ھەپتىلىك خەۋەرلەر (13-ئاپرېلدىن 19-ئاپرېلغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.04.19
hepte-2019-04-19.jpg «ۋولكىسۋاگىن» ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى ھېربېرت دايېس BBC ئاگېنتلىقى مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2019-يىلى 15-ئاپرېل، شاڭخەي.
Social Media

غۇلجا بايلىرىدىن ياقۇپ ھاجى ۋە سەلىم ھاجى قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان

يېقىندا غۇلجا شەھىرىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر بايلىرىدىن ياقۇپ ھاجى ۋە سەلىم ھاجىنىڭ 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار مەلۇم بولدى.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، ياقۇپ ھاجى ۋە سەلىم ھاجى ئىلگىرى غۇلجا شەھىرىنىڭ سۇ دەرۋازا رايونىدىكى «ئاق مەسچىت» نى سېلىشقا بىرلىكتە تۆت مىليون سوم (تەخمىنەن 600 مىڭ دوللار) ھەدىيە قىلغان ئىكەن. بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشىغا «دىنىي ئەسەبىيلىك» ئامىلى باھانە قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجادىكى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر بايلىرىنىڭ كۆپ قىسمى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن تونۇلغانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى جەمئىيەتنىڭ پاراۋانلىقى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ خاتىرجەملىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ئىكەن.

خېلىل ھاشىمغا بېرىلگەن 19 يىللىق قاماق 15 يىل ئىلگىرىكى دىنىي تەربىيەگە باغلانغان

غۇلجا تەۋەسىدىكى لاگېرلارنىڭ بىرىدە خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان تىجارەتچى خېلىل ھاشىمنىڭ 19 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار لاگېرلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بەزى قاراڭغۇ تەرەپلەرنى ئاشكارا قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن خېلىل ھاشىم ئۆزىنىڭ خىتايچە ئوقۇغانلىقىدەك ئارقا كۆرۈنۈشى بىلەن دەسلەپ لاگېرلارنىڭ بىرىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ كېتىلگەن.

خېلىل ھاشىم لاگېردىكى «ئۆزىنى پاش قىلىش» دولقۇنىدا بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇن ئوغلىنى قۇرئان كۇرسىغا بەرگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى ۋە ئايالىمۇ تۇتقۇن قىلىنغان.

يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئالغا سۈرۈلمەكتە

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زور تۇتقۇندا ئەل سۆيگەن يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ھەر خىل تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا يەرلىكتىكى خادىملار مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئەسەرلىرىدىن «مەسىلە» چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

بىر قىسىم چەتئەل مەتبۇئاتلىرىمۇ مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ ھەقتىكى ئەھۋال ئېنىقلاش جەريانىدا ھېچقانداق ئورۇن ياكى شەخسمۇ بۇ ئەھۋالنى ئىنكار قىلمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەمتىمىن ھوشۇر 1990-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر پروزا ئىجادىيىتىدە يېڭى بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ كۆپلىگەن نادىر ئەسەرلىرى بىلەن «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى بايراقدار ئەدىبلەرنىڭ بىرى» دەپ تونۇلغان ئىكەن.

«ۋولكىسۋاگېن» شىركىتىنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى سۆزى بايقۇت چاقىرىقىغا سەۋەب بولماقتا

گېرمانىيەنىڭ «ۋولكىسۋاگېن» ئاپتوموبىل شىركىتى يېقىندا شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ۋە سىياسىي باستۇرۇشتىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر شىركەتنىڭ بۇ جاۋابى خەلقئاراغا مەلۇم بولغاندىن كېيىن ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ زور تەنقىدىگە دۇچ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقلىرى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە «ۋولكىسۋاگېن» ئاپتوموبىللىرى 1990-يىللاردىن تارتىپ خىتايدا ئەڭ ئەڭ قارشى ئېلىنغان ئاپتوموبىللارنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن. بۇنىڭدىن ئالتە يىل ئىلگىرى بولسا ئۇلار ئۈرۈمچىدە تارماق زاۋۇت ئاچقان ئىكەن.

خىتاينىڭ د ئۇ ق غا ئاستىرىتتىن قارا قولىنى سۇنۇشى زور غۇلغۇلا قوزغىدى

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى بولغان د ئۇ ق تور بېتىگە خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن يېقىندا خەلقئارا مالىيە مۇلازىمەت شىركىتى «رېفېنىتىۋ» نىڭ د ئۇ ق نى تېررورلۇق قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ قويغانلىقى مەلۇم بولدى.

مۇشۇ سەۋەبتىن د ئۇ ق ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بانكا ھېساباتىغا ئەۋەتىلگەن پۇللار ماڭمايدىغان، غايىب بولۇپ كېتىدىغان ياكى رەت قىلىنىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىققان.

د ئۇ ق نىڭ رەھبەرلىرى بۇ ئىشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولى بار، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭدەك ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىدىن پايدىلىنىپ دولقۇن ئەيسا ھەققىدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانلىقىنى ئەسلەتكەن.

ئىستانبۇلدا «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق» تېمىسىدا تەربىيەلەش كۇرسى ئۆتكۈزۈلدى

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەش مەقسىتىدە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن تەربىيەلەش كۇرسى ئۆتكۈزدى.

ئىككى كۈنلۈك بۇ كۇرستا دوكتورلۇق ۋە ماگىستىرلىق ئۇنۋانلىرى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان 21 ئوقۇغۇچى ئوخشىمىغان تېمىلاردىكى لېكسىيەلەرگە قاتناشتى ھەمدە مىللىي مەپكۇرە، تەشكىلاتچىلىق تېمىسى بويىچە تېگىشلىك مەلۇماتلارغا ئىگە بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن بۇ خىلدىكى كۇرسلارنى كۆپلەپ ئېچىش زور ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارالماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.