ھەپتىلىك خەۋەرلەر (19-مايدىن 25-مايغىچە)

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-05-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

ئۇيغۇر مەسىلىسى ب د ت دا كەسكىن مۇنازىرە قوزغىدى

21‏-ئاپرېل كۈنى ئۇيغۇر مەسىلىسى ب د ت دا خىتاي بىلەن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن مۇنازىرىگە سەۋەب بولدى. مۇنازىرە، ب د ت ئىجتىمائىي-ئىقتىسادى كېڭىشى ئاممىۋى تەشكىلاتلار كومىتېتىنىڭ 17‏-نۆۋەتلىك يىغىنىدا يۈز بەرگەن.

يىغىندا خىتاي ۋەكىلى گېرمانىيەدىكى «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ ب د ت دىكى كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشنى، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ب د ت يىغىنلىرىغا قاتنىشىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاينىڭ تەلىپىنى پاكىستان، ئىران، كۇبا، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قوللىغان. لېكىن، ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ تەلىپىگە قارشى چىققان. ئىسرائىلىيە ۋەكىلى ئامېرىكىنىڭ پىكىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بولۇپمۇ، ئامېرىكا ۋەكىلى خىتاي ۋەكىلىنىڭ سۆزىگە شىددەتلىك ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى دەلىل-ئىسپاتسىز ئەيىبلەپ كەلگەنلىكىنى تەنقىدلىگەن.

ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى مۇئاۋىن باش ئەلچىسى كەللىي كۇرېي خانىم سۆزىدە يەنە، بەزى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ بۈگۈن بۇ يەردە خىتاي ۋەكىلىنىڭ سۆزىنى قوللىغانلىقىنىمۇ تەنقىد قىلىپ، خىتاينىڭ ئىسپاتسىز ھالدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تېررورلۇق باھانىسىدە جازالاۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ قامالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

توققۇزاق ۋە يېڭىشەھەردىكى بىر قىسىم يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ ئورۇنلىرى ئېنىقلاندى


خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ تۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلدە، مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي تورلىرىدا ساقلىنىپ قالغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن بىر قىسىم لاگېرلارنىڭ ئورنىنى تېپىپ چىقتى.

كانادالىق ياش كۆزەتكۈچى جاڭ شاۋنىڭ ئەڭ يېقىنقى تۋىتتېر ئۇچۇرىدا، قەشقەرنىڭ توققۇزاق ناھىيەسى ۋە يېڭى شەھەر ناھىيەسىدىكى 3 يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ ئورنىنى ئېنىقلاپ چىققان.

ئۇ بۇنى ئىلگىرى خىتايدىكى تور بەتلەردە ساقلىنىپ قالغان قۇرۇلۇش ھۆددىگە بېرىش ئېلانلىرىغا ئاساسەن تېپىپ چىققان بولۇپ، ئۇشبۇ ئېلانلاردا لاگېر قۇرۇلۇشلىرى ئۈچۈن «توققۇزاق ناھىيەلىك قانۇن-تۈزۈم بىلەن تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش مەكتىپى» دېگەندەك ناملار بېرىلگەن.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ يېڭىدىن بايقالغان لاگېرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە رايوندىن ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا، خوتەن شەھەر ئىچىنىڭ ئۆزىدىلا 3 ئورۇندا يىغىۋېلىش لاگېرى بارلىقى ئەدلىيە ئىدارىسى خادىمى تەرىپىدىن دەلىللەندى.

يۇرتىغا قايتقان دوكتور ئاسپىرانتى گۈلگىنە تاشمۇھەممەت غۇلجىدا لاگېرغا قامالغان


تەتىل قىلىش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتقان مالايشىيا تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى گۈلگىنە تاشمۇھەممەتنىڭ غۇلجىدا لاگېرغا قامالغانلىقى ئۇنىڭ گېرمانىيەدىكى ھەدىسى گۈلزىرە تەرىپىدىن ئاشكارىلاندى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭ سىڭلىسى گۈلگىنە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن تەتىل قىلىپ كېلىش ئۈچۈن 2017-يىلى 26-دېكابىر كۈنى، مالايشىيانىڭ كۇۋالامپۇر شەھىرىدىن يولغا چىققان. دەسلەپتە گۈلگىنەنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىلەن سالامەت كۆرۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ھەدىسى بىلەن ئۇنىڭ ئۈندىداردىكى ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان.

بۇ يىل فېۋرالغىچە مالايشىياغا قايتىپ كېلىپ، 2018-يىللىق دوكتورلۇق ئوقۇشىنى باشلىشى كېرەك بولغان گۈلگىنەدىن ھەدىسى 6 ئاي بويىچە خەۋەر ئالالمىغان.

ھەدىسى گۈلزىرە، غۇلجىدىكى تونۇش-بىلىشلىرى ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلىپ ئاخىرى سىڭلىسىنىڭ «قايتا تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، قاچان چىقىدىغانلىقىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىدىن خەۋەر تاپقان.

نۆۋەتتە ئۇ سىڭلىسى گۈلگىنەنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىمەكتە. گۈلزىرە، سىڭلىسى گۈلگىنەنىڭ مالايشىيا تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسورى ھەم ساۋاقداشلىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ، ئۇلارغا خەت يېزىپ ۋە ئىمزا توپلاپ مالايشىيادا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسىغا يوللىغان. نۆۋەتتە ئۇلار جاۋاب كۈتمەكتە ئىكەن.

گۈلگىنە، 2010-يىلى غۇلجىدىن مالايشىياغا ئوقۇشقا چىققاندىن بۇيان، مالايشىيا تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا تىرىشىپ ئوقۇپ تولۇق كۇرس ۋە ئاسپىرانتلىقنى تۈگەتكەن. بۇ يىل ئۇنىڭ يەنە دوكتورلۇق ئوقۇش ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنغان ئىكەن.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى باش ماقالىسىدە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى

ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى «خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان قەبىھ سىياسىتى» ماۋزۇلۇق بىر باش ماقالە ئېلان قىلدى.

20-ماي كۈنى ئېلان قىلىنغان باش ماقالىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىلىرى، قوشماق تۇغقان سىياسىتى ۋە «قايتا تەربىيە لاگېرلىرى» تىلغا ئېلىندى ۋە ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان «قەبىھ ھەرىكەتلەر» دەپ كۆرسىتىلدى.

يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا بىر قانچە يۈز مىڭدىن بىر مىليونغىچە ئادەمنى سولىۋالغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇددىئاسىنىڭ «سىستېمىلىق مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ئېلىپ بېرىش ئىكەنلىكى بايان قىلىندى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى «ناتسىستلارنىڭ يوقىتىش لاگېرلىرى ۋە ستالىننىڭ جازا لاگېرلىرىنىڭ ۋەھىمىسى تەكرارلانمىسۇن دېگەن پرىنسىپقا ئىشىنىدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ خىتاينىڭ كاللا يۇيۇش ۋە ئازابلاش رولىنى ئۆتەۋاتقان تۈرمىلىرىگە ۋە قورقۇنچلۇق لاگېرلىرىغا قارشى ئۆز ئىپادىسىنى بىلدۈرۈشى كېرەك.

پەقەت مۇسۇلمان رەھبەرلەرلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى ئىنسان ھوقۇقىنى ياقىلايدىغان ھەر بىر كىشى خىتاينىڭ بىر يەرلىك مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىي-ئېتىقادىنى يوقاتماقچى بولۇشىغا غەزەپلىنىشى كېرەك» دېدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلىۋاتقاندا، ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى ھەيئىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا بىر مىليونغا يېقىن ئادەمنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقىنى يېزىشىنىڭ ئەھمىيىتى زور ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى بارلىق مەسچىتلەرنىڭ خىتاي بايرىقىنى ئېسىشىنى تەلەپ قىلدى

خىتاي مەملىكەتلىك ئىسلام جەمئىيىتى ئۆتكەن شەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بارلىق مەسچىتلەرنىڭ دۆلەت بايرىقى ئېسىشى، يەنە كېلىپ ئۇنى مەسچىتنىڭ «كۆزگە چېلىقىدىغان» يېرىگە ئېسىشىنى تەلەپ قىلغان.

مەسچىتلەرگە خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئېسىش ئۇيغۇر رايونىدا خېلى بۇرۇن باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى بۇ’ ئۇقتۇرۇش ئارقىلىق ئۇنى رەسمىيلەشتۈرگەن. خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا قەيت قىلىنىشىچە، بايراق ئېسىشنىڭ مەقسىتى مەسچىتلەرنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن-سىياسەتلىرىنى ئۆگىنىدىغان ساغلام سورۇنغا ئايلاندۇرۇپ، مۇسۇلمانلارنى «ئورتاق خىتاي كىملىكى چۈشەنچىسىگە» ئىگە قىلىش ئىكەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى مۇسۇلمانلار بولۇپمۇ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى ھوقۇقلىرىنى قاتتىق دەپسەندە قىلىپ، ئون مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» غا مۇددەتسىز ھالدا قامىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى


ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك بۆلۈمى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

21-ماي دۈشەنبە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتكە ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات بىلەن مەزكۇر ئورگاننىڭ تەتقىقاتچىسى زۈبەيرە شەمشىدىن قاتناشقان.

سۆھبەتتە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تېررورلۇققا، رادىكاللىققا قارشى قاتتىق قانۇن-نىزاملارنى چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى قانۇنلاشتۇرغانلىقى، ئۇيغۇر رايونىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» قاتارلىق نۆۋەتتىكى بىر قاتار ھالقىلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگەن.

ئۇلار، سۆھبەتتە «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» ئۈستىدە نۇقتىلىق توختىلىپ، بۇ لاگېرلاردا تۇتقۇنلارغا روھىي ۋە جىسمانىي جازا بېرىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادى، كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى ئەيىبلەشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى، لاگېرلاردىكى ئېغىر بېسىم سەۋەبىدىن ئۆلۈۋېلىشقا ئۇرۇنۇش ۋە ھەتتا ئۆلۈم خەۋەرلىرىنىڭمۇ ئاشكارىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەزكۇر سۆھبەت فەيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارقىتىلدى.

تولۇق بەت