ھەپتىلىك خەۋەرلەر (3-ئاۋغۇستتىن 10-ئاۋغۇستقىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2018-08-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

كۇچا ناھىيە بازىرىدا 3 ئورۇندا لاگېر بارلىقى، تۆتىنچىسىنىڭ قۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

رادىيومىزنىڭ كۇچا ناھىيىسىدىن ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا، كۇچا ناھىيە بازىرىدا 3 ئورۇندا يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ بارلىقى، ‏ھازىر تۆتىنچىسىنىڭ قۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. 

ئالاقىدار ساقچى خادىمى كۇچا ناھىيە بازىرىدىلا 45 مىڭ كىشىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە 10 مىڭدىن 15 مىڭغىچە كىشىنىڭ كۇچادىكى 3-يىغىۋېلىش لاگېرىغا سولانغان بولۇشى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

كۇچادىكى ئالاقىدار خادىملارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە كۇچادا سېمونت بىلەن قاتۇرۇلغان 3 قەۋەتلىك زاراتگاھلىق ياسىماقتىكەن.

د ئۇ ق نىڭ ب د ت دىكى پائالىيەتلىرى جىددىي داۋام قىلدۇرماقتا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ئۆمەك 6-ئاۋغۇستتىن بۇيان ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش شتابىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە ئۆز پائالىيەتلىرىنى جىددىي قانات يايدۇرماقتا.

نۆۋەتتە ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى يوقىتىش كومىتېتىنىڭ 96-نۆۋەتلىك يىغىنى جەنۋەدە ئېچىلىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر يىغىندا خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 9 دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى كۆزدىن كۆچۈرۈلىدىكەن.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا قۇرۇلتاي نامىدىن ب د ت غا مەخسۇس دوكلات سۇنغانلىقىنى، يىغىن جەريانىدا خىتاينى ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى بويىچە جاۋاب بېرىشكە قىستايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى ھەققىدىكى دوكلات كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلدى

ب د ت نىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى 96-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلىش ھارپىسىدا «خىتاي ئىنسان ھەقلىرى ھىمايىچىلىرى» ناملىق تەشكىلات ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان كىشىلەرنىڭ سانى ھەققىدە ئەڭ يېڭى دوكلات ئېلان قىلدى.

«خىتايدا غايەت زور ساندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەر مەجبۇرىي ‹قايتا تەربىيە› گە دۇچ كەلمەكتە» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ دوكلاتتا نۆۋەتتە لاگېرلارغا قامالغان ۋە مەجبۇرىي شەكىلدىكى ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ ئاللىقاچان ئۈچ مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكى پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 

مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خەلقئارادىكى چوڭ تاراتقۇلاردا ئۇلاپ خەۋەر قىلىنىپ، كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلدى.

خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى ھەرىكىتى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا

يېقىندىن بۇيان خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ يەر شارى مىقياسىدىكى ئۇچۇر توپلاش، تېخنىكا ئوغرىلاش شۇنىڭدەك چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر، تىبەت سىياسىي ئاكتىپلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات يىغىش ھەرىكىتى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

«خېلسىنكى ۋاقتى» گېزىتى 9-ئاۋغۇست كۈنى مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ فىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر ئۈستىدىن ئۇچۇر توپلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

9-ئاۋغۇست كۈنى يەنە ئامېرىكىدا چىقىدىغان «پولىتىكو» گېزىتىمۇ پرېزىدېنت ترامپنىڭ «ئامېرىكىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىدۇ،» دېگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لاگېردىن قاچقان پەيزۇللا ئۇتۇقنىڭ ئېتىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى

رادىيومىز بۇ يىل 4-ئايدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «دوختۇرخانىدىن قاچقان» دېيىلگەن، ئەمما يەرلىك ئاھالىلەر «لاگېردىن قاچقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن قورغاس كۆكدالالىق پەيزۇللا ئۇتۇق ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدى. خەۋەردە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بىر ھەپتىلىك ئاختۇرۇش ئوپېراتسىيەسى داۋامىدا پەيزۇللا ئۇتۇقنى قايتا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

ھالبۇكى، 2-ئاۋغۇست كۈنى «زىمىستان» ناملىق خەلقئارالىق ئاخبارات ژۇرنىلى پەيزۇللا ئۇتۇق ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قوغلاپ تۇتۇش ئوپېراتسىيەنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. 

ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئانا تىل ۋە مىللىي كىملىكىنى ساقلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە

ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن سىرتىدىكى ئەڭ كۆپ جامائىتى قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ياشىماقتا. خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش ۋە ئېتنىك يوقىتىش سىياسىتى كۈچەيگەنسېرى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاش ئىرادىسى شۇنچە ئاشماقتا.

يېقىندا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلار توپلىرى ئۇيۇشۇپ بىشكەك شەھىرىدە «ياشلىق ئاۋازى» ناملىق بىلىم ۋە زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن. مۇسابىقىدە ئۇيغۇر تارىخى، كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر سوئال-جاۋابلار ئاساسىي تېما قىلىنغان. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە مائارىپچىلارمۇ يېقىندا ئالمۇتا قېشىدىكى قاراتورۇق يېزىسىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى ساقلاپ قېلىش ھەققىدە جىددىي مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان.

تولۇق بەت