ھەپتىلىك خەۋەرلەر (5-مايدىن 11-مايغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-05-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

دىنىي ئوقۇشقا قاتناشقان بالىلارغا ئېغىر قاماق جازاسى بېرىلمەكتە

يېقىندا قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئۇرچى يېزىسىدىكى ئىمام ئابدۇخەبەر ئەھمەدنىڭ بۇنىڭدىن تۆت يىل ئىلگىرى بىر ئوغلىنى مەھەللىسىدىكى بىر ئائىلىۋى دىنىي مەكتەپكە بىر كۈنلۈك ئوقۇشقا بەرگەنلىكى ئۈچۈن بەش يېرىم يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا شۇ يېزىدىكى ئابدۇللېتىپ ئابدۇراخماننىڭ بىر ئوغلىنى مىسىردا ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغىمۇ بەش يېرىم يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ دىنىي ئوقۇشقا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن نۆۋەتتە سوت مەھكىمىلىرىنىڭ يېتىشمەسلىكى كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن تۇتقۇنلارغا كوللېكتىپ جازا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئالغا سۈردى.

ئاۋاز ئارتىسى گۈلباھار ئابدۇراخمان تۇتقۇن قىلىنغان

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى داڭدار شەخسلەرنىڭ نىشانلىق تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئۇچۇر تارقالماقتا. يېقىندا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى كۆپكە تونۇلغان ئاۋاز ئارتىسى گۈلباھار ئابدۇراخماننىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.

گۈلباھار ئابدۇراخماننىڭ پەرزەنتلىرى بۇ ھەقتە ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ گۈلباھارنىڭ 2017-يىلى ئامېرىكىدىكى پەرزەنتلىرىنى يوقلاپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما ئۆتكەن يىلى 27-ئىيۇل كۈنى قايتىپ كېلىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش بويىچە ئۈرۈمچىگە قايتقاندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، گۈلباھار 2000-يىلى ئۆز ئالدىغا شەخسىي شىركەت ئاچقان ھەمدە كۆپلىگەن كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرىغا ئاۋاز بەرگەن. نۆۋەتتە ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ياكى قەيەرگە قامالغانلىقى نامەلۇم ھالدا تۇرماقتا.

ئەزھەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قەيسەر ئابدۇللا قەشقەردە غايىب بولغان

2017-يىلى ياز ئايلىرىدا مىسىرنىڭ ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كوللېكتىپ تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن بۇ ئوقۇغۇچىلاردىن بىر قىسمىنىڭ ئىز-دېرىكى بولماي كېلىۋاتقان ئىدى.

يېقىندا شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان قەيسەر ئابدۇللارنىڭ قاھىرەدىن دۇبەيگە، دۇبەيدىن قەشقەرگە قايتقاندىن كېيىن غايىب بولغانلىقى ئاشكارىلاندى. ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ ئۇچۇر ئالالمىغان.

قەيسەر بىلەن دۇبەيدە بىرنەچچە قېتىم سۆھبەتتە بولغان كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەيسەر يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر بېسىمىغا دۇچ كەلگەنلىكتىن قايتىپ كەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، قەيسەرنىڭ دادىسى قەشقەردىكى بىر مەسچىتنىڭ ئىمامى بولۇپ، قەيسەر غايىب بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭمۇ ئىز-دېرىكى بولمىغان.

ئۇيغۇرلار دىيارى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كىرىم پەرقى داۋاملىق زورايماقتا

ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، «خىتاينىڭ ئەڭ زور ئېنېرگىيە بازىسى» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار دىيارى بىلەن خىتاينىڭ دېڭىز بويى رايونلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي پەرق شىددەت بىلەن زورايماقتا ئىكەن.

مەزكۇر دوكلاتتا تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار دىيارى خىتايدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىم مىقدارى ئەڭ تۆۋەن رايونلار ئىكەنلىكى ئېيتىلغان. ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ بۇنداق زور پەرقنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بايلىق تەقسىماتىدىكى ناتوغرا سىياسىتى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «بۇ خىل پەرق ئەمەلىيەتتە 1950-يىللاردىن باشلاپ ئىزچىل داۋام قىلماقتا» دېدى.

«شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى مۇكاپاتى» تەسىس قىلىنماقچى

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن د ئۇ ق يېقىندا «شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى مۇكاپاتى» تەسىس قىلىشنى قارار قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مۇكاپات نامزاتلىرى «شەرقىي تۈركىستان مارشى»نى سەنئەت شەكلىدە ئەڭ ياخشى ئىپادە قىلالىغان كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرگە بېرىلىدىكەن. ماھىرلارنى ئۈچ دەرىجە بويىچە باھالاش 15-سېنتەبىر ئاخىرلىشىدىكەن. بۇ يىل 12-نويابىر كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ توغرىلىق مەلۇمات بېرىپ، مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ تەسىس قىلىشنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خۇدسون مەركىزىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «ساقچى دۆلىتى» مۇھاكىمە قىلىندى

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلاپ مېڭىۋاتقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 4-ماي كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى داڭلىق ئاقىللار مەركەزلىرىدىن خۇدسون ئىنستىتۇتىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «ساقچى دۆلىتى» مېخانىزمى ھەققىدە مۇھاكىمە ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇيغۇرلار دىيارى ھەققىدىكى تەتقىقاتتا كۆپلىگەن ئەمگەكلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن مۇتەخەسسىسلەردىن تارىخشۇناس جېيمىس مىلۋارد، رايان سام، ساراھ كۇك، لۇيىزا گرېۋ قاتارلىقلار مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭدەك «ساقچى دۆلىتى»نىڭ پەيدا بولۇشىدىكى نېگىزلىك سەۋەبلەر ھەمدە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالدى.

تەتقىقاتچى لۇيىزا خانىم بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «ساقچى دۆلىتى»نىڭ ئۇيغۇرلارنى «پۈتكۈل مىللەت سۈپىتىدە ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تولۇق بەت