ھەپتىلىك خەۋەرلەر (30-ئىيۇندىن 6-ئىيۇلغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.07.06
erkin-asiya-radiosi-yengi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

ئايخان ئانىنىڭ «تەربىيەلەش لاگېرى» دا قازا قىلغانلىقى مەلۇم بولدى

ئۇيغۇر دىيارىدىكى «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» دا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. يېقىندا 78 ياشلىق ئايخان مەمەتنىڭ مۇشۇنداق لاگېرلاردىن بىرىدە جان ئۈزگەنلىكى ئالغا سۈرۈلدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئېنىقلىشى جەريانىدا ساقچىلاردىن بىرەيلەن مەرھۇمەنىڭ كەلپىن ناھىيەلىك 2-تەربىيەلەش لاگېرىدا ۋاپات بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئايخان ئانا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئانىسى بولۇپ، دولقۇن ئەيسا ۋەتەن بىلەن بولغان ئۇچۇر ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقى تۈپەيلىدىن ئۆلۈم خەۋىرىنى بىرەر ئايچە كېچىكىپ ئاڭلىغان. نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى ئۇچۇر ئالاقىسىنىڭ مەجبۇرىي كېسىپ تاشلىنىشى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئېغىر قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

خىتاينىڭ بەزى مەخپىي ھۆججەتلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر قىسىم ئەھۋاللارنى ئاشكارا قىلدى

يېقىندا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنى بىۋاسىتە تەسۋىرلەپ بەرگۈچى بىر قىسىم مەخپىي ھۆججەتلەر ئاشكارا بولدى.

بۇ ھۆججەتلەرنىڭ بىرىدە نۇقتىلىق ئاھالىلەرنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى قەرەللىك ھالدا تەكشۈرۈش، ئۇلارنىڭ ئىدىيەۋى ئەھۋالىدا تۇراقسىزلىق ياكى ھۆكۈمەتتىن نارازىلىق خاھىشىنىڭ بار-يوقلۇقىنى يېقىندىن كۆزىتىش، شۇنداق كىشىلەر بايقالسا «تەربىيەلەش» كە ئەۋەتىش تەلەپ قىلىنغان.

بۇ ھۆججەتلەردە يەنە نۇقتىلىق ئاھالىلەر، ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان بۇ تەدبىرلەرنى قانداق ئىجرا قىلىشنىڭ تەپسىلىي قەدەم-باسقۇچلىرىمۇ بايان قىلىنغان.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن باھانە ئىزلەۋاتقانلىقىنىڭ ئىنكاسى،» دېدى.

«5-ئىيۇل ۋەقەسى» شاھىتلىرىنىڭ ئەسلىمىسى بەزى قاراڭغۇ مەزمۇنلارنى يورۇتتى

بۇنىڭدىن توققۇز يىل ئىلگىرىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» گە مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن ئەھۋاللار ھازىرغىچە قاراڭغۇ ھالدا تۇرماقتا.

يېقىندا چەتئەلگە چىققان شاھىتلاردىن ئىزچى ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆزى كۆرگەن ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ شۇ كېچىسى قانداق قىرغىن قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بەردى.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «ئەينى يىللىرى خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر ياشلىرىنى مەخپىي قىرغىن قىلغان بولسا، نۆۋەتتە قىرغىنچىلىق ئاشكارا ئىجرا بولماقتا،» دېدى.

«ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك كوللېكتىپ يىغىلىشى مۇشۇ ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن 4-قېتىملىق «ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئەمەلگە ئاشتى.

4-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شتاتىدا باشلانغان بۇ مۇسابىقىگە ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن يەتتە ئۇيغۇر كوماندىسى قاتناشتى. كوماندىلار بىر قانچە كۈنلۈك جىددىي مۇسابىقىلەر ئارقىلىق ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر بىرلىكى» كوماندىسىنىڭ ئەزاسى شىرئەلى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىزنى زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «بىز بۇ مۇسابىقە ئارقىلىق ساغلام تەننىڭ ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقىنى نامايان قىلىمىز،» دېدى.

ئەنگلىيەدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى

ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر سىياسىي كرىزىس يېقىندا ئەنگلىيەدە ئاڭلىتىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئالاقىدار ساھەلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلدى.

گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس ئادريان زېنز ۋە ئەنگلىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس رېيچىل خاررىس بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ھەمدە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى ھەققىدە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ۋە ئەنگلىيە پارلامېنتىدا لېكسىيە بەردى.

رېيچىل خاررىس خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، «ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى بۇ مەسىلىگە بەكمۇ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلدى،» دېدى.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نى خاتىرىلىدى

2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ توققۇز يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ھەر خىل پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، شۇ قېتىملىق ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ۋە تۈرمىگە مەھكۇم بولغانلارنى خاتىرىلىدى.

ئامېرىكا، ياپونىيە، گېرمانىيە، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە، فىرانسىيە، شىۋېتسىيە، فىرانسىيە قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر جامائىتى شۇ جايلاردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىغا توپلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى شوئارلارنى توۋلىدى.

د ئۇ ق نىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا سۆز قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن بىرلىكتە ياشىيالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى،» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.