ھەپتىلىك خەۋەرلەر (14-ئاپرېلدىن 20-ئاپرېلغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.04.20
erkin-asiya-radiosi-yengi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

پۇتبول چولپىنى ئېرپان ھېزىمجان «تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئېلىپ كېتىلگەن

ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان ھەمدە خىتاي دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە توپ تېپىۋاتقان پۇتبول چولپانلىرىدىن ئېرپان ھېزىمجاننىڭ يېقىندا «تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ئالاقىدار ساقچى خادىملىرى ئېرپان ھېزىمجاننىڭ دۆربىلجىن بازارلىق ساقچىنىڭ تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئېرپان 15 يېشىدىلا خىتاينىڭ دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىغا تاللانغان ئىكەن. ئىرپاننىڭ توپ مۇسابىقىسى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى «خەتەرلىك دۆلەتلەر» دەپ بېكىتكەن دۆلەتلەرگە بارغانلىقى ئۇنىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئېلىپ كېتىلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولغان ئىكەن.

ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

19-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كۆپلەپ تۇتقۇن قىلىشىغا قارىتا غەزەپ-نەپرىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشتا «توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت فوندى» نىڭ رەئىسى كاترىنا لەنتوس خانىم ۋە د ئۇ ق نىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم مۇھىم سۆز قىلىپ، خىتاي ئەلچىخانىسىغا بىگۇناھ تۇتقۇنلارنى قويۇۋېتىش چاقىرىقىنى تاپشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى نامايىشقا ۋاشىنگتون شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشتى ھەمدە خىتاينىڭ زۇلۇمى تۈگۈمىگىچە بۇ خىل نامايىشلارنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چەتئەللەر بىلەن تېلېفون ئالاقىسىدە بولغان ئۇيغۇرلار «تەربىيەلەش مەركىزىگە» يوللانماقتىكەن

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاتتىق باستۇرۇش دولقۇنلىرىدا چەتئەللەر بىلەن تېلېفون ئالاقىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتۇش نىشانى قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. يېقىندا مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا بۇ ھەقتىكى بەزى ئەھۋاللار ئاشكارا بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، چەتئەلدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولغان ئۇيغۇرلار «تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئېلىپ بېرىلىشقا سەۋەب بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەرەپتىن رۇخسەت بېرىلسىمۇ، چەتئەل بىلەن تېلېفون ئالاقىسىدە بولۇشقا جۈرئەت قىلالمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن مەزگىللەردە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار «چەتئەل بىلەن تېلېفون ئالاقىسىدە بولغان،» دېگەن ئەيىبلەش سەۋەبلىك «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەن ئىكەن.

مىسىردا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى

2017-يىلى ياز ئايلىرىدا مىسىردىكى ئۇشتۇمتۇت تۇتقۇندا قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن 16 نەپىرى تۇرا تۈرمىسىگە قامالغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكى ئېنىق بولماي كەلگەن ئىدى. يېقىندا ئۇلارنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى ئايدىڭلاشتى.

تۇرا تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن رەھىمجان ئازادنىڭ ئايالى قىش مەزگىلىدە يولدىشىنىڭ غۇلجىدىكى ئۆيىگە خىتاي ساقچىلارنىڭ كەلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تۈرمىدىكى رەھىمجانغا قىشلىق كىيىم ئېلىپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.

مەلۇم بولۇشىچە، مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار دىنىي بىلىملەرنى ئۆگىنىش بىلەن مەشغۇل بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قانۇنلۇق يوسۇندا ئوقۇشقا كىرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىكەن.

ئامېرىكا «ماگنېتىسكى قانۇنى» نى ئۇيغۇرلارنى باستۇرغان خىتاي ئەمەلدارلارغا تەتبىقلىماقچى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن ياردەمچىسى لاۋرا ستون چارشەنبە كۈنى «ئون مىڭلىغان» ئۇيغۇرنىڭ «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا قامىلىشىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «يەر شارى ماگنېتىسكى قانۇنى» نى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشقا ئىشتىراك قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «تېررورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشى» ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.

ئالاقىدار زاتلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىنى بۇنداق كونكرېت شەكىلدە تىلغا ئېلىشى زور ئەھمىيەتكە ئىگە،» دېدى.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۇيغۇر داۋاسىنى تاشقى دۇنياغا ئاكتىپ تونۇشتۇرماقتا

ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش ۋە زۇلۇم كۈچەيگەنسېرى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرمۇ ھەرقايسى جايلاردا ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر قىسمەتلەرنى كۆپلەپ تونۇشتۇرماقتا.

نيۇ-يورك شەھىرىدىكى ب د ت باش شتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن «يەرلىك مىللەتلەر مۇنبىرى» ھەققىدىكى خەلقئارالىق مۇھاكىمىگە تەكلىپ قىلىنغان د ئۇ ق نىڭ رەھبەرلىرىدىن دولقۇن ئەيسا ۋە ئۆمەر قانات ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

ئۆتكەن ھەپتە ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەھىمە مەھمۇت ۋە ئامېرىكىدىكى «خىتايغا ياردەم فوندى» نىڭ رەئىسى بوب فۇ تەپسىلىي مەلۇماتلار بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ نورۋېگىيە پارلامېنتىغا بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى پارلامېنت ئەزالىرىغا يەتكۈزگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.