ھەپتىلىك خەۋەرلەر (26-مايدىن 1-ئىيۇنغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-06-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا «بۈگۈنكى ئۇيغۇرلاردىكى كىملىك كرىزىسى» نامىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

25-ماي كۈنى ئامېرىكىنىڭ جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا «بۈگۈنكى ئۇيغۇرلاردىكى كىملىك كرىزىسى» ناملىق يىغىن ئېچىلدى.

يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر ۋە پائالىيەتچىلەر ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى كىملىك كرىزىسى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلدى.

يىغىندا ئامېرىكا درېكسىل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى رېبېككا كىلوزىي، برايىن ماۋر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى لاۋرېن خانسېن خانىم، «دۇنيا خرىستىئانلار ئىتتىپاقى» نىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە تۇرۇشلۇق خادىمى لۇئىسا گرېۋ قاتارلىق مۇتەخەسسىس ۋە پائالىيەتچىلەر سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتان نۆۋەتتىكى كرىزىسقا تاقابىل تۇرۇشنىڭ چارىلىرىنى ۋە بۇ جەھەتتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىندا پروفېسسور رېبېككا كىلوزىي خانىم نۇقتىلىق قىلىپ، خىتاينىڭ مائارىپ سىياسىتى، مىللىي ئايرىمىچىلىق ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئۆتۈشۈشى تېمىسىدا سۆز قىلدى.

پروفېسسورى لاۋرېن خانسېن خانىم نۇقتىلىق قىلىپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «خىتايچە تەرەققىيات» ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئوتتۇرا قاتلىمىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ۋەيران بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خوتەندىكى تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا ئۆپكە كېسىلى تارقالغان

ئۇيغۇر رايونلۇق سەھىيە تارماقلىرىغا ئائىت بىر خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا خوتەندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتقۇنلارنىڭ ئۆپكە كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن.

دائىرىلەر خوتەندىكى 7 ناھىيە بىر شەھەردىكى لاگېرلاردا ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىپ، 558 كىشىنى دوختۇرخانىغا يۆتكىگەن.

خەۋەردە سەھىيە تارماقلىرىنىڭ خىزمەتلىرى بايان قىلىنغان، ئەمما بىمارلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېچنېمە دېيىلمىگەن.

ئۆتكەن يىلقى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا لاگېرلاردا ئارقا-ئارقىدىن ئۆلۈم ۋەقەلىرى يۈز بەرگەنلىكى ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ئۆلۈم سەۋەبى ئايدىڭلاشمىغان ئىدى.

يېقىنقى ئېنىقلاشلىرىمىزدا خوتەن ئىلچى يېزىسىنىڭ بىر كەنت كادىرى، بۇ يېزىدىكى ئابدۇخالىق ئابدۇۋەلى ئىسىملىك بىر بىمارنىڭ، دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈلۈپ دىئاگنوز قويۇلغاندىن كېيىن قايتا لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكىنى دەلىللىگەن.

ئۆتكەن يىلى يېڭىسارغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىزدا، ساغان يېزىسىدىنلا ئىككى ئايدا 5 كىشىنىڭ لاگېرىدىن جەسىتى چىققانلىقى ئاشكارىلانغان، ئەمما ئۇنىڭ سەۋەبى ئايدىڭلاشمىغان ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكى دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى ئېلان قىلدى

29‏- ماي كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكى يىللىق خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلىندى.

دوكلاتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك قاتتىق باستۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نىڭ مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى.

دوكلاتتا، نەچچە يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ شۇ كۈنى ئەتىگەندە دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋېنبەك سۆز قىلىپ: «بىز دوكلاتىمىزدا نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ھەمدە كىشىنى ئىنتايىن پاراكەندە قىلىدىغان ئەھۋاللارنى تىلغا ئالدۇق.

بۇلارنىڭ بىرى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان مۇشەققەتلەردۇر. ھازىر كىشىلەر ئۇ دۆلەتتە قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا سولانماقتا.

بىز نەچچە ئون يىللار ئىلگىرىلا غايىب بولدى، دەپ قارايدىغان بۇ ئۇقۇملار ھازىر تېخىمۇ مۇكەممەل ھالدا كېڭەيتىلمەكتە» دېگەن. ئۇ يەنە بۇ دوكلاتتا دىنىي ئەركىنلىكنىڭ قانچىلىك چېكىنگەنلىكىگە ئائىت كىشىنى قاتتىق پاراكەندە قىلىدىغان نۇرغۇن مىساللارغا ئورۇن بېرىلگەنلىكى، مۇشۇ سەۋەبلىك كېرەكلىك تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشى ئۈچۈن بۇلارنىڭ مەزكۇر دوكلاتقا كىرگۈزۈلگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن.

گېرمانىيە ئاھالىسى ئوسمان تۇرسۇن: خىتاي ساقچىلىرى مېنى جاسۇسلۇق قىلىشقا زورلاۋاتىدۇ

مۇھاجىرەتتىكى ئوسمان تۇرسۇن خوتەندىكى خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئىككى ئايدىن بېرى ئۇنى خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىر ئوسمان تۇرسۇننىڭ رادىيومىزغا ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ خوتەندە لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئوغلىنى ئۆزىگە تېلېفون قىلدۇرۇپ، خىتايغا ھەمكارلىشىشقا چاقىرغۇزسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرى ئۇنىڭغا بىۋاسىتە تېلېفون قىلىپ، ئەگەر ماسلاشمىسا خوتەندىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ نابۇت قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان.

ئوسمان تۇرسۇن‏. 22 يىلنىڭ ئالدىدا گېرمانىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇ 2016‏-يىلى ئانا ۋەتىنىدە كىچىك قېپقالغان 3 ئوغلى مەمەتئەلى، مەمەتئىمىن ۋە مەمەتتۇرسۇن بىلەن تۈركىيەدە بىر قېتىم كۆرۈشكەن. ئۈچ ئوغۇل دادىسى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، نورمال تىرىكچىلىكىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن شۇ يىلى ئانا يۇرتىغا قايتقان.

بۇلتۇر ئۇيغۇر رايونىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرى تەسىس قىلىنغاندا، بۇ ئۈچ ئوغۇل تەڭلا لاگېرغا ئەكېتىلگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچىلىرى بۇ يىل 2-ئايدا ئۇنىڭ لاگېردا سولىنىپ ياتقان 24 ياشلىق كەنجى ئوغلى مەمەتتۇرسۇن ئوسماننى لاگېردىن قويۇپ بېرىپ، گېرمانىيەدىكى دادىسى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە چىقارغان.

تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام ھاشىم قۇربان شىۋېتسىيەدە مەخسۇس كۆرگەزمە ئاچتى

ئوتتۇرا ئاسىيادا تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام ھاشىم قۇربان ئەپەندى شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدىكى بىر كۆرگەزمىخانىدا رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچتى.

سىتوكھولم شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن قازاقىستاننىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «دىيار» ناملىق مەزكۇر رەسىم كۆرگەزمىسى 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە بىر ھەپتە داۋاملاشقان.

مەزكۇر كۆرگەزمىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى، تارىخى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن 50 پارچىدىن كۆپرەك رەسىم قويۇلغان.

رەسسام ھاشىم قۇربان ئەپەندى 30 يىلدىن بۇيان رەسىم ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇپ، كەسپىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ قاپاققا رەسىم سىزىش ۋە قاپاققا نەقىش ئويۇش قاتارلىق قويۇق مىللىي پۇراققا ئىگە ئويما رەسىم سەنئىتىنى تۇنجى بولۇپ ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن كىشى ئىكەن.

رەسسام ھاشىم قۇربان 1957-يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدە بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ 1961-يىلىدىن باشلاپ قازاقىستاندا ياشاپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى 1982-يىلىدىن تارتىپ كۆرگەزمىلەرگە قويۇلۇشقا باشلانغان. ئۇ 2005-يىلى قازاقىستاننىڭ «ئىلھام مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ئىدى.

ئىستانبۇلدىكى قەشقەر جامەسى رېمونت قىلىنىپ، رەسمىي ئىبادەتكە ئېچىلدى

تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى 273 يىللىق تارىخقا ئىگە قەشقەر جامەسى رېمونت قىلىنىپ، 25-ماي جۈمە كۈنى رەسمىي زىيارەت ۋە ئىبادەتكە ئېچىلغان.

ئىستانبۇلنىڭ ئەيۇپ سۇلتان رايونىغا جايلاشقان «قەشقەر تەككەسى» نامىدىكى بۇ جامە بىر مەسچىت ۋە خانىقادىن تەركىب تاپقان 2000 كۋادرات مېتىرلىق قۇرۇلۇش بولۇپ، مەزكۇر ئورۇن تەسەۋۋۇپ تارىخىدىكى مۇھىم شەخسلەر تۇرغان جايدۇر.

بۇ جاي 1744-يىلى «شەرقىي تۈركىستانلىق» ئەخمەت مۇرتازا قەشقىرى ئەپەندى تەرىپىدىن ياسالغان بولۇپ، ئىستانبۇلدىكى قەشقەرىيەلىك نەقشىبەندى تەرىقەتچىلىرىنىڭ دەرگاھى بولۇپ كەلگەن ئىدى. مۇرتازا قەشقىرى ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، بۇ خانىقاغا ئابدۇللا نىدايى قەشقىرى دېگەن بىر كىشى ئۇزۇن يىل شەيىخلىق قىلغان.

مەزكۇر خانغا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا دىنى ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويۇپ، خانىقا-مەسچىتلەرنى تاقاۋاتقان بىر مەزگىلدە رېمونت قىلىنىپ ئىبادەتكە ئېچىلدى.

تولۇق بەت