ھەپتىلىك خەۋەرلەر (7-ئاپرېلدىن 13-ئاپرېلغىچە)
2018.04.13
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار «بارېن ۋەقەسى» نىڭ 28 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى 1990-يىلى 5-ئاپرېل كۈنى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارېن يېزىسىدا يۈز بەرگەن «بارېن ۋەقەسى» نىڭ 28 يىللىقىنى ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە خاتىرىلىدى.
تۈركىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بۇ پائالىيەتلەر «شەرقىي تۈركىستان مارشى» بىلەن باشلىنىپ، ياشلارغا ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدىكى ئىلھامبەخش نۇتۇقلار سۆزلەندى. بۇلارنىڭ بەزىلىرىدە 1945-يىلى 8-ئاپرېلدا قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى» بىرلىكتە خاتىرىلەندى.
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ئالاقىدار تارىخ بىلىملىرى ئارقىلىق ھازىرقى ياشلارنى تەربىيەلەشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختالدى.
مىسىردىكى تۇتقۇندا غايىب بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىملىكى ئېنىقلاندى
2017-يىلى ياز ئايلىرىدىكى تۇتقۇندا مىسىر ساقچىلىرى تۇتقۇن قىلىپ تورا تۈرمىسىگە قامىغان 16 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئىدى. يېقىندا بىر قىسىم شاھىتلارنىڭ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشى ئارقىسىدا ئۇلارنىڭ كىملىكى مەلۇم بولۇشقا باشلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇلاردىن شىرئەلى شىرزات، مۇھەممەتجان ئەمەت قاتارلىقلار قانۇنلۇق ۋىزا ئېلىپ، قانۇنلۇق شەكىلدە ئوقۇشقا چىققانلار ئىكەن.
ھالبۇكى، ھازىرغا قەدەر مەيلى خىتاي ھۆكۈمىتى بولسۇن ياكى مىسىر ھۆكۈمىتى بولسۇن، غايىب بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرگىنى يوق. يەنە بىر تۈرلۈك مەلۇماتلار بولسا غايىب بولغان بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھازىر خىتاي تۈرمىسىدە ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بەرمەكتە.
ئۈرۈمچى مېتروسىغا كىملىك ئارقىلىق بېلەت ئېلىش تۈزۈمى خەلقئارادا غۇلغۇلا قوزغىدى
ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاتتىق كونتروللۇقنىڭ بىر يېڭى ئىپادىسى پات يېقىندا قاتناش باشلىنىدىغان ئۈرۈمچى مېتروسى ھەققىدىكى خەۋەرلەردە ئەكس ئېتىۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئالاقىدار ئورگانلار ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشلاردا كۆرسىتىلىشىچە، مېتروغا ئولتۇرماقچى بولغانلار كىملىك كارتىسى ئارقىلىق مېترو بېلىتى ئېلىش يولغا قويۇلىدىكەن. ئادەتتە بۇ خىل بېلەت ئېلىش ئۇسۇلى ئايروپىلانغا بېلەت ئالغاندا قوللىنىلىدىكەن.
خەلقئارادىكى كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۈرۈمچى مېتروسى ھەققىدىكى بۇ خەۋەرلەرنى كۆچۈرۈپ باستى ھەمدە بۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ جانلىق ئىنكاسلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
«تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقى ئەندىشە قوزغىدى
ئۇيغۇر دىيارىدا «يېپىق تەربىيەلەش» دولقۇنى باشلانغاندىن بۇيان، تۇتقۇن قىلىنغانلارغا ئەڭ تۆۋەن بولغاندا بەش يېرىم يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئۆلچەم بولۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ خىل «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە يىغىۋېلىنغان كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى بۇ جايلاردا ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولۇشقا باشلىدى.
مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا غۇلجىنىڭ بايانداي يېزىسىدىكى 34 ياشلىق ئابدۇغاپپارنىڭ مۇشۇنداق مەركەزلەرنىڭ بىرىگە ئاپىرىلىپ ئالتە ئايدىن كېيىن جان ئۈزگەن.
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ كۆرسەتتى.
خىتاينىڭ ئېكرانلاشقان مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش كۆرۈنۈشلىرى ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى
ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلىنغان «خىتايدىكى ئېكرانلاشقان مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇشلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى» سەرلەۋھىلىك زور ھەجىملىك دوكلاتتا خىتايدىكى مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش قىلمىشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ئەھۋاللار تەنقىدلەندى.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تېلېۋىزور ئېكرانلىرىدا ئىقرار قىلغانلار پۈتۈنلەي ساقچىلارنىڭ تەھدىتلىرى تۈپەيلىدىن «ئارتىس» لىق قىلىشقا مەجبۇر بولغانلار ئىكەن. ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئېكرانغا چىقىشتىن ئاۋۋال دورا بېرىلىپ، يېرىم بىھوش قىلىنغانلار ئىكەن.
بۇ خىل ئىقرار قىلدۇرۇلغانلار ئارىسىدا ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ سانى زور ساننى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنى ۋە سەپداشلىرىنى ئەيىبلەش، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ماختاشقا مەجبۇرلىنىدىكەن.
د ئۇ ق رەھبەرلىرى ياپونىيەدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئەتراپلىق تونۇشتۇردى
ياپونىيەدە ئون كۈنلۈك خىزمەت زىيارىتىدە بولغان د ئۇ ق نىڭ رەھبەرلىرىدىن دولقۇن ئەيسا، ئۆمەر قانات قاتارلىقلار ياپونىيەدىكى ھەر ساھە كىشىلىرى بىلەن ئۇچراشقان ھەمدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇماتلار بەرگەن.
دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى بۇ گۇرۇپپا ياپونىيە زىيارىتى مەزگىلىدە بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەن ھەمدە بۇندىن كېيىنكى خىزمەت ئورتاقلىقى ھەققىدە مۇزاكىرىلەشكەن.
ياپونىيەدىكى «شەرقىي ئاسىيا كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى» نىڭ رەئىسى توموتادا ئىشىخارا ئەپەندى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ياپونىيە بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق مەسىلىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.