ھەپتىلىك خەۋەرلەر (1-سېنتەبىردىن 7-سېنتەبىرگىچە)

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-09-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

«شىنجاڭ گېزىتى» ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ 4 خادىمى تۇتقۇن قىلىنغان

يېقىندا «شىنجاڭ گېزىتى» ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ باش مۇھەررىرى ئىلھام ۋەلى قاتارلىق 4 ئۇيغۇر خادىم «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان.

مۇخبىرىمىزنىڭ مەزكۇر گېزىتخانا خادىملىرىدىن ئىگىلىشىچە، باش مۇھەررىر ئىلھام ۋەلى 7-ئاينىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى تۇتقۇن قىلىنغان.

ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ھەرقايسى تارماق بۆلۈم مۇدىرلىرىدىن مىركامىل ئابلىمىت، مەمتىمىن ئوبۇل ۋە جۈرئەت ھاجىلار 8-ئاينىڭ 6-كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇلار تۇتۇلغاندا گېزىتخانىدا چوڭ يىغىن ئېچىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىدا قوللىرىغا «كويزا سېلىنىپ» مېڭىلغان.

بۇ تۆت نەپەر خادىمنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن بۇ گېزىتخانىغا كەلگەن بىر خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن كېيىن باشلانغان ئىكەن.

سېدنىي شەھىرىدە راك مۇقامى ياڭرىدى

2-سېنتەبىر كۈنى، ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدىكى رىۋېرسايىد تىياتىر سارىيىدا راك مۇقامى كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ، «ئون ئىككى مۇقام» نىڭ سىدنېيدىكى چوڭ سەھنىدە تۇنجى قېتىم ئورۇندىلىشى ئىكەن. راك مۇقامىنى ئورۇنداشقا تونۇلغان ئۇيغۇر مۇزىكانت شۆھرەت تۇرسۇن بىلەن داڭلىق داپچى تاھىر ئىمىنلەر باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ۋە ئاۋسترالىيەلىك مۇزىكانتلار ئىشتىراك قىلغان.

ئۇيغۇر دىيارىدا نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتى ئېغىر تەھدىتكە يۈزلەنگەن بىر ۋەزىيەتتە سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغان مۇقام، مەيداندىكى يۈزلىگەن ئۇيغۇر ۋە ئاۋسترالىيەلىك تاماشىبىنلارنى ھاياجانغا سالغان.

«سىدنېي ئەتىگەنلىك خەۋەرچى گېزىتى» دە 3-سېنتەبىر كۈنى بۇ كېچىلىكنى «ئەركىنلىكنىڭ مۇزىكىدىنمۇ كۈچلۈك ئىپادىلىنىشى يوقتۇر» دېگەن جۈملىلەر بىلەن تونۇشتۇرۇلدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆچمەن خىتايلار نوپۇسقا تىزىملىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈلمەكتە

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ توقسۇ ناھىيەلىك پارتكومى ۋە ھۆكۈمەت بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئىلگىرى «سىرتتىن كەلگەن نوپۇسنى تىزىمغا ئالدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش چارىسى» نى ئېلان قىلىپ، خىتاي كۆچمەن ئاھالىلەرنى نوپۇسقا ئالدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرغان.

ئۇقتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىچكىرىدىن كەلگەن خىتاي كۆچمەن نوپۇسلار پاراۋانلىق، داۋالىنىش، ئولتۇراق ئۆي، بالىلىرىنى مەكتەپكە بېرىشتە يەرلىكلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە كۆرگەندىن سىرت، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىشلىرىغا ۋە يەرلەرنى ھۆددىگە ئېلىشىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىدىكەن؛ ئاممىۋى مۇلازىمەت ياكى ئالاھىدە كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى خىتايلار جىسمانىي جەھەتتىن قوغداش مۇلازىمىتىگە ئېرىشىدىكەن.

يېڭىباغ يېزىسىدا ئاز دېگەندە 7 كىشىنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيەسى يېڭىباغ يېزىسىدىن تەربىيەلەشكە ئەكېتىلگەنلەردىن ئاز دېگەندە يەتتە نەپەر كىشىنىڭ لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى ئاشكارىلاندى. لاگېردا ئۆلگەن 7 كىشىنىڭ يېشىنىڭ 31 ياش بىلەن 42 ياش ئارىسىدا ئىكەنلىكى مەلۇم.

بۇ 7 كىشىنىڭ ئۆلۈمى ئۇلارنىڭ بانكىغا قەرزى بولغانلىقى ئۈچۈن تاسادىپىي ئاشكارىلىنىپ قالدى. بانكا خادىمى ئۇلار ئۆلگەنلىكى ئۈچۈن قەرزىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

يېڭىباغ يېزىسى كېرىيە ناھىيە بازىرىدىن 10 كىلومېتىر ئۇزاقلىققا جايلاشقان، نوپۇسى 10 مىڭغا بارمايدىغان كىچىك يېزىلاردىن بىرى. بۇ يېزىدىن زادى قانچىلىك كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

«خىتايدىكى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش» مۇھاكىمە يىغىنى

5‏-سېنتەبىر كۈنى، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى تەتقىقات مەركەزلىرىدىن بولغان «خۇدسون ئىنستىتۇتى» دا «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشى ۋە شىنجاڭدىكى جىددىي ۋەزىيەت» تېمىسىدا بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.

يىغىندا ئوخشىمىغان ساھەلەردىن كەلگەن ئالىم ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى» نىڭ تېگى-تەكتىنى مۇھاكىمە قىلدى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىۋاتقان «تېررورلۇققا قارشى جەڭ» داۋرىڭى «تېررورلۇق» نىڭ خەلقئارادا بىرلىككە كەلگەن تەبىرىگە زادىلا ماس كەلمەيدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش» شوئارى خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى چۈشەنچىسىگە سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، خەلقئارا جامائەتنى توغرا يېتەكلەشتە كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى ئىشلەش زۆرۈر ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر مازارلىقلىرىنى قەۋەتلىك قىلىپ ئۆزگەرتمەكتىكەن

رادىيومىزنىڭ ئاقسۇ شەھەرلىك دەپنە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش پونكىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاقسۇدىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى بولغان «يېڭى ئاۋات قەبرىستانلىقى» دا زاپاس يەرلىك سېتىپ بېرىش توختىتىلغان، مەۋجۇت قەبرىستانلىق دائىرىسىدە پۈتۈن گۆرلۈكلەر يەر ئاستىغا قاراپ كولىنىپ، 3 قەۋەت قىلىپ ياسىلىشقا باشلىغان.

ھازىر بۇ قەبرىستانلىقلاردىكى ئىلگىرى دەپنە قىلىنغان مېيىتلار يېڭىدىن ياسالغان قەۋەتلىك مازارلىقلارغا كۆچۈرۈلمەكتە ئىكەن. بۇ ھەقتە بىز ئۈرۈمچىدىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىدىنمۇ ئوخشاش جاۋابنى ئالدۇق.

دائىرىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ دەپنە قىلىش قائىدە-يوسۇنلىرى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ ھادىسىگە «يەر تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراش» نى باھانە قىلغان. قەبرە تېشىغا مېيىتنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئاي-يۇلتۇز بەلگىلىرى، ئىسلامىي سىمۋول ياكى ئايەتلەرنى يېزىشمۇ چەكلەنگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت