ھەپتىلىك خەۋەرلەر (11-مايدىن 18-مايغىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2018-05-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ يىللىق رامىزان قاتتىق چەكلىمىلەر ئىچىدە باشلاندى

ئۇيغۇر دىيارى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن يۇقىرى بېسىملىق سىياسىي ئاتموسفېرا ئىچىدە بۇ يىللىق رامىزاننى كۈتۈۋالدى.

رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتە ئۇيغۇر دىيارىدىن ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا دائىرىلەرنىڭ رامىزان ئېيىدا قاتتىق بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويغانلىقى، مەكتەپ بالىلىرى بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ «روزا تۇتماسلىق ئەھدىنامىسى» گە قول قويغانلىقى مەلۇم بولدى.

د ئۇ ق 14-ماي كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رامىزان مەزگىلىدىكى دىنىي چەكلىمىلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. 17-ماي كۈنى بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى باش ئەلچى برانستادنىڭ نامىدىن ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە تەبرىك ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىنى قۇتلىدى.

مودا ئېقىم ناخشا چولپىنى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەندى

يېقىندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مودا ئېقىم ناخشا چولپىنى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالغان ئىدى.

رادىئومىزنىڭ بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن چولپاننىڭ يۇرتى گۇما ناھىيەسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى.

ئابلاجاننىڭ دوستلىرىدىن بىرىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ دەسلەپتە گۇما سانجۇ ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، بىر كۈندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. بۇ يىل 2-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى تەرىپىدىن قايتا تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئىز-دېرىكى بولمىغان.

ئىلھام توختى UNESCO نىڭ بۇ يىللىق «مادانجات سىڭ مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن

خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى يېقىندا ب د ت پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) نىڭ 2018-يىللىق «مادانجات سىڭ مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن.

UNESCO نىڭ بۇ مۇكاپاتى پىكىر-قاراشلىرىنى زوراۋانسىز ئۇسۇل بىلەن ئىپادىلەپ جازالانغان بىلىم ئادەملىرى ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ئىكەن.

گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەنۋەرجان ئەپەندى بىلەن ئامېرىكىدىكى «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ياڭ جيەنلى ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن تۆلىگەن ئېغىر بەدەللىرىنىڭ دۇنيا جامائىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئەركىن سىدىق: «ئۇيغۇر بىلىم ئىگىلىرى مىللەتنىڭ تەقدىرىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك!»

14-ماي كۈنى ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئوپتىكا ئىنژېنېرى، دوكتور ئەركىن سىدىق ئۆزى ئىشلەۋاتقان تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان. مەزكۇر رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى ئۇنىڭ «ئالەم بوشلۇقىدا يېڭى پىلانېتىلارنى كۆزىتىدىغان تېلېسكوپ تەتقىقاتى» دىكى ئالاھىدە نەتىجىلىرىگە بېرىلگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دوكتور ئەركىن سىدىق رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىنقى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى. ئۇ، بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر بىلىم ئىگىلىرىنىڭ ئۆز كەسپىدىن باشقا ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرىگە چوقۇم كۆڭۈل بۆلۈشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

«توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى» ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى

15-ماي كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا «خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى» دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر يىغىنغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق «توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى» سىن ھۆججىتىگە ئېلىنغان مەخسۇس بىر باياناتنى ئەۋەتكەن.

يەتتە مىنىۇتلۇق بۇ سىن ھۆججىتىدە مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسلىرىدىن راندىي خالتگرېن ۋە جېيمىس مەكگوۋېرن ئىككىيلەن ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ساھەلىرىدىكى ئېغىر باستۇرۇشلارنى سىستېمىلىق ۋە تەپسىلىي تونۇشتۇرغان. ئۇلار ياۋروپا پارلامېنتىنى بۇندىن كېيىنكى كىشىلىك ھوقۇق خىزمىتىدە ئۇيغۇرلارنى زور كۈچ بىلەن قوللاشقا چاقىرغان.

مەزكۇر باياناتتا يەنە خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ۋە «سەلكىن» تورىنىڭ سابىق باشقۇرغۇچىسى گۈلمىرە ئېمىن قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرى تىلغا ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگەن.

قاغىلىق ناھىيەسى يېڭىدىن سېلىنماقچى بولغان «تەربىيەلەش لاگېرى» ئۈچۈن قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك ئېلانى چىقارغان

ئىگىلىنىشىچە، قاغىلىق ناھىيەسى يېقىندا ئۆز تەۋەلىكىدىكى 7‏- ۋە 8‏-«تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ يېڭىدىن سېلىنىدىغان بىر يۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان.

ئالدىنقى ھەپتىدىن بېرى تىۋېتتېردا تارقالغان بۇ ئۇقتۇرۇشتا مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ كۆلىمى ۋە ئورنى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن.

رادىيومىزنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان «يېپىق لاگېر» نىڭ قاغىلىق ناھىيە بازىرىنىڭ يېڭى شەھەر رايونىدا، يەنى تېتىر يېزىسىدىن 3 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

تولۇق بەت