس، دوكتور ئادريان زېنز ھازىر لاگېرغا قامالغانلارنىڭ سانىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ «بىر يېرىم مىليون ئىكەنلىكى» نى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئادريان زېنز مۇناسىۋەتلىك سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىك خىراجەتلىرى ھەمدە گۇۋاھچىلارنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى بايانلىرى ئاساسىدا «ھازىر تۈرمىلەرگە يوللاپ بولۇنغانلاردىن باشقا ئاز دېگەندىمۇ بىر يېرىم مىليون كىشى لاگېرلارغا قامالغان» دېگەن خۇلاسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئۇيغۇرشۇناس رايان سام «لاگېرغا قامالغانلار بىر مىليون كىشى» دېگەن سان ھەققىدە پىكىر قىلىپ، «بۇ سان 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى سانلىق مەلۇمات. شۇنىڭدىن كېيىن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلەرنىڭ سانى بىزگە نامەلۇم» دېگەن ئىدى.

سېرىكجان بىلاشئوغلىنىڭ قولغا ئېلىنىشى خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان زور تۇتقۇندا لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن قازاقلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پائال ھەرىكەتتە بولۇۋاتقان قازاقىستاندىكى سىياسىي پائالىيەتچى سېرىكجان بىلاشئوغلى يېقىندا رەسمىي قولغا ئېلىندى.

مەلۇم بولۇشىچە، «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان سېرىكجان بىلاشئوغلىنى قازاقىستان ساقچىلىرى ئالمۇتا شەھىرىدە قولغا ئالغان ھەمدە ئاستاناغا ئېلىپ كەتكەن. يېقىندا ئۇنىڭغا «خىتاي-قازاقىستان دوستلۇقىنى بۇزۇش ۋە مىللىي ئۆچمەنلىكنى تەرغىب قىلىش» جىنايىتىنىڭ ئارتىلغانلىقى مەلۇم بولدى.

سېرىكجاننىڭ قولغا ئېلىنىشى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپلەپ خەۋەر قىلىنىش بىلەن بىرگە، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئارقىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىقى ھەققىدىمۇ كۆپلىگەن پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مەخسۇس يەر ئالدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇشۇ ھەپتە 2018-يىللىق «كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى» نى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور تۇتقۇن ۋە لاگېرلار مەسىلىسىگە مەخسۇس سەھىپە ئاجراتتى.

بۇ قېتىملىق دوكلاتنى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەڭ ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن يىللىق دوكلات، دېيىشكە بولىدىكەن. ئۇنىڭدا نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ بارلىق كونكرېت شەكىللىرى ۋە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ھەقسىزلىقلار تەپسىلىي مىساللار بىلەن بايان قىلىنغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى بويىچە باش ئەلچىسى مايكىل كوزاك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باستۇرۇش ھەققىدە سۆز قىلىپ، «بۇ خىل زۇلۇم 1930-يىللاردىن باشلاپ دۇنيادا كۆرۈلۈپ باقمىغان» دېگەن.

ئۆمەر بېكئالى ب د ت دا لاگېرلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى

د ئۇ ق نىڭ تەشكىللىشى بىلەن 13-مارت كۈنى ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش شىتابىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە دوكلات بېرىش يىغىنى ئېچىلغان. يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان ئۆمەر بېكئالى ئون نەچچە دۆلەتنىڭ دىپلوماتلىرى قاتناشقان يىغىن مەيدانىدا لاگېرلاردىكى ۋەھشىلىكلەرنى پاش قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، يىغىن مەيدانىدىكى خىتاي ۋەكىللىرى ئۆمەر بېكئالىنى «تېررورچى» دەپ ئەيىبلىگەن. ئۆمەر بېكئالى نەق مەيداندا ئۇلارغا قاتتىق رەددىيە بېرىپ، خىتاي دىپلوماتلىرىنى شەرمەندە قىلغان.

ئۆمەر بېكئالى يەنە بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ تۈرلۈك سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە لاگېرلار توغرىسىدا ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارنى ئاڭلاتقان.

تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك مۇھاكىمە يىغىنى» دا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى

مۇشۇ ھەپتە تەيۋەننىڭ تەيبېي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك مۇھاكىمە يىغىنى» دا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى يەنە بىر قېتىم مۇھاكىمە قىلىنىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي باستۇرۇش يىغىن ئەھلىگە ئاڭلىتىلدى.

بۇ قېتىملىق يىغىندا ئامېرىكانىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك ئالاھىدە سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن «‹تەربىيەلەش مەركىزى› مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر ۋەكىللەردىن نۇرىي تۈركەل ۋە روشەن ئابباسمۇ يىغىندا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.