ھەپتىلىك خەۋەرلەر (10-مارتتىن 16-مارتقىچە)

مۇخبىرىمىز جۈمە
2012-03-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بەزى دۆلەت ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جەنۋەدە ئېچىلىۋاتقان يىللىق يىغىنىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە ئۇيغۇر سىياسىتى تەنقىد قىلىندى.

د ئۇ ق نىڭ ۋەكىلى يانا براندىت خانىم چارشەنبە كۈنى ئىتالىيە «دۆلەت ھالقىغان رادىكال پارتىيىسى» گە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رايونغا ئادەم ئەۋەتىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

شۇ كۈنى يەنە، فرانسىيىنى بازا قىلغان «ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ۋە خەلقلەر ئارىسىدىكى دوستلۇق» تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا خىتاي ۋەكىلى يۇقىرىقى تەشكىلاتلارنىڭ تەنقىدلىرىنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئاقلىغان بولسىمۇ، ئەمما يىغىندا يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر پىكىر بىلدۈرۈپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى لوپتا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە كىشىلەرنىڭ زەخىملەنگەنلىكىنى يوشۇرماقتا

خوتەننىڭ لوپ ناھىيىسىدە 9-مارت يۈز بەرگەن 6 بال يەر تەۋرەشتە، 150 مىڭغا يېقىن ئادەم ئاپەتكە ئۇچراپ، 36 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆي ماكانسىز قالغان. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر يەر تەۋرەشكە ئائىت بەزى خەۋەرلەرنى يوشۇرماقتا.

بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش لوپ، قاراقاش، خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيىسى قاتارلىق جايلارغا بەكرەك تەسىر كۆرسەتكەن. ھازىرغىچە خىتاي دائىرىلىرى دول يېزىسىدا 9 مىڭ ئېغىزغا يېقىن ئۆينىڭ ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، ئاپەتتە ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش بايقالمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

سەيشەنبە كۈنى لوپ بازار ئىچىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ئاپەتتە يارىلانغانلار 9 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن. لېكىن، خىتاي ئاخباراتلىرىدا بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىلمىدى.

كورلىدا يۈز بەرگەن 28-فېۋرال ئاياللارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسى ۋە 4-مارت بومبا پارتلاش ۋەقەسى

كورلىدا يەنە، بۇ يىل 28-فېۋرال ئاياللارنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى ۋە 4-مارت ئۇشتۇمتۇت بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ ۋەقەلەرنىڭ بىر-بىرىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بۇ يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى، كورلىنىڭ قارايۇلغۇن يېزىسىدا بىر تۈركۈم ئاياللار بىر ئۆيگە جەم بولۇپ دىنىي تەلىم ئاڭلىغان. بۇ، ساقچىلار تەرىپىدىن«قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» دەپ قارىلىپ، سورۇندىكى ئاياللار ۋە ئۆي ئىگىسى مەمەت ئىبراھىم قاتارلىقلار تۇتقۇن قىلىنغان.

شۇ كۈنى تۇتۇلغانلار ئارىسىدا، مەمەت ئىبراھىمنىڭ ئىنىسى توختى ئىبراھىمنىڭ ئايالىمۇ بار بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، توختى ئىبراھىم ساقچىخانىغا بېرىپ ئايالى ۋە قېرىندىشىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات سورىغان.

توختى ئىبراھىمنىڭ تەلىپى قوپاللىق بىلەن رەت قىلىنغان. كېيىن، توختى ئىبراھىمنىڭ ئۆز نارازىلىقىنى شىددەت يولى بىلەن ئىپادىلەش مەقسىتىدە يەرلىك ئۇسۇلدا بومبا ياسىغانلىقى، ئەمما بومبىنىڭ تېخنىكىلىق سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن پارتلاپ كەتكەنلىكى مەلۇم.

ئىگىلىشىمىزچە، توختى ئىبراھىم پارتلاشتا ھايات قالغان، ئەمما ئۇنى خىتاي ساقچىلىرى تۇتۇپ كەتكەن.

كورلا توۋۇرچى ۋەقەسىدە خىتاي ساقچىلىرى بىلەن توقۇنۇشقان پىدائىيلارنىڭ كىملىكلىرى ھەققىدە

ئاشكارىلىنىشىچە، كورلىنىڭ توۋۇرچى يېزىسىدا 8-مارت يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان 4 نەپەر پىدائىي، قەشقەرنىڭ قاغىلىق، پەيزاۋات ۋە قىزىلسۇنىڭ ئاقتۇ ناھىيىسىدىن ئىكەن.

بۇلارنىڭ ئىچىدە 3 نەپىرى بۇرۇن قاماق جازاسىغا ئۇچرىغانلار ئىكەن. خىتاي ساقچىلىرى ئۇلارنىڭ جازا مۇددىتىنى تۈگەتكەندىن كېيىنمۇ غايىسىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش تەييارلىقىدا بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

يەرلىك ئاھالىلەردىن بىر كىشى، ئەسلىدە ئۇلارنىڭ كورلىغا تىنچ بىر ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن يەرلەشكەنلىكىنى، ئەمما خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇلارغا ياشاش پۇرسىتى بەرمىگەنلىكىنى، نەتىجىدە كۈتۈلمىگەن بىر ۋەقەدە تۇتۇلۇپ ئۆلۈشنىڭ ئورنىغا، ئېلىشىپ ئۆلۈشنى تاللىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بارىن ئىنقىلابىدا بىر مەھەللىدىنلا مۇددەتسىز كېسىلگەن 10 ئادەمنىڭ يېرىمى تۈرمىدە ئۆلگەن

1990-يىلدىكى بارىن ئىنقىلابىدىن كېيىن بارىن يېزىسىدىكى پەقەت بىر مەھەللىدىنلا مۇددەتسىز كېسىلگەنلەر 10 نەپەر بولۇپ، بۇلارنىڭ 5 نەپىرى تۈرمىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان.

بۇلارنىڭ بىرى 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇتۇلۇپ 22 يىلدىن كېيىن يەنى 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى خىتاي تۈرمىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن مەخەت ھەسەندۇر.

مەخەت ھەسەننىڭ ئايالى ئاسىمخان ھىمىتنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، مەخەت ھەسەن ئەينى چاغدا 26 ياشتا بولۇپ، بارىن ئىنقىلابى پارتلاپ 10 كۈندىن كېيىن تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە مۇددەتسىز كېسىلگەن.

ئاسىمخاننىڭ ئېيتىشىچە، پەقەت ئۇلار تۇرۇشلۇق قوغان كەنتى 1-ئەترىتىدىلا بىر ئائىلىدىن باشقا، ئەر زاتىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تۇتۇلغان. كېيىن مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەنلەر بار بولسىمۇ، مۇددەتسىز كېسىلگەن 10 ئادەمنىڭ ئىچىدىكى 5 ئادەم ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، خىتاي تۈرمىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن.

1990-يىلى 5-ئاپرېل ئاقتۇ ناھىيىسى بارىن يېزىسىدا ئۇيغۇر خەلقى خىتاي مۇستەملىكە ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ئىدى.

5-ئىيۇل خەلق مەيدانىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئەيساجان ئەمەتتىن تېخىچە خەۋەر يوق

2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» جەريانىدا ئۈرۈمچى 84-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئاشپىزى ئەيساجان ئەمەتمۇ تۇتۇپ كېتىلگەن، ئەمما ئۇنىڭ ھازىرقىغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغان.

ئەيساجان ئەمەتنىڭ ئانىسى تۇرسۇنخاننىڭ ئېيتىشىچە، ئەيساجان 5 -ئىيۇل ئۇلانبايدا ئويۇن قويۇپ بولغاندىن كېيىن، ۋىخۇلياڭغا كېتىش ئۈچۈن كەچقۇرۇن سائەت 5:30 ئەتراپىدا خەلق مەيدانىدىكى بىر ئاپتوبۇس بېكىتىگە كەلگەن. دەل بۇ ۋاقىتتا نامايىشچىلارنى تۇتقىلى كەلگەن خىتاي ساقچىلىرى ئەيساجان ۋە ئۇنىڭ ئېغىر ئاياق ئايالىنى تۇتۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئايالى ئېغىر ئاياق بولغانلىقى ئۈچۈن قويۇپ بېرىلگەن، ئەمما ئەيساجان ئەمەت تۇتۇپ قېلىنغان. شۇندىن بۇيان ئەيساجان ئەمەتنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان.

ئەيساجاننىڭ قەشقەردىكى 70 ياشلىق ئانىسى تۇرسۇنخان بېيجىڭغا 2 قېتىم، ئۈرۈمچىگە 7 قېتىم ئەرزگە بارغان بولسىمۇ، ئوغلىنىڭ دېرىكىنى ئالالمىغان.

«5‏-فېۋرال ۋەقەسى» دە تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن بەزى ئۇيغۇرلار يەنە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا 1997-يىلىدىكى «5‏-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دە قولغا ئېلىنىپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان كېپەكيۈزىلىك بەزى ئۇيغۇرلارنى يەنە تۇتۇپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

دائىرىلەر «5‏-فېۋرال ۋەقەسى» گە چېتىلىپ 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان تۆۋەنكى كېپەكيۈزىلىك ياقۇپ ئىدرىسنى بۇ يىل 1‏-ئايدا يەنە تۇتۇپ كېتىپ، ھازىرغا قەدەر ئىز-دېرىكىنى بەرمىگەن.

كېپەكيۈزى يېزىلىق ساقچى پونكىتىدىكى خادىملار ياقۇپ ئىدرىسنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق كىملەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، سەۋەبى ۋە ھازىر قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا دائىر تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى.

ئىلىدا ئىنتېرنېتتا ئۇچۇر تارقاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى تۇتقۇن قىلىندى

ئۆتكەن جۈمە ۋە شەنبە كۈنلىرى قورغاس ساقچىلىرى 20 ياش ئەتراپىدىكى ئىككى ئۇيغۇر ياشنى ئىنتېرنېتتا «ئىلى دەريا كۆۋرۈكىگە بومبا قويۇلغان» دەپ ئىغۋا تارقاتقان دېگەن گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلغان.

غۇلجا شەھەر ساقچىلىرى يەنە 3 نەپەر ياشنى تۇتقۇن قىلغان بولۇپ، ئۇلارغا «ئىنتېرنېتتا دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان»، «بۆلگۈنچىلىك، قانۇنسىز دىنىي مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارنى تارقاتقان ۋە ساقلىغان» دېگەن جىنايەتلەرنى ئارتقان.

ئىلى ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىكى بىر خادىم «ئىلى دەريا كۆۋرۈكىگە بومبا قويۇلغان» دېگەن ئۇچۇرنىڭ «ئىغۋا» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە «ئىغۋا تارقاتقان ئادەمنىمۇ تۇتۇپ بولدۇق» دېدى. ئەمما قانچىلىك ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

تولۇق بەت