ھەپتىلىك خەۋەرلەر (14-ئىيۇلدىن 20-ئىيۇلغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-07-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

مەھبۇبە ئابلا ئائىلىسىنىڭ قىسمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئەكس ئەتتۈردى

يېقىندا غۇلجىدىكى ئابلاجان ھەبىبۇللا ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەر ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتىدە دىنىي ئېتىقاد ئامىللىرىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى بولۇۋاتقانلىقى كۆرسەتتى.

ھازىر ئاۋسترىيەدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان مەھبۇبە ئابلانىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن يىلى ئۇنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق ئانىسى ۋە 28 ياشقا كىرگەن ئىنىسى نورمال دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەن. بۇ يىلنىڭ بېشىدا ھەر ئىككىيلەن «دىنىي ئەسەبىيلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.

مەھبۇبە بۇ ئەھۋاللارنى مەتبۇئاتقا ئاشكارىلاش ئارقىلىق مۇشۇ خىلدىكى قىسمەتلەرگە دۇچ كەلگەن باشقا ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىمۇ دادىللىق بىلەن زۇلۇمغا قارشى سۆز قىلىشقا دەۋەت قىلدى.

ئىلھام توختى مەسىلىسى داۋاملىق دىققەت قوزغىماقتا

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرى ئۈچۈن سۆز قىلغانلىقى سەۋەبلىك مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى داۋاملىق جامائەتنىڭ دىققىتىدە بولماقتا.

ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىدىن بېيجىڭدىكى ھوقۇق قوغدىغۇچىسى خۇ جيا، ئامېرىكىدىكى «خىتايدا ئۆزگىرىش» تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ساۋ ياشۆ ۋە گېرمانىيەدىكى ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى مەسئۇلى ئەنۋەرجان يېقىندا مۇخبىرىمىزغا سۆز قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشىدا خەلقئارا جامائەتنىڭ خىتايغا بېسىم قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

خۇ جيا بۇ ھەقتە توختىلىپ، «ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەن ليۇ شياۋبوغا ئوخشاش تەقدىرگە مۇپتىلا بولۇشىدىن ئەنسىرەيمەن» دېدى.

ئەنۋەرجان ۋە ساۋ ياشۆ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ئىلھام توختىنى داۋاملىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئوخشاش خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا نامزاتلىققا كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېمىلىي فېڭ ئۇيغۇر دىيارىدا كۆرگەنلىرىدىن مەلۇماتلار بەردى

خەلقئارادىكى داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن بىرى بولغان «پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئېمىلىي فېڭ خانىم يېقىندا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىۋاسىتە زىيارىتى ھەققىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە مەلۇماتلار بەردى.

ئۇ بۇ ھەقتىكى رادىيو پروگراممىسىدا نۇقتىلىق قىلىپ، «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» گە قامالغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى قانداق قاباھەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە جانلىق ۋە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى.

ئۇ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار قاتارىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنىڭ نۆۋەتتە «ساقچى دۆلىتى» سىستېمىسى بويىچە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئېغىر ۋە قاراڭغۇ سايە تاشلاۋاتقان بىر ھادىسە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئالمۇتادا ئۇيغۇر مۆتىۋىرى باتۇر ئەرشىدىنوف ياد ئېتىلدى

13-ئىيۇلدا سابىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسى» نىڭ ئوفىتسېرى، ئالىم ۋە يازغۇچى باتۇر ئەرشىدىنوف ئالمۇتادا 92 يېشىدا ۋاپات بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ قاتناشقۇچىسى، مىللىي ھەربىي مەكتىپى ۋە باش قوماندانلىق شتابتا خىزمەت قىلغان باتۇر ئەرشىدىنوف، 1960-يىللارغا قەدەر غۇلجا، قەشقەر، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا ھەربىي ۋە مەمۇرىي خىزمەتلەردە بولغان. 1961-يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساھەسىدە خىزمەت قىلغان.

ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن مەرھۇمنىڭ يەتتە نەزىرىدە ئالمۇتادىكى ئۇيغۇر جامائىتى باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ ھايات مۇساپىسىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەپ چىقتى ھەمدە ئۇنىڭغا يۈكسەك باھا بەردى.

مەرھۇمنىڭ خىزمەتداشلىرى ۋە شاگىرتلىرى ئۇنىڭ ئەدەبىيات ۋە فولكلور تەتقىقاتى ساھەسىدە قىلغان خىزمەتلىرىنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەپ، ئۇنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور بىر يوقىتىش بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ كەلگۈسى ئىزباسارلىرىنى نۆۋەتتىكى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى يېقىندا تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

16-قېتىملىق بۇ كۇرسقا ئەللىككە يېقىن ئوقۇغۇچى ۋە مۇتەخەسسىس ئىشتىراك قىلدى. د ئۇ ق، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار مۇنبىرى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى بۇ يىغىندا سۆز قىلدى.

كۇرسانتلار بۇ جەرياندا «شەرقىي تۈركىستان تارىخى»، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى»، «خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرى داۋاسى»، قاتارلىق ساھەلەر بويىچە لېكسىيە ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشتى. بۇ قېتىملىق كۇرسقا قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلىرى قېتىم ئۆزلىرىنىڭ كۆپلىگەن يېڭى بىلىملەرنى ئۆگەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا شەرقتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلماقتا

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە باغلاش ئارقىلىق قوشلاپ پايدا ئالماقچى بولۇۋاتقانلىقى ئاشكارا بولماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورناتماقتا ئىكەن. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق ھەم ئۆزلىرىنىڭ نېفىت ئىمپورت مەنبەسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ھەم بۇ مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن «دوست» بولۇۋېلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېچقانداق سۆز قىلماسلىققا كۆندۈرمەكتە ئىكەن.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ ئەل بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە پۈتۈشكەن.

ئۇيغۇر دىنىي ئالىملاردىن ئاتاۋۇللا شەھيارى خىتاي سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ‹شەرقىي تۈركىستان تېرورچىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ياردەم مەنبەسى› دەپ قارايدۇ» دېدى.

تولۇق بەت