ھەپتىلىك خەۋەرلەر (16-ئىيۇندىن 22-ئىيۇنغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-06-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

قاراقاشتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 20 پىرسەنتى قاماققا ئېلىنغان

مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئېنىقلىشى جەريانىدا ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان بىر قىسىم جايلاردا ئاز دېگەندىمۇ ئاھالىنىڭ 20 پىرسەنتى تېزدىن كۆپىيىۋاتقان «يىغىۋېلىش مەركەزلىرى» گە ۋە تۈرمىلەرگە قامالغانلىقى ئاشكارا بولدى.

خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيەسىگە قاراشلىق ماڭلاي يېزىسىدىكى ساقچىلار بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، ئۆز يېزىسىدا ئىككى مىڭ كىشىنىڭ «تەربىيەلەش» تە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە مىڭ كىشىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈۋەت يېزىسىدىكى ئالاقىدار خادىملار بولسا 32 مىڭ نوپۇسلۇق بۇ يېزىدا تۆت مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ۋە تۈرمىلەرگە قامالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تۇتقۇندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشنى مەجبۇرىيەت دەپ بىلمەكتە

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ھەممىلا كىشىنى ۋەھىمىگە سېلىۋاتقان «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە مىليونلاپ كىشى سولانغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى، جۈملىدىن ئىسىم-فامىلىسى نامەلۇم بولۇپ كەلمەكتە.

ياۋروپادىكى ئارزۇ خانىم ۋە باشقىلار يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھېچقانداق قانۇنسىز قىلمىش سادىر قىلمىغان ئەھۋالدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ كەلگەنلىكىنى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ نام-شەرىپىنى بايان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، د ئۇ ق ۋە باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئىزچىل بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي ئەھۋاللاردىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى بىلىدىغان ئىشلارنى تاشقى دۇنياغا ئاشكارىلىشىنى تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى.

ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ گۆرلۈك سېتىۋېلىشى چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا

يېقىندا «ئۈرۈمچىدىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىدىن ئەمدى يەرلىك سېتىپ بېرىلمەيدىغان بوپتۇ» دېگەن ئۇچۇرنى ئېنىقلاش جەريانىدا ئالاقىدار خادىملار بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ گۆرلۈك يەرنى ئالدىن سېتىۋېلىشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش بارلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار قەبرىستانلىقىنىڭ يېرى قىس بولغانلىقتىن شەھەرلىك ساقچى، دوختۇرخانا ۋە خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئىسپات خېتى بولماي تۇرۇپ ئالدىن يەرلىك سېتىۋېلىشقا بولمايدىكەن.

ئالاقىدار تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل ھاياتلىق مۇساپىسىنى تولۇق كونترول قىلىش ئۇرۇنۇشىنىڭ بىر قىسمى» دەپ كۆرسەتتى.

«يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» كۆپلىگەن ئىككىلەمچى مەسىلىلەرگە سەۋەب بولماقتا

ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» نىڭ ئىنسان چىدىغۇسىز تۇرمۇشى شارائىتى سەۋەبىدىن ئۇ جايلارغا قامالغان كىشىلەرنىڭ ئېغىر كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا بولۇۋاتقانلىقى شۇنىڭدەك بىر قىسىم جايلاردا ئۆلۈم-يىتىمغىمۇ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىر ئوسمان تۇرسۇن يېقىندا ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق لاگېرلاردىن يېنىپ چىققان ئوغلىنىڭ ئەھۋالىنى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق بۇ جەھەتتىكى بىر قىسىم ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە سولانغان كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن كۆپلىگەن ئۇيغۇر گۆدەكلەر قارانچۇقسىز قالغان. يېقىندا مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا بۇنداق قارانچۇقسىز قالغان بالىلارنى يىغىۋالىدىغان دارىلئېتاملارنىڭ ھەرقايسى جايلاردا ئارقىمۇ-ئارقىدىن قۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىقامەت تەستىقلاندى


تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندى 15-ئىيۇن كۈنى ئىستانبۇلدا ئالتە مىڭ ئۇيغۇر بىلەن بىرلىكتە ھېيتلاشقان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۇيغۇرلارغا بەرگەن ۋەدىسى بويىچە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت بېرىش خىزمىتىنى باشلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، سۇلايمان سويلۇ ئەپەندى بۇ ھەقتىكى خىزمەتلەرنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

يېقىندا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇنىڭ خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ھەققىدە سۆز قىلىشى زور غۇلغۇلىغا سەۋەب بولغان ئىدى. ئۇيغۇرلارغا ئىقامەت بېرىش خىزمىتىنىڭ باشلىنىشى بولسا بىر قىسىم كىشىلەرگە يېڭى ئۈمىدلەرنى بەخش ئەتكەنلىكى مەلۇم..

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت