ھەپتىلىك خەۋەرلەر (11-مايدىن 17-مايغىچە)
2019.05.17
لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزى لاگېردىكى بىر قىسىم ۋەھشىلىكلەرنى ئاشكارىلىدى
غۇلجا ناھىيەسىدىكى ئاياللار لاگېرىغا ئىككى يىلدىن ئارتۇق قامالغان گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزى لاگېردىن چىققاندىن كېيىن ئۆزى كۆرگەن بىر قىسىم رېياللىقنى تاشقى دۇنياغا ئاشكارىلىدى.
گۈلزىرە ئۆزىگە ئەڭ تەسىر قىلغان ئىشلار قاتارىدا بىر قىسىم ئايال تۇتقۇنلارنىڭ يېرىم كېچىدە ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەنچە غايىب بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى، ئېغىر تۇرمۇش ۋە ئاتالمىش ئۆگىنىش بېسىملىرى، مەجبۇرىي چوشقا گۆشى يېگۈزۈش، تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرى كەلگەندىكى ئالدامچىلىق قىلمىشلىرى قاتارلىقلارنى ئاشكارىلىدى.
گۈلزىرەنىڭ بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بايانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى يالغانلىرىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى يەنە بىر قېتىم ئېچىپ تاشلىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: « ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا!»
ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سكوت بۇسبي يېقىندا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
سكوت بۇسبي ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك بيۇروسىنىڭ مەسئۇل رەھبىرى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇ شۇ قېتىم 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئادەمنىڭ خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا قۇرغان لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
سۆھبەت جەريانىدا سكوت بۇسبىي ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ۋە لاگېرلار مەسىلىسى بويىچە نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا مەلۇماتلار بەردى.
بۇ يىللىق «ئانىلار بايرىمى» مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قايغۇلۇق بىر كۈن بولدى
ھەر يىلى 12-ماي كۈنى دۇنيا بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئانىلار بايرىمى» مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تولىمۇ قايغۇلۇق بىر كۈن بولدى. چۈنكى ئاتا-ئانىسىنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى مۇھاجىرەتتىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارغا ئورتاق بىر قىسمەت بولماقتا ئىدى.
بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك تورلاردا ئۆز يازمىلىرىنى ئېلان قىلسا، يەنە بەزىلەر ئۆز ئانىلىرىنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار ئاتا-ئانىلىرى بىلەن ھەتتا تېلېفوندا سۆزلىشىش ئىمكانىغىمۇ ئىگە ئەمەس بولۇپ، بەزىلەر بۇنى «21-ئەسىردىكى چېكىگە يەتكەن مىللىي زۇلۇمنىڭ بىر تۈرلۈك ئىنكاسى،» دەپ قارىماقتا ئىكەن.
ەرۋىنە تۇرسۇننىڭ گۇۋاھلىقى نورۋېگىيە تاراتقۇلىرىدا دىققەت قوزغىدى
يېقىندا نورۋېگىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن مەرۋىنە تۇرسۇننىڭ لاگېرغا قامالغان ئانىسى ۋە تاغىسى ھەققىدىكى گۇۋاھلىقى نورۋېگىيە دۆلەتلىك رادىيوسى ۋە بىر قىسىم يەرلىك گېزىتلەردە ئېلان قىلىندى.
مەلۇم بولۇشىچە، مەرۋىنەنىڭ ئاپىسى ۋە تاغىسى دەسلەپ مايتاغ شەھىرىدىكى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن، كېيىنچە ئۇلارغا قاماق جازاسى بېرىلىپ تۈرمىگە يۆتكەلگەن.
مەرۋىنە ئۆز كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلماسلىقىنى، ئەكسىچە بۇ زۇلۇملارنى تاشقى دۇنياغا ئاشكارىلاشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
خىتاينىڭ «ئاسىيا مەدەنىيەتلەر دىيالوگى» يىغىنى چاقىرىشى تەنقىدكە دۇچ كەلدى
مۇشۇ ھەپتىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەشەببۇسى بىلەن چاقىرىلغان «ئاسىيا مەدەنىيەتلەر دىيالوگى» يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىندا شى جىنپىڭ مەدەنىيەتلەرنىڭ كۆپ خىللىقى ھۆرمەتلەشنى تەكىتلەپ، «باشقا مەدەنىيەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە ياكى ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر مەدەنىيەتنى دەسسىتىشكە ئۇرۇنۇش ئىدراك جەھەتتىن ئەخمىقانىلىك، ئۇسۇل جەھەتتىن ئاپەت خاراكتېرلىكتۇر،» دېگەن.
ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشتا ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشنى نىشان قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلىدىغاننى قىلىپ بولۇپ، ئۆزلىرىنى ئالىيجاناب قىلىپ كۆرسىتىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس،» دېدى.
يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن داۋاملىق پائالىيەت ئۆتكۈزمەكتە
ئۆز تارىخىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان يەھۇدىيلارنىڭ ھەرقايسىي جايلاردىكى تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مىللىي پاجىئەلەرنى تاشقى دۇنياغا ئاڭلىتىشنى داۋام قىلماقتا.
ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدىكى يەھۇدىي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن «رەنىې كاسسېن تەشكىلاتى» مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بەرگەن. دوكلاتقا بىر قىسىم دۆلەت ئەربابلىرى، مۇخبىرلار ۋە باشقا ساھەلەردىن كەلگەنلەر قاتناشقان.
ئامېرىكادىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئەڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە «ئالغا» تور ژۇرنىلى، «دۇنيا يەھۇدىي كۆزىتىش تەشكىلاتى» قاتارلىقلارمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس تېمىدىكى ماقالىلەرنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق دۇنيانى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلدى.