ھەپتىلىك خەۋەرلەر (20-ئىيۇلدىن 27-ئىيۇلغىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2018-07-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

26-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى تەقىب ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ھەققىدە كۆلىمى زور بولغان بىر قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنىغا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماركو رۇبىيو بىلەن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى كرىستوفېر سىمىس رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىدىن ئانتونىي كرىستىنو، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار بويىچە ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى كېللىي كۇررىي خانىملار مۇھىم سۆز قىلدى. تارىخچى ريان سام، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى گۈلچېھرە خوجا قاتارلىقلار ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر تەقىپلەر ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئۆتكەن بىر ھەپتە ۋاشىنگتوندا مۇھىم پائالىيەتلەردە بولدى

ئۆتكەن بىر ھەپتە جەريانىدا ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا دىنىي ئەركىنلىك بويىچە بىر قاتار مۇھىم يىغىنلار بولۇپ ئۆتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدا ئۇيغۇرلار توغرىلىق دوكلات بەردى ۋە ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن بىر قاتار مۇھىم كۆرۈشۈشلەردە بولدى.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن 23-ئىيۇل كۈنى ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان «ئاسىيادىكى دىنىي تەقىبلەر» ناملىق يىغىندا سېناتور تېد كرۇز قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس شائىر تاھىر ھامۇتنى قوبۇل قىلدى

23-ئىيۇلدىن 26-ئىيۇلغىچە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۇيۇشتۇرغان «دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش» يىغىنىغا شائىر تاھىر ھامۇت ئۇيغۇر ۋەكىلى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىندى.

تاھىر ھامۇت ئەپەندى يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىي ۋە دىنىي تەقىپلەر ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. 26-ئىيۇل كۈنى تاھىر ھامۇت ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنسنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى ۋە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئۈچ تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇئاۋىن پرېزىدېنت مايك پەنس مەزكۇر يىغىندا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا مىڭلىغان، يۈزلىگەن ھەتتا مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ئاتالمىش «سىياسىي تەربىيە» گە تۇتۇلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئىستانبۇلدا «10-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» بولۇپ ئۆتتى

باش شتابى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «10-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» 23-ئىيۇلدىن 26-ئىيۇلغىچە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.

4 كۈن داۋاملاشقان بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىرى، تەتقىقاتچىلار ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەر جىددىي مۇھاكىمىلەر ئېلىپ باردى. يىغىندا نۆۋەتتىكى پەۋقۇلئاددە ۋەزىيەتتە مىللىي بىرلىك مەسىلىسىنى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

بۇ قېتىملىق «قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» نىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا «شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى دوستلۇق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىندى.

مالايشىيا تەپتىش دائىرىلىرى 11 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇننى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

25-ئىيۇل كۈنى مالايشىيا تەپتىش دائىرىلىرى مالايشىيادا «چېگرادىن قانۇنسىز كىرىش» جىنايىتى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 11 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ ئاخىرقى سوت قارارى چىققۇچە ئۇلارنىڭ مالايشىيادا داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ 11 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىر بۇنىڭدىن 4 يىل ئىلگىرى تايلاند تۈرمىسىدىن قېچىپ مالايشىياغا كىرگەندە مالايشىيا ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلار ئىدى.

بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بىلەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مەزكۇر ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ مالايشىيادا داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنى ئىجابىي نۇقتىدىن كۆزەتكەن. ئۇلار مالايشىيادا يېڭىدىن تەختكە چىققان ماھاتېر ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىقى، ھەتتا كەلگۈسىدە ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە قويۇپ بېرىشى مۇمكىن دەپ قارىماقتىكەن.

تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابى ئەرەب تىلىدا نەشر قىلىندى

مەرھۇم تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابى يېقىندا ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئىستانبۇلدىكى «تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى» تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.

ئۇيغۇر دىيارىدا مىللىي ۋە دىنىي زۇلۇم مىسلىسىز كۈچەيگەن، ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر كىتابلار چەكلىنىۋاتقان، دۇنيادا ئۇيغۇر مەسىلىسى جىددىي رەۋىشتە خەلقئارالىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابىنىڭ ئەرەب تىلىدا نەشر قىلىنىشى مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا دىققەت قوزغىماقتىكەن.

مەلۇمكى، تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابى 1989-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى 1990-يىلى تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» قاتارلىق 3 كىتابىغا ھۇجۇم قوزغاپ، قاتتىق چەكلىگەن ئىدى.

تولۇق بەت