ھەپتىلىك خەۋەرلەر (11-ئاۋغۇستتىن 17-ئاۋغۇستقىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-08-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

ئۇيغۇر مائارىپ ساھەسىدىكى سەرخىللەر داۋاملىق تۇتقۇن ئوبيېكتى بولماقتا

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشتا مائارىپ ساھەسىدىكى سەرخىللەرنىڭ ئاساسلىق نىشان بولۇۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر مائارىپىنى گۈللەندۈرۈشكە ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن ئۆز مەبلىغى بىلەن «خالىس فوندى جەمئىيىتى» نى تەسىس قىلغان مەرىپەتپەرۋەر سودىگەر ئابلىمىت خالىس ھاجىمنى بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئىلگىرى خىتاي مەخپىي ساقچىلىرى تۇتقۇن قىلغان.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فولكلور پەنلىرى پروفېسسورى راھىلە داۋۇتنىڭ بۇنىڭدىن سەككىز ئاي ئىلگىرى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەر ساھە كىشىلىرىنى قاتتىق چۆچۈتتى. «ئامېرىكا ئىنسانشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى» بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسىگە مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنىڭ ئىزدەك-سورىقىنى قىلىش لازىملىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دىكى يالغانچىلىقى پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇردى

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ «سىياسىي جەھەتتىن ئۆزگەرتىش» ھەرىكىتىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن پاكىتلىق مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.

13-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى جەنۋەدىكى ب د ت يىغىنىدا «بىزدە جازا لاگېرى دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس» دەپ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارا بولغان شۇنچە زور ۋەقەنى كۆزىنى يۇمۇپلا ئىنكار قىلىشى خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغىدى. پائالىيەتچىلەر ۋە مەتبۇئات ساھەسى بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، بۇ ھالنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا تېخىمۇ ياخشى بىلىنىشىگە يول ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خوتەندىكى مەسچىت چېقىش ھەرىكىتى داۋام قىلماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ھەرىكىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد پائالىيىتى ئۈچۈن مۇھىم سورۇن بولغان مەسچىتلەرنى چېقىشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا خوتەندە مەسچىت چېقىش دولقۇنىنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقانلىقى، بۇ جەرياندا خوتەندىكى بەيتۇللا ۋە بەيتۇلمەمۇر مەسچىتى قاتارلىق 10 نەچچە قەدىمىي مەسچىتنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارا بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، چېقىپ تاشلانغان بۇ مەسچىتلەر بىردەك نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ مەسچىتلەرنىڭ ئورنىغا ساقچىخانا ۋە زاۋۇت قۇرۇلماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇرلار خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئومۇميۈزلۈك قوغلانماقتا

يېقىندا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىجارە ئۆي ئېلىشىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» بويىچە بىر ياقلىق قىلىنىدىغانلىقى ئاشكارا بولدى.

ئۆتكەن ھەپتە خېنەن ئۆلكىسى جېنپىڭ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تارقاتقان بىر ئۇقتۇرۇشتا ئۈچ ئۇيغۇر ناۋايغا ئۆيىنى ئىجارە بەرگەن خىتاينى ساقچىلارنىڭ تۇتقانلىقى، ئۆي ئىجارە ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا «تەربىيە» ئۈچۈن يۇرتىغا قايتۇرۇلغانلىقى ئېيتىلىدۇ.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ ئۆي ئىجارە ئېلىشتەك كىچىك بىر ئىشنى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» غا تەتبىقلاش ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دېدى.

ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە شى جىنپىڭنىڭ رەسىمىنى ئېسىش ئومۇملاشماقتا

يېقىندا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زور كۆلەملىك «مېڭە يۇيۇش» ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەسىمىنى ئېسىش ئومۇملىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا بۇ ھادىسىنىڭ بىر قىسىم جايلاردا خېلى بۇرۇنلا باشلىنىپ بولغانلىقى ئاشكارا بولدى. بەزى جايلاردا بولسا شى جىنپىڭنىڭ رەسىمى گىلەم قىلىپ توقۇلغان ۋە ھۆكۈمەت ئىشخانىلىرىغا ئېسىلغان.
ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، بۇ ھالنى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرىدىكى قىزىل تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشى، دېدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئۆز تىراگېدىيەلىرىدىن گۇۋاھلىق بېرىشكە باشلىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە مىڭلىغان ئائىلىلەرنىڭ خانىۋەيران بولغانلىقى ۋە تۈرلۈك سورۇقچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكى مەلۇم. ئەمما بۇ ھادىسىلەر ئىزچىل تاشقى دۇنياغا نامەلۇم ھالەتتە بولۇپ كەلگەن ئىدى.

ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار سۈكۈتنى بۇزۇپ، ناھەق ھالدا خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ياكى تۈرمىلىرىگە قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشقا باشلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ھەرقانداق ئۇيغۇرنى ئۇلارنىڭ سىياسىي مەيدانىنىڭ قانداق بولۇشىغا قاراپ ئولتۇرماستىن ھۇجۇم نىشانى قىلىشى نۆۋەتتە بارغانسېرى كۆپ ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى بۇ سەپكە قوشۇلۇشقا ئۈندىمەكتە ئىكەن.

تولۇق بەت