ھەپتىلىك خەۋەرلەر (9-ئىيۇندىن 15-ئىيۇنغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-06-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار ھېيت نامىزى ئوقۇدى

15‏-ئىيۇن كۈنى پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار جۈملىدىن ئۇيغۇرلارمۇ مۇبارەك روزا ھېيتنى كۈتۈۋالدى.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن جۈمە كۈنى ئەتىگەندە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ۋىرجىنىيە، مارىلاند شتاتلىرىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر جامائىتى بىر يەرگە جەم بولۇپ، روزى ھېيت نامىزىنى تەڭ ئوقۇدى. ھېيت نامىزى دىنىي زات نۇردۇن قارىمىنىڭ ئىمامەتچىلىكىدە ۋىرجىنىيە شتاتىنىڭ فائىرفاكس ناھىيەسىدىكى بىر مېھمانخانىنىڭ زالىدا ئوقۇلدى.

بۇ يىلقى روزا ھېيت خىتاي ھۆكۈمىتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، ئائىلە ئەزالىرىنى گۆرىگە تۇتقان، بەزىلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، ئاتا-ئانىلىرىنى «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا قاماپ، ئۇلارغا ئېغىر پسىخولوگىيەلىك بېسىم پەيدا قىلغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى.

نۇردۇن قارىم خۇتبىدە قىلغان سۆزىدە ئىتتىپاقلىقنىڭ ئىسلامدىكى ھېكمىتىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىردى. بۇ قېتىمقى ھېيت نامىزىدا ئاياللار، بالىلار، چوڭلار ۋە ياشلار بولۇپ تەخمىنەن 300 دەك ئۇيغۇر ئىشتىراك قىلدى.

دۇنيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئىرپان ھېزىمنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى

بۈگۈن دۇنيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر پۇتبولچى ئىرپان ھېزىمنىڭ «يىغىۋېلىش لاگېرى» دىن دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

دۇنيادىكى كەسپىي پۇتبولچىلاردىن تەشكىللەنگەن 60 دۆلەتتە 65 مىڭ ئەزاسى بولغان بۇ تەشكىلاتتۇر بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىرپان ھېزىمنىڭ ئىستىقباللىق بىر ئۇيغۇر پۇتبولچى ئىكەنلىكىنى، جياڭسۇ «سۇنىڭ كوماندىسى» بىلەن توختامى بارلىقىنى، بۇ يىل 2‏-ئايدا يۇرتىغا تەتىل ئۈچۈن قايتقىنىدا «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرى» غا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئىرپان ھېزىم بۇ يىل 2‏-ئايدا دۆربىلجىندە تۇتقۇن قىلىنىپ، «تەربىيەلەش لاگېرى» غا سولانغان.

خوتەندە بىر باققال «تەربىيەلەش لاگېرى» دا ئۆلگەن

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر تەرىپىدىن خوتەننىڭ ناۋاغ كەنتىدە ئابدۇخېلىل ئابدۇقادىر ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ تەربىيەلەش مەركىزىدە جان ئۈزگەنلىكى مەلۇم قىلىنغان ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ مەزكۇر ۋەقەنى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، قاراقاش ناھىيەسىدە يەنە باشقا بىر كىشىنىڭ، يەنى چىنىباغ يېزىسىدىكى ئابدۇلئەھەد باققالنىڭ يېقىندا تەربىيەلەش مەركىزىدە ئۆلگەنلىكى پاش بولدى.

ساقچى خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 3 نارەسىدە بالىنىڭ ئاتىسى بولغان 37 ياشلىق ئابدۇلئەھەد باققالنىڭ «تەربىيەلىنىش» جەريانىدا قورقۇپ كېتىپ قان بېسىمى ئۆرلەپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئۇ ئۆتكەن يىلى 12 ‏-ئايدا لاگېرغا ئەكېتىلگەن ئىدى.

ئابدۇلئەھەد باققالنىڭ 3 بالىسى بارلىقى، ئۈچىلىسىنىڭلا كىچىك ياشتا ئىكەنلىكى مەلۇم، لېكىن ھازىر ئۇلارغا كىمنىڭ قاراۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس.

خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەملىك جەسەت كۆيدۈرۈش زاۋۇتلىرىنى قۇرماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا جەسەت كۆيدۈرۈش زاۋۇتلىرىنى سېلىشى دىققەت قوزغىدى.

«شىنجاڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇش ئۇچۇر تورى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پىلان كومىتېتى 2017‏-يىلى، 3-ئايدىن، 2018-يىلى 2-ئايغىچە ئۇيغۇر رايونىدىكى 9 ئورۇنغا جەسەت كۆيدۈرۈش زاۋۇتى سېلىشنى پىلانلاپ، بۇ قۇرۇلۇشقا ھۆددىگەر چاقىرىش ئېلانى چىقارغان.

كۇچا ناھىيەسىدىكى جەسەت كۆيدۈرۈش زاۋۇتىنىڭ بىر كېچىلىك نۆۋەتچى خىتاي خادىمى، بۇ زاۋۇتلارنىڭ بىرىنىڭ شايار ناھىيەسىگە سېلىنىۋاتقانلىقىنى دەلىللەپ، «بۇنىڭدىن كېيىن جەسەتنى كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ بۇ خىل جەسەت كۆيدۈرۈش زاۋۇتلىرىنى قۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بۇ ئۇچۇر ھەر خىل ئەندىشىلەرنى قوزغىغانلىقى مەلۇم.

خوتەندە بىر كەنتنىڭ 40% ئاھالىسى لاگېردا ئىكەن

خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيە بازىرىغا قاراشلىق يېڭى شەھەر كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ 40% ئىنىڭ نۆۋەتتە «تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

چىنىباغدكى بىر ساقچى خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېڭى شەھەر كەنتىدە 1700 نەچچە نوپۇس بار بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ نوپۇسنىڭ 40% يىغىۋېلىشى لاگېرلىرىدا ئىكەن.

مەزكۇر ساقچى خادىمى، كەنتتىكى دېھقانچىلىقنى ياشانغانلار قىلىۋاتقانلىقى، ئەمگەك كۈچى قالمىغان بەزى ئائىلىلەرنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى كەنت يىغىۋېلىپ، باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ساقچى خادىمىنىڭ دېيىشىچە، مەزكۇر ساقچىخانىغا قاراشلىق باشقا كەنتلەرنىڭ بەزىلىرىدىن يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئاپىرىلغانلار 40% دىن تۆۋەن، بەزىلىرىنىڭ بولسا 40% دىن يۇقىرى ئىكەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداشقا چاقىردى

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى يېقىندا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى پىلانلىق ۋە سىستېمىلىق يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«مەدەنىيەت مەنبەلىرىنى پارچىلاش: ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئىزنالىرىنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىنىشى ۋە جىنايەتكە ئايلاندۇرۇلۇشى» سەرلەۋھىلىك دوكلاتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ساقلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىنىڭ چەكلىنىپ، نۇرغۇن مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەت ئەنئەنىلەرنىڭ پەقەتلا بىر تەشۋىقات ۋاسىتىسىگە، ياكى بىر ساياھەتچىلىك ئېلانىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىلىرىگە قىلىۋاتقان بۇزغۇنچىلىقىغا دىققەت قىلىشقا چاقىرغان.

تولۇق بەت