ھەپتىلىك خەۋەرلەر (25-مارتتىن 31-مارتقىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.03.31
erkin-asiya-radiosi-yengi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بۇ يىللىق نورۇز بايرىمىنى داغدۇغىلىق كۈتۈۋالدى

باھار كېلىپ، تەبىئەت قىشلىق ئۇيقۇسىدىن ئويغانغان مارت ئېيىنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدە دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بۇ يىللىق نورۇز بايرىمىنى داغدۇغىلىق كۈتۈۋالدى.

بۇ يىللىق قۇتلۇق نورۇز بايرىمى مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلارنىڭ كۈندۈزى تەشۋىقات ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان «نورۇز بەزمىسى» گە قاتنىشىپ، كېچىلىرى «مەسىلە تاپشۇرۇش» قا زورلانغانلىقى مەلۇم بولدى.

ئامېرىكا، گېرمانىيە، شىۋېتسىيە، قازاقىستان قاتارلىق ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۇيۇشتۇرغان نورۇز پائالىيەتلىرىدە خىتاينىڭ يۇقىرى بېسىملىق تەقىبى ئاستىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىن ئەھۋالى ئەسلەپ ئۆتۈلدى.

ياۋروپا پارلامېنتىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قاتار پائالىيەتلىرى بولۇپ ئۆتتى

بۇ ھەپتە ئىچىدە ياۋروپا پارلامېنتىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قاتار مۇھىم پائالىيەتلىرى بولۇپ ئۆتتى.

د ئۇ ق نىڭ مەسئۇل خادىملىرى 27-مارتتىن باشلاپ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولدى.

29-مارت كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ۋە ساياھەت ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىنىشى» دېگەن تېمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈنى يەنە د ئۇ ق نىڭ «ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بويىچە تەربىيەلەش پروگراممىسى» نىڭ 12-نۆۋەتلىك كۇرسى باشلاندى.

بېيجىڭدىكى «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە ئاتۇشتا 200 دىن ئارتۇق سابىق مەھبۇس قايتىدىن سولىۋېلىنغان

ئىگىلىنىشىچە، بېيجىڭدا ئېچىلغان «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە، ئاتۇش شەھەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىكى 200 دىن ئارتۇق سابىق مەھبۇسنى قايتىدىن سولىۋالغانلىقى مەلۇم بولدى.

رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا، ئاتۇشنىڭ ئازاق ۋە ئارغۇ يېزىلىرىدىكى 3 كەنتنىڭ سېكرېتارلىرى ئۆز تەۋەلىكىدىن 4 تىن 7 گە قەدەر سابىق مەھبۇسنىڭ، يەنى بۇرۇن جازا مۇددىتى توشۇپ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ قايتىدىن سولىۋېلىنغانلىقىنى دەلىللىدى.

ئاتۇشتا سولىۋېلىنغان 200 دىن ئارتۇق سابىق مەھبۇسنىڭ كۆپ قىسمى «ئىككى يىغىن» دىن كېيىن قويۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىر قىسمى داۋاملىق تۈردە تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» خادىمى: «ئۆگىنىش ئۈلگىسى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ھەققىدىكى خەۋەر سىياسىي ۋەزىپە»

كېرىيە ناھىيە جاي يېزىسىنىڭ باشلىقى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا چاقىرىق» ناملىق مۇراجىئەتنامىسى يېقىندا «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنىپ، رايوندا بىر مەيدان سىياسىي تەشۋىقات شامىلىغا پىلتا بولغان ئىدى.

«ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى» دېيىلگەن مەزكۇر چاقىرىق خېتى ھەققىدە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بىر نەپەر خىتاي نۆۋەتچى خادىمى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىنكاس خېتى كەلمىگەنلىكى، ئۆگىنىش ئۈلگىسى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ بىر سىياسىي ۋەزىپە ئىكەنلىكى» نى ئاشكارىلىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ سىياسىي ئېھتىياجى تۇغۇلغان ھامان قۇربان تۇلۇمدەك «ئۆگىنىش ئۈلگىلىرى» نى تىكلەپ چىقىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دائىرىلەر گۇما ۋەقەسىدىن كېيىن خوتەن دېھقانلىرىنى كېچىلىك نۆۋەتچىلىككە سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم

ئۇيغۇر دىيارىدىن ئېلىنغان نەق مەيدان مەلۇماتلىرى خوتەن ۋەزىيىتىنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

14-فېۋرالدىكى گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمىدىن كېيىن دائىرىلەرنىڭ خوتەن، قەشقەر ۋىلايەتلىرىنى ئاساس قىلغان جەنۇبتىكى ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەردە تۈركۈملەپ ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، خوتەن دائىرىلىرىنىڭ يېزا، كەنتلەردىكى ئاھالىلىرىنى تەشكىللەپ، 24 سائەتتىن ئامانلىق ساقلىتىۋاتقانلىقى ۋە كەنت ئىشخانىسىدا نۆۋەتچىلىككە سېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. لوپنىڭ سامپۇلا، كېرىيەنىڭ قارقى ۋە نىيەنىڭ رۇقىيا يېزىلىق ساقچىخانىلىرى بۇ ئەھۋالنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «ئەسەبىيلىكنى چەكلەش نىزامى» خەلقئارا دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل 2‏-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «ئەسەبىيلىكنى چەكلەش نىزامى» چىقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

28-مارت كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «ئەسەبىيلىكنى چەكلەش نىزامى» نامىدىكى مەزكۇر قانۇننى بىردەك ماقۇللاپ، ئۇنى بۇ يىل 1‏-ئاپرېلدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

دائىرىلەر مەزكۇر نىزامنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا «دىنىي ئەسەبىيلىكنى يوقىتىپ مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق، بۇ خەلقئارادىكى دىنىي ئەركىنلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.