ھەپتىلىك خەۋەرلەر (23-ئىيۇندىن 29-ئىيۇنغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-06-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

ئامېرىكا چېن چۈەنگونى جازالىشى مۇمكىن

ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئىشلىرى باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك ئاق ساراينىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى تەلەپ قىلغان. بروۋېنبەك بۇ ھەقتىكى مەخسۇس تەكلىپنى يېقىندا ئاق سارايغا تاپشۇرغان.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 28-ئىيۇن ئاشكارىلىشىچە، بۇ تەكلىپتىكى بىرىنچى نىشان ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي كومپارتىيە سېكرېتارى چېن چۇەنگو ئىكەن.

خەۋەردە ئەگەر مەزكۇر تەكلىپ قوبۇل قىلىنسا پرېزىدېنت ترامپ ئوباما دەۋرىدىكى «ماگنىتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىغا ئاساسەن دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىلەن مالىيە مىنىستىرلىقىغا مەمۇرى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ بانكا ھېساباتى ۋە باشقا بايلىقلىرىنى توڭلىتىشنى بۇيرۇيدىكەن.

مەزكۇر قانۇن 2017-يىلى دېكابىردا بىرمادىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن بىر قىسىم گېنېراللارغا ھەمدە بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقىغا تەتبىقلانغان ئىدى.

ب د ت دا «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» نى تاقاش تەلەپ قىلىندى

25‏-ئىيۇن كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا گېرمانىيەدىكى تەھدىت ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى سۆز قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى تاقاش مەسىلىسىدە دەرھال تەدبىر قوللىنىشىنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ۋەكىلى «خىتاي ھۆكۈمىتى بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدا بىگۇناھ كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ ئۇلارنى ئىدىيە ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىغا سولىماقتا. 2017‏-يىلى ئاپرېل ئېيىدىن باشلاپ نەچچە يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي تۇتقۇن قىلىنىپ، ئىنتايىن ناچار شارائىتلاردا ۋە قېيىن-قىستاقلاردا ئىدىيە ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلانماقتا. ئۇيغۇر ئائىلىلەر ۋەيران قىلىندى. مىڭلىغان كىشى يوقاپ كەتتى ۋە ئەڭ ئاز دېگەندە 10 مىڭ كىشىنىڭ ئۇ ئورۇنلاردا ئۆلگەنلىكى ئىسپاتلاندى،» دېگەن.

مەزكۇر يىغىننىڭ 27‏-ئىيۇن كۈنىدىكى مۇزاكىرىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» نى مەخسۇس تىلغا ئېلىپ، بۇ لاگېرلارنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنى ئېنىقلاشقا كىرىشكەن

يېقىندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «ئۈرۈمچى شەھىرىدىن سىرتقا ئېقىپ كەتكەن نوپۇسلارنى ئېنىقلاش» توغرىسىدىكى بىر مەخپىي ھۆججىتى ئاشكارىلاندى. «ئۈرۈمچى شەھەرلىك نوپۇس مۇلازىمەت ئىشخانىسىنىڭ 2018. 6‏-نومۇرلۇق» مەزكۇر ھۆججىتى بۇ يىل 4‏-ئايدا تارقىتىلغان.

ھۆججەتتە، ئۈرۈمچى نوپۇسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كىملىكىنى قايتا تىزىملاپ، «ئىككىلىك كود» قويۇلغان سەزگۈر ئائىلىلەر تىزىملىكىدىكى پۇقرالارنىڭ ئۈرۈمچى سىرتىدا تۇرۇۋاتقان ياكى چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن ئائىلە ئەزالىرىنى ئېنىقلاش تەلەپ قىلىنغان.

ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى، نىكاھ ئەھۋالى، قان تىپى، ئەر-ئاياللارنىڭ بىللە ياشاش نىسبىتى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەھۋالى قاتارلىق ئۇچۇرلار تولۇق ئېنىقلىنىپ، ھەر بىر ئائىلە ئەزاسىغا شەخسىي ئارخىپ تۇرغۇزۇلىدىكەن.

«خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى» ناخشىچى ئابلاجان ئايۇپنىڭ قويۇۋېتىلىشىنى تەلەپ قىلدى

يېقىندا «خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى» بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر ياش ناخشىچى ئابلاجان ئايۇپنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.

مەزكۇر ئورگان باياناتىدا ئابلاجان ئايۇپنىڭ ئۆز پىكىرى ۋە كۆز قاراشلىرىنى تىنچلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئۇنىڭ دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

ئابلاجان ئايۇپ بۇ يىل 15‏-فېۋرال كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى. «خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى» دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەزالىرىنى ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرىغا ۋە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا مەكتۇپ يوللاپ، ئابلاجان ئايۇپنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىرغان.

باياناتتا يەنە ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ۋە ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى

26‏-ئىيۇن كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا «تەھدىت ئاستىدىكى ئىنسانلار: يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرلار خىتاي لاگېرلىرىدا ئازاب چەكمەكتە» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فابىيو ماسسىمو ئەپەندى تەبرىك سۆزى ئەۋەتكەن. تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، خىتاي 100 مىڭلىغان ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا سولاپ، مېڭە يۇيۇش ۋە قىيناش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ مىللىي ۋە ئىسلامىي تۇيغۇلىرىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. لېكىن خۇشاللىنارلىق يېرى-بىز خىتاينىڭ بۇ مۇستەبىت قىلمىشلىرىغا قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز.»

يىغىندا ياۋروپا پارلامېنتى بىلەن كاتالونىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى رامون تىرېموسا «خىتاينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان باستۇرۇش ۋە تەقىبلىرىگە لەنەت ئوقۇيدىغانلىقى» نى بىلدۈرۈپ، «بىز بىرگە كۈرەش قىلىپ، دۇنيانى ئۆزگەرتىمىز،» دېگەن. يىغىندا يەنە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن پائالىيەتچىلەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ھەققىدە دوكلات بەرگەن.

قاراقاش ناھىيەسىدە جەسەت بىر تەرەپ قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولدى

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، خوتەن رايونلىرىدا جەسەت بىر تەرەپ قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ تاكى كەنتلەرگە قەدەر كېڭىيىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

بۇ خىل ئورۇنلارنىڭ قاراقاش ناھىيەسىدىكى بەزى يېزىلاردا 4-5 كەنتكە بىردىن تەسىس قىلىنىۋاتقانلىقى، لېكىن چىنىباغ ئاھالىلەر رايونىدەك بەزى جايلاردا ھەر بىر كەنتكە بىردىن قۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولدى.

بىر كەنت ئامانلىق مۇدىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قاراقاشتىكى بۇ جەسەت بىر تەرەپ قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى بۇلتۇر 7‏-ئايدا باشلانغان. ئۇ جەسەت بىر تەرەپ قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» تەسىس قىلىنىپ 4 ئايدىن كېيىن قۇرۇلۇشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر جەسەت بىر تەرەپ قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ بۇ دەرىجىدە تېز ۋە كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇشىنى لاگېرلاردا جان ئۈزگەنلەرنى يەڭ ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىشنىڭ چارىسى دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر دىنىي زاتلار قالمىغاچقا جەسەت ئۇزىتىش ئىشلىرىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىغا يۈكلىنىپ قالغان دەپ قارىماقتا.

تولۇق بەت