ھەپتىلىك خەۋەرلەر (30-ئىيۇندىن 6-ئىيۇلغىچە)

مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.07.06

بۇ يىل «5-ئىيۇل ۋەقەسى» گە 3 يىل بولدى

بۇ يىل «5-ئىيۇل ۋەقەسى» گە 3 يىل بولدى. 2009-يىلى 5-ئىيۇل مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى «26-ئىيۇن شاۋگۇەن ۋەقەسى» گە ئادالەت تەلەپ قىلىپ، ئۈرۈمچىدە نامايىش قىلغان.

تىنچ يوسۇندا نامايىش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، نامايىشنىڭ خاراكتېرى ئۆزگەرگەن ۋە قانلىق توقۇنۇشقا ئايلانغان ئىدى.

ۋەقەدىن كېيىن ئاشكارىلانغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدا توكنى پۈتۈنلەي كېسىۋېتىپ، نامايىشچىلارنى ئوققا تۇتقان ۋە نۇرغۇن ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان. شۇ كۈنى قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەن ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس.

بەزى مەلۇماتلاردا 2009-يىلى 5-ئىيۇلدىن كېيىن تۇتۇپ كېتىلگەن 300 ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى يوقلۇقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت 23 ئۇيغۇرنىڭ كىملىكى رادىئومىز ئارقىلىق ئاشكارىلانغان ئىدى.

«5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 3 يىللىقى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خاتىرىلەندى

«5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ ئۈچ يىللىقىغا بېغىشلانغان نامايىشلار ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيىدە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، شۋېتسىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئاۋسترالىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلدى.

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۆزى يېتەكچىلىك قىلدى.

رابىيە خانىم، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نى ئۇنتۇپ قالماسلىققا، 5-ئىيۇلدا تۇتۇلغانلارنىڭ تۈرمىلەردە تارتىۋاتقان ئازابلىرى ۋە 5-ئىيۇلدا ئۆلگەن ۋە يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ نىدالىرىغا قۇلاق سېلىشقا چاقىردى.

مەزكۇر نامايىش رادىئومىز تور تېلېۋىزىيىسىدە نەق مەيداندىن تارقىتىلدى. نارازىلىق ۋە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنىڭ يەنە قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ياپونىيىدىمۇ ئۆتكۈزۈلگەنلىكى مەلۇم.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى

مەركىزى ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدىكى دۇنياۋى كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى-خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 3 يىللىقى ھارپىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى ۋە ئۇلارنى سۈرۈشتۈرگەن ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى جازالاشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

دوكلاتتا، 2009‏-يىلى 5‏-ئىيۇلدىكى نارازىلىق ھەرىكىتى قاتتىق باستۇرۇلۇپ 3 يىلدىن كېيىنمۇ ۋەقەدە يوقاپ كەتكەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق ئىز دېرىكى بولمىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتتا يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىپ باقمىغانلىقى تەنقىد قىلىنغان.

شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىدى

ئىگىلىنىشىچە، شۋېتسىيىدە پاناھلىنىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ پاراكەندە قىلىشىغا ئۇچرىغان.

شۋېتسىيىدە پاناھلىنىۋاتقان مەرھابا دىلمۇراتنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ساقچى خادىملىرى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتا-ئانىلىرىغا تەھدىت سالغان ۋە شۋېتسىيىدىكى پەرزەنتلىرىنى تەربىيە قىلىپ، قايتۇرۇپ كېلىشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ خىل ئەھۋاللار ياۋروپانىڭ باشقا ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىمغىمۇ كەلگەن. خىتاي يەرلىك دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنى ساقچىخانىغا چاقىرتىپ، باللىرىنى ياۋروپادىن قايتۇرۇپ كېلىش ھەققىدە بېسىم ئىشلەتكەن ۋە تەھدىت ۋاسىتىلىرىنى قوللانغان ئىدى.

يەرلىك دائىرىلەر ئەرزدار دىلمۇرات مۇسلىننىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىغا تەھدىت سالغان

ئەرزدار دىلمۇرات مۇسلىن رادىئومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىغا تەھدىت سالغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلمۇرات مۇسلىن چاپچال ناھىيىسى كان يېزىسىدىكى توقايلىق مەنزىرە رايونىنىڭ تالان-تاراج قىلىنىشىغا قارشى شىكايەت قىلىپ ئۆتكەن ھەپتە بېيجىڭغا كەلگەن ئىدى.

ئىلى دەريا بويىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان تەبىئىي ئورمان بەلۋېغى-توقايلىقمۇ «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» شامىلىدا، تالان-تاراج قىلىنىشقا باشلىغان. يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ توقايلىقنى خىتاي سودىگەرلىرىگە سېتىپ يېيىشى دېھقانلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان.

كان يېزىسىدىكى دېھقانلار مەزكۇر مەنزىرە رايونىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن دىلمۇرات مۇسلىننى ۋەكىل قىلىپ بېيجىڭغا ئەۋەتكەن.

دىلمۇرات مۇسلىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە يەرلىك دائىرىلەر ئۇنى ئەرز قىلىشتىن توسۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھەرخىل جىنايەتلەرنى ئارتىپلا قالماي، ئۇنىڭ ئايالى ۋە باشقا ئۇرۇق تۇغقانلىرىغا تەھدىت سېلىشقا باشلىغان.

د ئۇ ق خىتاينى خوتەن ئايروپىلان ۋەقەسىدە ھەددىدىن زىيادە كۈچ قوللانغان دەپ ئەيىبلىدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «خوتەن ئايروپىلان ۋەقەسى» گە چېتىشلىق ئىككى گۇماندارنىڭ ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە ئۆلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينى خوتەن ئايروپىلان ۋەقەسىدە «ھەددىدىن زىيادە كۈچ قوللانغان» دەپ ئەيىبلىدى.

قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا: گۇماندارلاردىن ئىككىسىنىڭ ۋەقەدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە جان ئۈزگەنلىكى گۇماندارلارنىڭ ئايروپىلاندا ياكى سوراق جەريانىدا ئېغىر زەخىملەنگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، دېدى.

خىتاي 29-ئىيۇن خوتەندىن ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىققان بىر ئايروپىلاننى بولۇشقا ئۇرۇنغان 6 ئۇيغۇرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.