ھەپتىلىك خەۋەرلەر (27-ئىيۇلدىن 2-ئاۋغۇستقىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-08-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
2020-يىللىق پرېزىدېنتلىق سايلىمى كاندىداتلىق يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 1-ئاۋغۇست.
2020-يىللىق پرېزىدېنتلىق سايلىمى كاندىداتلىق يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 1-ئاۋغۇست.
Photo: RFA

خىتاينىڭ «لاگېردىكىلەرنى قويۇۋەتكەنلىكى» زور غۇلغۇلا قوزغىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئارقىلىق «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە قامالغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى. ئەمما خەلقئارا جامائەت بۇنىڭغا بولغان كۈچلۈك گۇمانلىرىنى ئىپادىلەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ ھەقتىكى ھەقىقىي ئىسپاتلارنى كۆرسىتىشكە چاقىردى.

رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ قۇمۇل، خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى ئەھۋال ئېنىقلىشى جەريانىدا لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ بىر پىرسەنتكىمۇ بارمايدىغانلىقى ئايدىڭلاشتى.

مۇھاجىرەتتىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ «90 پىرسەنتنى ئىسپاتلا!» چاقىرىقىنى باشلىدى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم دۇنيانى ئالدىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

زىننەتگۈل تۇرسۇننىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى ئايدىڭلاشتى

يېقىندا تۈركىيەدە پاناھلىنىۋاتقان زىننەتگۈل تۇرسۇننىڭ ئىككى بالىسى بىلەن خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر مەلۇم بولماقتا. خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى زىننەتگۈل تۇرسۇن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئايالنى «تاجىكىستان پۇقراسى» دېگەن نامدا تاجىكىستانغا قايتۇرۇۋەتكەن.

زىننەتگۈلنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ھەدىسى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، غۇلجىدىكى ساقچىلارنىڭ زىننەتگۈلنىڭ ئىككى بالىسىنى ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرىغا ئەكېلىپ بەرگەنلىكىنى، ئەمما زىننەتگۈلنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، زىننەتگۈل تۇرسۇن ئىسىملىك ئايالنىڭ چېگرادىن چىقمىغانلىقىنى، ئۇلار تاجىكىستانغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئايالنىڭ تاجىكىستان پۇقراسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر مەسىلىسى ئامېرىكادىكى پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا مۇھىم تېمىلاردىن بولدى

ئامېرىكانىڭ 2020-يىلىدىكى پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قاتنىشىدىغان دېموكراتىك پارتىيە نامزاتلىرى سايلام ھەققىدىكى مۇنازىرە پائالىيىتىنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئەڭ مۇھىم سوئاللارنىڭ بىرى بولدى.

مۇنازىرىدە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ۋە خوڭكوڭنىڭ ۋەزىيىتى ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟» دېگەن سوئالغا ھەرقايسى نامزاتلار بىر-بىرلەپ ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى. ۋېرمونت شتاتىنىڭ سېناتورى بېرنىي سەندېرس بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «بۇ ھال ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يېڭى ئىلگىرىلەش. شۇنداقلا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرىدە ئاساسىي ئېقىم مەسىلىسىگە ئايلىنىشى ئۈچۈن ئىجابىي قىممەتكە ئىگە،» دېدى.

خېنەندىكى تۈرمىلەرگە يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر تۇتقۇنلار يۆتكەپ كېلىنگەن

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەش جەريانىدا بىر قىسىم مەھبۇسلارنى خېنەن ئۆلكىسىدىكى تۈرمىلەرگە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى مەلۇم بولدى. «زىمىستان» تورىنىڭ خەۋىرىدە ئىككى مىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ خېنەنگە ئېلىپ كېلىنگەنلىكى ئېيتىلىدۇ.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭدىن يۆتكەلگەن مەھبۇسلارنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى» نامىدا مەخسۇس ئىشخانا تەسىس قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى. شۇنداقلا ئالاقىدار خادىملار خېنەنگە يۆتكەلگەن بۇ ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ «تېررورچى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەھبۇسلار 24 سائەت كويزا-كىشەن بىلەن قامىلىدىغان بولۇپ، نارازىلىق بىلدۈرگەنلەرنى خىتاي ساقچىلار ھەرقاچان نەق مەيداندىلا ئېتىۋېتىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن.

«ئېلىشقۇ ۋەقەسى» نىڭ پاراكەندىچىلىكى ھازىرمۇ تۈگىمىگەن

بۇنىڭدىن بەش يىل ئىلگىرى يەكەننىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىدا بىر مەيدان قىرغىنچىلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ قېتىملىق ۋەقەدە يۈزگە يېقىن كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

يېقىندا شۇ ۋەقەنىڭ بولغىنىغا بەش يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، شۇ كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ياردەملىشىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا بارغان ئابلىمىت ئۆمەرنىڭ ھازىر «دىنىي ئەسەبىيلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

«ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە تاشقى دۇنياغا ئۇچۇر يوللىغان ئابابەكرى مۇھەممەد ئەينى ۋاقىتتا «چەتئەلگە ئۇچۇر يوللىغان» دەپ ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى. يېقىندا ئۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى دادىسى ئۇنىڭغا توققۇز يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

پەلەستىن ۋە ئىراننىڭ خىتاينى قوللىغان 37 دۆلەتكە قوشۇلۇشى دىققەت قوزغىماقتا

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى 50 دۆلەتنىڭ ئۆزلىرى يولغا قويغان «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ھەرىكىتىنى قوللاپ بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەجەبلىنەرلىك يېرى، بۇ دۆلەتلەر قاتارىغا ئىران، پەلەستىن، ئىراق قاتارلىق ئىسلام ئەللىرىنىڭ قوشۇلۇشى زور دىققەت قوزغىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق بىر قىسىم ئىسلام دۆلەتلىرى خىتاينى قوللاش باياناتىغا ئىمزا قويغاندىلا كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىغان ئىدى. ئەمدىلىكتە ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئازادلىق كۈرىشىگە ئاتلانغان پەلەستىننىڭمۇ بۇ سەپكە قوشۇلۇشى خەلقئارادا غۇلغۇلا قوزغىدى.

خەلقئارادىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ھەقتە ئوبزور ۋە ماقالىلەر ئېلان قىلىپ «غەرب دۇنياسى ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىۋاتقاندا مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ خىتايغا يان بېسىشى ھەقىقەتەنمۇ بىر پاجىئە،» دەپ كۆرسەتتى.

تولۇق بەت