ھەپتىلىك خەۋەرلەر (25-ئىيۇندىن 1-ئىيۇلغىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.07.01
erkin-asiya-radiosi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

رابىيە قادىر خانىم «شاۋگۈەن ۋەقەسى» نىڭ 7 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

بۇنىڭدىن يەتتە يىل ئىلگىرى، يەنى 2009‏-يىلى 6‏-ئاينىڭ 26‏-كۈنى گۋاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۈەن شەھىرىدىكى يەرلىك خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىشچىلارغا كوللېكتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى.

ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ۋەقە جەريانىدا ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈپ، 118 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما تەرەپسىز ئاخباراتلار ۋەقەدە ئاز دېگەندە 18 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈپ، يۈز نەچچە ئۇيغۇرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. بۇ ۋەقە شۇ يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» گە بىۋاسىتە پىلتا بولغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم «شاۋگۈەن ۋەقەسى» نىڭ يەتتە يىللىق خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى مەزكۇر ۋەقەدىكى جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا چاقىردى.

سەئۇدى ساقچىلىرى مەككىدە ھەج مەزگىلىنى ساقلاۋاتقان يۈزلەرچە ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىپ خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەن

ئىگىلىنىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان ساقچىلىرى 27-ئىيۇن كۈنى مەككىنىڭ مىسفەلە ئۇيغۇر مەھەللىسىدە ھەج مەزگىلىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان يۈزلەرچە ئۇيغۇرنى توپلاپ يىغىۋېلىش ئورنىغا ئېلىپ كەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەككىدە يىغىۋېلىنغان بۇ ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ دىنىي چەكلىمىلىرى سەۋەبلىك غەيرىي رەسمىي يوللار بىلەن ھەج ئىبادىتىگە كەلگەنلەر ئىكەن.

سەئۇدىدىكى ۋەقەدىن خەۋەردار ئەھمەت مۆمىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىۋېلىش جەريانىدا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىككى نەپەر خادىمى سەئۇدى ساقچىلىرىغا ھەمكارلاشقان ئىكەن. يىغىۋېلىنغان ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ 28-ئىيۇن كۈنى ئۈرۈمچىگە يولغا سېلىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ خىتاينى «رامىزان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارغا چەتئەلدىمۇ پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىدى.

خىتاي «مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى» داۋۇت ھاشىم چوڭقۇرچاق دېھقانلىرىنىڭ رامىزاندا ھاشارغا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارا قىلدى

مارالبېشى ناھىيىسى چوڭقۇرچاق يېزىسىنىڭ سابىق يېزىلىق پارتكوم سېكرېتارى داۋۇت ھاشىم ئۆتكەن ھەپتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قەشقەر ۋىلايىتىدە بالىلارنىڭ دىنىي تەلىم-تەربىيە ئېلىشىنىڭ تامامەن تۈگىتىلگەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى.

ئۇ بۈگۈن يەنە مارالبېشى ناھىيىسىدە ئىلگىرى ئۆز ئالدىغا ھەج قىلىپ كەلگەن ھاجىلارنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن يىغىۋېلىنىپ، قانۇن-تۈزۈم تەربىيەسى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى شۇنداقلا چوڭقۇرچاق يېزىسىدا رامىزان مەزگىلىدىمۇ دېھقانلارنىڭ ھاشارنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

سىياسىي ئاكتىپ داۋۇت ھاشىم ئىلگىرى خىتايدا ئاتالمىش «مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى»، «جۇڭگولۇقلارنى تەسىرلەندۈرگەن 100 شەخسنىڭ بىرى»، 17-نۆۋەتلىك خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولغان، كومپارتىيەگە سادىق شەخسلەردىن بىرى.

ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ كەسپىي ساھەلىرىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇرلار ئۆز تەجرىبىلىرىدىن ھېكايە تەقدىم قىلدى

غەرب ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ياۋروپا ئەللىرىگە كۆچۈش ۋە ئولتۇراقلىشىش تارىخى قىسقا، جامائەت كۆلىمى نىسبەتەن كىچىك، جۇغراپىيەلىك تارقىلىشى تارقاق بولغان بىر ئىجتىمائىي توپلۇقتۇر.

ھالبۇكى، ئۇلار يېقىنقى ئون نەچچە يىل مابەينىدە جاپالىق ئىزدىنىشلەر ۋە توختاۋسىز تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق ئۆزلىرى يەرلەشكەن ئىككىنچى ۋەتىنىدە تۈرلۈك كەسپىي ساھەلەر بويىچە ئاجايىپ تەسىرلىك ھېكايىلەرنى مەيدانغا كەلتۈردى.

بۈگۈن ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى گېرمانىيە قاتارلىق ئەللەردىن تارتىپ تاكى سكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىدىكى كىچىك دۆلەتلەرگە قەدەر تۈرلۈك كەسپىي ساھەلەردە خىزمەت قىلىدىغان ئۇيغۇر سەرخىللەر كۆزگە كۆرۈندى. ئۇلار ھازىر ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە تۈرلۈك ساھەلەر بويىچە تۆھپە ياراتماقتا.

پاكىستان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاينىڭ روزا تۇتۇشنى چەكلىگەن ياكى چەكلىمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىر ئۆمەك ئەۋەتكەنلىكى مەلۇم

ئىگىلىنىشىچە، پاكىستان دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بىر دىنىي ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئەۋەتىپ، رايوندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ رامىزان ئېيىدا ئۇيغۇر ئېلىگە تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشىنىڭ خىتاي تەرەپنىڭ تەكلىپى بىلەن بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مەزكۇر ئۆمەكنىڭ ئەزالىرى پاكىستاننىڭ دىنىي ساھەدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك زاتلىرىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 4 كۈن تۇرۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان مەزگىلىدىكى روزا تۇتۇش ئەركىنلىكىنى تەكشۈرمەكچىكەن.

پاكىستاندىكى «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىسى» نىڭ مەسئۇلى ئۆمەر خان ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، پاكىستان دىنىي تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ قانداق خۇلاسە چىقىرىدىغانلىقى «بىزگە مەلۇم» دېدى.

ئىستانبۇلدىكى پارتلاشتا بىر ئۇيغۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 نەچچە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان

28-ئىيۇن كۈنى كەچ سائەت 21:22 دە ئىستانبۇلدىكى ئاتاتۈرك خەلقئارا ئايرودرومىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 40 نەچچە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 239 كىشى يارىلانغان.

تۈركىيە ساقچى تەرەپ ئاشكارا قىلغان ئەڭ يېڭى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلار ئۆزبەكىستان، قىرغىزىستان ۋە رۇسىيەنىڭ داغىستان رايونىدىن سۈرىيەگە بېرىپ ئۇرۇشقا قاتناشقانلار ئىكەن.

ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئارىسىدا ئابدۇلھەكىم بۇغدا ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم. مەرھۇم ئابدۇلھەكىم بۇغدانىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ تۈركىيە ئارمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتەپ قايتىپ كەلگىنىگە تېخى 4 ئاي بولغان ئىكەن. پارتلاش يۈز بەرگەندە ئۇ ئاتاتۈرك ئايرودرومىدىكى يۈك سېلىش ئورنىدا ئىشلەۋاتقان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.