ھەپتىلىك خەۋەرلەر (7-ئىيۇندىن 13-ئىيۇلغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-07-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مەجبۇرىي يۇرتلىرىغا قايتۇرۇلدى

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ مەكتەپ مۇھىتىغا سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەش» ئۈچۈن ئىچكىرىدىكى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان «شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار» نىڭ 2018-يىللىق يازلىق تەتىل مەزگىلىدە جەزمەن يۇرتلىرىغا قايتىشىنى بەلگىلىگەن.

ئالاقىدار ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يۇرتلىرىغا قايتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سىياسىي جەھەتتە باھالاشتىن ئۆتۈشى ۋە بۇ ھەقتىكى باھالاش ئىسپاتلىرىنى مەكتەپكە ئېلىپ كېلىشى لازىم ئىكەن.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «بۇ ھال ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي كونتروللۇقنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇرلارغىلا قارىتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ»، دېدى.

مېخانىڭ ماقالىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ يەنە بىر يۈزىنى يورۇتتى

ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتلىرىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەرقاچان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قولىدىكى بىر كوزىر بولۇپ كەلمەكتە.

يېقىندا ئامېرىكىلىق مۇخبىر مېخا راجاگوپالاننىڭ مەخسۇس بۇ تېمىدىكى ماقالىسىدە خىتاي ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ مۇشۇنداق ئۇيغۇرلار ئارقىلىق چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى جاسۇسلۇققا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى ھەمدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر بايان قىلىندى.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئۇنچە قىزىقىپ كەتمىسىمۇ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى جاسۇسلۇققا زورلىغاندەك قىياپەتتە ئىش كۆرۈپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە گۇمان ئۇرۇقى چېچىۋېتىش ۋە ئۇلارنى تېخىمۇ قورقۇتۇشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن. ژۇرنالىست مېخا ماقالىسىدە بۇنداق كونكرېت مىساللارنى كۆرسەتكەن.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئۆمەر قانات بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «خىتاي مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ يىپتەك باشقۇرۇشنى ئىستىمەكتە» دېدى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ب د ت غا كىرگۈزمەسلىك پىلانى ئاقمىدى

خىتاي، رۇسىيە ۋە پاكىستان قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئوتتۇرىغا قويغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ب د ت دا سۆزلىشىنى كونترول قىلىش ھەققىدىكى لايىھەسى 6-ئىيۇل كۈنى ئاۋازغا قويۇلۇپ رەت قىلىندى.

خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ د ئۇ ق خادىملىرىنى ب د ت بىناسىغا يېقىن كەلتۈرمەسلىك ھەققىدىكى تەلىپىمۇ ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، «ھەققانىي رەۋىشتىكى ئۇيغۇر داۋاسى قىسمەن ئېگىز-پەسلىكلەرگە دۇچ كەلسىمۇ، ئاخىرى چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ» دېدى.

تايلاندتىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىق چۇقانلىرى كۈچەيدى

2017‏-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تايلاند مۇساپىرلار مەركىزىدىن قېچىپ، مالايشىيا چېگراسىغا كىرگەن 11 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىر يېقىندا مالايشىيا سوت مەھكىمىسىگە چاقىرىلغان. ئەمما بۇ تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتى سوتنى كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، سوت ۋاقتى 7-ئاينىڭ ئاخىرىغا كېچىكتۈرۈلگەن.

ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ چەتئەلگە قېچىپ چىقىشى خەلقئارادا چوڭ غۇلغۇلا قوزغىغان. خىتايمۇ بۇنىڭغا ماس ھالدا بۇ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېتىپ، «تېررورلۇق» جىنايەت بىلەن ئەيىبلىمەكچى بولغان ئىدى.

يېقىندا مالايشىيادىكى ئالاقىدار تەرەپلەر، جۈملىدىن بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى مالايشىيا ھۆكۈمىتىگە مەكتۇپ سۇنۇپ، بۇ ئۇيغۇر قاچقۇنلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىردى.

خىتاي-گېرمانىيە سۆھبىتى جەريانىدا گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى پائالىيەتلەرنى جانلاندۇردى

«گېرمانىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات دىئالوگى» نىڭ ئالدى-كەينىدە گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى تەشكىللەش، شۇنىڭدەك بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە مەلۇماتلار بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەتنى ئاڭلاتقان.

سۆھبەت ھارپىسىدا گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇلى ئەنۋەرجان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان. شۇنىڭدەك گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل خانىمغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنىڭدىن سۆھبەت جەريانىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ سۆھبەت ئۈچۈن گېرمانىيەگە يېتىپ كەلگەندە گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۇنىڭغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى خەلقئارانىڭ زور دىققىتىنى قوزغىماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي كونتروللۇق ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرى بارغانسېرى خەلقئارا جامائەتنىڭ زور دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە.

مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدىلا ئامېرىكىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ھەرقايسى ئاقىللار ئامبىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت، بولۇپمۇ «ئۆگىنىش مەركەزلىرى» نامىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ھەققىدە كۆپلەپ ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، دۇنيا جامائىتىگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلار بەردى.

ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەردىن دىريېۋ جونېس بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلارنى «ناتسىست ئۇسلۇبىدىكى تەقىبلەش سىياسىتى» دەپ ئاتىدى.

تولۇق بەت