ھەپتىلىك خەۋەرلەر (2-ئىيۇلدىن 8-ئىيۇلغىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.07.08
erkin-asiya-radiosi-yengi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

«5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 7 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى

بۇ يىل 7-ئاينىڭ 5-كۈنى، يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغ روزا ھېيت كۈنىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 7 يىللىقىنى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرىنى ئۆتكۈزدى.

شۇ كۈنى ئامېرىكا، تۈركىيە، گېرمانىيە، كانادا، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، ياپونىيە قاتارلىق ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى شۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە داغدۇغىلىق نامايىشلارنى تەشكىللىدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىن نامايىش باشلاپ، كوچا ئايلىنىپ كۈچ كۆرسەتتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە خانىم شەخسەن ئۆزى نامايىشقا قاتنىشىپ نۇتۇق سۆزلىدى.

رابىيە قادىر خانىم پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە روزا ھېيتلىق سالام يوللىدى

بۇ يىللىق روزا ھېيت «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 7 يىللىق خاتىرە كۈنىگە توغرا كەلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ 30 كۈنلۈك رامىزاننى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مۇبارەك روزا ھېيتنى كۈتۈۋالغانلىقىنى تەبرىكلىدى شۇنداقلا ئۇلارغا روزا ھېيتلىق سالام يوللىدى.

رابىيە خانىم، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر خەلقىدىن «ماتەم كۈنىنى بايرامغا، قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇشى» نى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە شېھىت بولغان ۋە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ھېيتلىق سالام يوللىدى.

بېيجىڭدىكى سەئۇدى ئەلچىخانىسى خىتايدىكى ھەج قىلغۇچىلارنىڭ پەقەتلا «ئىسلام دىنىي جەمئىيىتى» ئارقىلىق ھەجگە بارالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

27-ئىيۇن كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستان ساقچىلىرى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن مەككىدە ھەج مەزگىلىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان يۈزلەرچە ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىپ ئۈرۈمچىگە قايتۇرغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

رادىيومىز ئۈرۈمچىدىكى كۆپ ئورۇنلارغا تېلېفون قىلىپ، مەككىدىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئېنىق جاۋابقا ئېرىشەلمىدى. ھالبۇكى، ئۈرۈمچىدىكى بىر تۇڭگان مەسچىتنىڭ مەسئۇلى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن قايتۇرۇلغانلار ئىچىدە ئۆز مەسچىتىگە تەۋە ئون كىشىنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا ئىزاھات بېرىپ: «جۇڭگودا ئۆمۈر ھەج ياكى رەسمىي ھەج قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار پەقەتلا ‹ئىسلام دىنىي جەمئىيىتى› ئارقىلىق ھەجگە بارالايدۇ. بۇ جۇڭگودىكى بىر قائىدە-تۈزۈم،» دېدى.

خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ بېسىمى بىلەن ئونسۇدىكى ئاچا-سىڭىل مەھبۇسلارنىڭ پەرزەنتلىرى قىسمەن «غەمخورلۇق» قا ئېرىشكەن

ئۆتكەن ئايدا ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيە چاغراق يېزىسىدىكى ئېلى ياسىن بىلەن ئۇنىڭ ئىككى سىڭلىسى ھەمدە ئۇلارنىڭ جورىلىرىنىڭ ئاتالمىش «قانۇنسىز دىنىي ماتېرىياللار» نى كۆرگەنلىكى سەۋەبلىك يەتتە يىلدىن كېسىلگەنلىكى رادىيومىزدا تۇنجى قېتىم خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن بۇ خەۋەر خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» قاتارلىق داڭلىق گېزىتلەردە ئۇلاپ خەۋەر قىلىندى.

مەزكۇر دېلو خەلقئارا تاراتقۇلارغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئونسۇدىكى ئاكا-سىڭىل مەھبۇسلار ۋە ئۇلارنىڭ تۈرمە سىرتىدىكى ئائىلە ئەزالىرىدىن ھال سورىغانلىقى مەلۇم.

چاغراق يېزىسىدىكى بىر كەنت سېكرېتارىمۇ بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىپ، مەزكۇر مەھبۇسلار ئائىلىسىدىكى نوپۇسسىز بالىلارنىڭ نوپۇسقا، مەكتەپسىز قالغانلارنىڭ مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى دەلىللىدى.

پاكىستان دىنىي تەكشۈرۈش ئۆمىكى «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇسۇلمانلارغا ھېچقانداق دىنىي چەكلىمە قويۇلمىغان،» دەپ خۇلاسە چىقارغان

پاكىستاننىڭ 4 كىشىلىك دىنىي تەكشۈرۈش ئۆمىكى 26‏-ئىيۇندىن 28 ئىيۇنغا قەدەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقى مەلۇم.

مەزكۇر ئۆمەك ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەكشۈرۈشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، پاكىستانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆتكەن جۈمە كۈنى بايانات بېرىپ، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا روزىنىڭ چەكلەنگەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق دەلىل-پاكىت بايقالمىدى،» دەپ خۇلاسە چىقارغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «پاكىستان دىنىي تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئادىل ۋە مۇستەقىل مەيداندا تۇرۇپ خۇلاسە چىقىرىشى گۇمانلىقتۇر،» دېدى.

ئۆي-جاي ۋە تېرىلغۇ يەرلىرى تارتىۋېلىنغان ئۇيغۇر ئەرزدارلار ۋاقتىنچە سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر بولغان

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي ئۆي-جاي ۋە تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى زور ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە بىلىنمەكتە.

ئىگىلىنىشىچە، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ خىتاي ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرى ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن ئىچكى قىسىمدا سودىلىشىپ، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراق جاي ۋە زېمىنلىرىنى ئەرزان باھادا سېتىپ بېرىشكە قىستىشى رايوندىكى مىللىي زىددىيەتلەرنى يەنىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرمەكتىكەن.

يېقىندا بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەرزدارلار رادىيومىزغا ئەھۋال ئىنكاس قىلىپ، نۆۋەتتىكى ئېغىر سىياسىي بېسىم تۈپەيلى ئۇلارنىڭ ۋاقتىنچە سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.